< زەبۇر 59 >
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ھالاك قىلمىغايسەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى؛ (بۇ [كۈي] سائۇل پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئۆيىنى كۆزلەشكە پايلاقچىلارنى ئەۋەتىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولغان چاغدا يېزىلغان): ــ ئى خۇدايىم، دۈشمەنلىرىمنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزغايسەن؛ ماڭا قارشى تۇرغانلاردىن مېنى ئېگىزدە ئامان ساقلىغايسەن. | 1 |
Deliver me from my enemies, O my God. Set me on high from those who rise up against me.
مېنى يامانلىق قىلغۇچىلار چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇۋالغايسەن، قانخور ئادەملەردىن مېنى قۇتقۇزغايسەن. | 2 |
Deliver me from the workers of iniquity, and save me from the bloodthirsty men.
چۈنكى مانا، ئۇلار جېنىمنى ئېلىش ئۈچۈن پايلىماقتا، زوراۋانلار ماڭا قارشى توپ بولۇشۇپ قەستلەشمەكتە؛ بۇ [قىلغىنى] مەندە بولغان بىرەر ئاسىيلىق ئۈچۈن ئەمەس، ياكى گۇناھىم ئۈچۈن ئەمەس، ئى پەرۋەردىگار؛ | 3 |
For, lo, they lie in wait for my soul. The mighty gather themselves together against me, not for my transgression, nor for my sin, O Jehovah.
مەندە ھېچ سەۋەنلىك بولمىسىمۇ، ئۇلار يۈگۈرۈپ ماڭا قارشى سەپ سالىدۇ؛ مېنىڭ ياردىمىمگە كېلىشكە ئويغان، [ھالىمنى] نەزىرىڭگە ئالغايسەن. | 4 |
They run and prepare themselves without my fault. Awake thou to help me, and behold.
ئى پەرۋەردىگار، ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، بارلىق ئەل-يۇرتلارنى سوتلاپ-جازالاشقا ئورنۇڭدىن تۇرغايسەن؛ قەستلەشنى نىيەت قىلغۈچىلارنىڭ ھېچقايسىسىغا رەھىم قىلمىغايسەن. سېلاھ. | 5 |
Even thou, O Jehovah God of hosts, the God of Israel, arise to visit all the nations. Be not merciful to any wicked transgressors. (Selah)
ئۇلار كېچىسى قايتىپ كېلىپ، غالجىر ئىتتەك غاژ-غۇژ قىلىپ، شەھەرنى ئايلىنىپ لاغايلاپ يۈرمەكتە. | 6 |
They return at evening. They howl like a dog, and go round about the city.
قارا، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن ئېقىۋاتقان شۆلگەيلىرىنى! لەۋلىرىدىن قىلىچلار چىقىپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار: «كىم ئاڭلىيالايدۇ؟» ــ دەيدۇ. | 7 |
Behold, they belch out with their mouth. Swords are in their lips, for they say, Who hears?
لېكىن سەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى مەسخىرە قىلىسەن؛ بارلىق ئەللەرنى مازاق قىلىسەن! | 8 |
But thou, O Jehovah, will laugh at them. Thou will have all the nations in derision.
ئى مېنىڭ كۈچۈم بولغۇچى! مەن ساڭا تەلمۈرۈپ قاراپ يۈرىمەن؛ چۈنكى خۇدا مېنىڭ يۇقىرى پاناھگاھىمدۇر. | 9 |
O my strength, I will give heed to thee, for God is my high tower.
ماڭا ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىنى كۆرسەتكۈچى خۇدا مېنىڭ ئالدىمدا ماڭىدۇ؛ خۇدا ماڭا دۈشمەنلەرنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. | 10 |
My God with his loving kindness will meet me. God will let me look upon my enemies.
بىراق، [ئى خۇدا]، بۇلارنى قەتل قىلماي تۇرغاي؛ بولمىسا مېنىڭ خەلقىم سېنى ئۇنتۇيدۇ. ئۆز كۈچۈڭ بىلەن ئۇلارنى سەرسان قىلغايسەن، ئۇلارنىڭ بېشىنى ئېغىرلاشتۇرغايسەن؛ ئى رەب، بىزنىڭ قالقىنىمىز! | 11 |
Kill them not, lest my people forget. Scatter them by thy power, and bring them down, O Lord our shield,
ئۇلارنىڭ ئاغزىنىڭ بۇزۇقلۇقى تۈپەيلىدىن، لەۋلىرىنىڭ سۆزلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇلاردىن چىقىۋاتقان قارغاشلار ھەم ئالدامچىلىقلار تۈپەيلىدىن، ئۇلار ئۆز تەكەببۇرلۇقى ئىچىدە تۇزاققا چۈشكەي! | 12 |
for the sin of their mouth, and the words of their lips. Let them even be taken in their pride, and for cursing and lying which they speak.
غەزىپىڭ بىلەن بۇ ئىشلارغا خاتىمە بەرگەيسەن، خاتىمە بەرگەيسەن! شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يوق بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزنىنىڭ چەت-چەتلىرىگىچە خۇدانىڭ ھەقىقەتەن ياقۇپقا ھۆكۈمدارلىق قىلىدىغانلىقى ئايان بولغاي! سېلاھ. | 13 |
Consume them in wrath, consume them, so that they shall be no more. And let them know that God rules in Jacob, to the ends of the earth. (Selah)
دەرۋەقە، ئۇلار ھازىرغىچە كېچىسى قايتىپ كېلىپ، غالجىر ئىتتەك غاژ-غۇژ قىلىپ، شەھەرنى ئايلىنىپ لاغايلاپ يۈرىدۇ. | 14 |
And at evening let them return, let them howl like a dog, and go round about the city.
ئىتلاردەك ئۇلار ئوزۇق ئىزدەپ ھەر يەردە قاترايدۇ؛ قارنى تويمىغۇچە ھۇۋلاپ يۈرمەكتە؛ | 15 |
They shall wander up and down for food, and tarry all night if they be not satisfied.
لېكىن مەن بولسام قۇدرىتىڭنى كۈيلەيمەن، بەرھەق، سەھەرلەردە ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى ناخشا قىلىپ ياڭرىتىمەن؛ چۈنكى سەن مەن ئۈچۈن يۇقىرى قورغان، ئېغىر كۈنلىرىمدە پاناھگاھ بولۇپ كەلگەنسەن. | 16 |
But I will sing of thy strength. Yea, I will sing aloud of thy loving kindness in the morning. For thou have been my high tower, and a refuge in the day of my distress.
ئى مېنىڭ كۈچۈم بولغۇچى، ساڭا كۈيلەرنى ئېيتىمەن؛ چۈنكى خۇدا مېنىڭ يۇقىرى قورغىنىمدۇر، ماڭا ئۆزگەرمەس مۇھەببەت كۆرسەتكۈچى خۇدايىمدۇر. | 17 |
To thee, O my strength, I will sing praises. For God is my high tower, the God of my mercy.