< زەبۇر 58 >
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ھالاك قىلمىغايسەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى: ــ ئى قۇدرەت ئىگىلىرى، سىلەر ھەقىقەتەن ئادالەتنى سۆزلەۋاتامسىلەر؟ ئى ئىنسان بالىلىرى، ئادىل ھۆكۈم چىقىرامسىلەر؟ | 1 |
ダビデがよみて「ほろぼすなかれ」といふ調にあはせて伶長にうたはしめたるミクタムのうた なんぢら黙しゐて義をのべうるか 人の子よなんぢらなほき審判をおこなふや
ياق، سىلەر كۆڭلۈڭلەردە يامانلىق تەييارلايسىلەر؛ يەر يۈزىدە ئۆز قولۇڭلار بىلەن قىلىدىغان زوراۋانلىقنى ئۆلچەۋاتىسىلەر. | 2 |
否なんぢらは心のうちに惡事をおこなひ その手の強暴をこの地にはかりいだすなり
رەزىللەر ئانىسىنىڭ قورسىقىدىلا ئېزىپ كېتىدۇ؛ ئۇلار تۇغۇلۇپلا يولدىن ئادىشىپ، يالغان سۆزلەيدۇ. | 3 |
あしきものは胎をはなるるより背きとほざかり生れいづるより迷ひていつはりをいふ
ئۇلارنىڭ زەھىرى يىلاننىڭ زەھىرىدۇر؛ ئۇلار ئۆز قۇلىقىنى پۈتۈك قىلغان گاس كوبرا يىلاندەك، | 4 |
مەيلى يىلانچىلار شۇنچە چىرايلىق سېھىرلىسىمۇ، ئۇ نەي ئاۋازىغا قەتئىي قۇلاق سالمايدۇ. | 5 |
かれらの毒は蛇のどくのごとし かれらは蠱術をおこなふものの甚たくみにまじなふその聲をだにきかざる耳ふさぐ聾ひの蝮のごとし
ئى خۇدا، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىكى چىشلىرىنى سۇندۇرۇۋەتكەيسەن! مۇشۇ ياش شىرلارنىڭ توڭكاي چىشلىرىنى چېقىۋەتكەيسەن، ئى پەرۋەردىگار! | 6 |
神よかれらの口の歯ををりたまヘ ヱホバよ壮獅の牙をぬきくだきたまへ
ئۇلار ئېقىپ كەتكەن سۇلاردەك ئۆتۈپ كەتكەي؛ ئۇلار ئوقلارنى چەنلەپ ئاتقاندا، ئوقلىرى ئۇچسىز بولۇپ كەتكەي! | 7 |
願くはかれらを流れゆく水のごとくに消失しめ その矢をはなつときは折れたるごとくなし給はんことを
قۇلۇلە يول ماڭغاندا ئىزى يوقىلىپ كەتكەندەك، ئۇلار يوقاپ كەتسۇن؛ ئايالنىڭ چۈشۈپ كەتكەن ھامىلىسىدەك، ئۇلار كۈن كۆرمىسۇن! | 8 |
また融てきえゆく蝸牛のごとく婦のときならず産たる目をみぬ嬰のごとくならしめ給へ
قازان يانتاقلارنىڭ ئىسسىقىنى سەزگۈچە، (مەيلى ئۇلار يۇمران پېتى، ياكى ئوت تۇتاشقان بولسۇن) ئۇ ئۇلارنى توزۇتىۋېتىدۇ. | 9 |
なんぢらの釜いまだ荊蕀の火をうけざるさきに青をも燃たるをもともに狂風にて吹さりたまはん
ھەققانىي ئادەم [خۇدانىڭ] ئىنتىقامىنى كۆرگەندە خۇشال بولىدۇ؛ ئۆز ئىزلىرىنى رەزىللەرنىڭ قېنىدا يۇيىدۇ. | 10 |
義者はかれらが讎かへさるるを見てよろこび その足をあしきものの血のなかにてあらはん
شۇڭا ئادەملەر: «دەرۋەقە، ھەققانىيلار ئۈچۈن ئىنئام باردۇر؛ دەرۋەقە يەر يۈزىدە ھۆكۈم يۈرگۈزگۈچى بىر خۇدا باردۇر» ــ دەيدۇ. | 11 |
かくて人はいふべし實にただしきものに報賞あり實にさばきをほどこしたまふ神はましますなりと