< زەبۇر 6 >
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار ھەم سەككىز تارلىق ئارفا بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگار، غەزىپىڭ تۇتقاندا مېنى ئەيىبلىمە؛ قەھرىڭ كەلگەندە مېنى ئەدەپلىمە. | 1 |
【懺悔的懇禱】 達味詩歌,交與樂官,和以絃樂,八度低音。 上主,求你不要在震怒中責罰我,不要在氣憤中懲戒我。
ماڭا شاپائەت قىلغىن، ئى پەرۋەردىگار، چۈنكى مەن زەئىپلىشىپ كەتتىم؛ ئى پەرۋەردىگار، مېنى ساقايتقىن، چۈنكى مېنىڭ ئۇستىخانلىرىم ۋەھىمىگە چۈشتى. | 2 |
上主,我的體力衰弱,求你憐恤我;上主,我的骨骸戰慄,求你醫治我;
مېنىڭ جېنىم دەھشەتلىك دەككە-دۈككىگە چۈشتى؛ ئى پەرۋەردىگار، قاچانغىچە شۇنداق بولىدۇ؟ | 3 |
我的靈魂萬分痛苦,上主,何時才能結束?
يېنىمغا قايت، ئى پەرۋەردىگار، جېنىمنى ئازاد قىلغايسەن، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئۈچۈن مېنى قۇتقۇزغىن. | 4 |
上主,請你回來援助我,因了你的慈愛解救我。
چۈنكى ئۆلۈمدە بولسا ساڭا سېغىنىشلار يوق؛ تەھتىسارادا كىم ساڭا تەشەككۈرلەرنى ئېيتسۇن؟ (Sheol ) | 5 |
因為,在死亡中,沒有人想念你;在陰府裏,還有誰稱頌你? (Sheol )
مېنىڭ ئۇھ تارتىشلىرىمدىن ماغدۇرۇم قالمىدى؛ تۈن بويى ئورۇن-كۆرپەمنى كۆلچەك قىلىمەن؛ ياشلىرىم بىلەن كارىۋىتىمنى چۆكتۈرىمەن. | 6 |
我已哭泣疲憊,每天夜裏,常以眼淚浸濕我的床鋪,常以鼻涕流透我的被褥。
دەردلەردىن كۆزۈم خىرەلىشىپ كەتتى؛ بارلىق كۈشەندىلىرىم تۈپەيلىدىن كۆزۈم كاردىن چىقىۋاتىدۇ. | 7 |
我的眼睛因憂傷而昏盲,為了仇敵眾多甚感惆悵。
ئى قەبىھلىك قىلغۇچىلار، ھەممىڭلار مەندىن نېرى بولۇڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار يىغا ئاۋازىمنى ئاڭلىدى. | 8 |
作奸犯科的人快快遠離我,因為上主聽見了我的悲號;
پەرۋەردىگار تىلاۋىتىمنى ئاڭلىدى؛ پەرۋەردىگار دۇئايىمنى ئىجابەت قىلىدۇ؛ | 9 |
上主俯允了我的哀告,上主悅納了我的祈禱。
دۈشمەنلىرىمنىڭ ھەممىسى يەرگە قاراپ قالىدۇ، ئۇلار زور پاراكەندىچىلىككە دۇچار بولىدۇ؛ تۇيۇقسىز كەينىگە يېنىپ خىجالەتتە قالىدۇ. | 10 |
我的仇敵必要受辱驚慌,轉瞬之間必會含羞逃亡。