< زەبۇر 57 >
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ھالاك قىلمىغايسەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى، (ئۇ سائۇل پادىشاھتىن قېچىپ، ئۆڭكۈردە يوشۇرۇنۇۋالغان چاغدا يېزىلغان): ــ ئى خۇدا، ماڭا شەپقەت كۆرسەتكەيسەن، ماڭا شەپقەت كۆرسەتكەيسەن، چۈنكى جېنىم سېنى پاناھىم قىلدى. مۇشۇ بالايىئاپەت ئۆتۈپ كەتكۈچە، قاناتلىرىڭ سايىسىدە پاناھ تاپىمەن. | 1 |
Aie pitié, ô Dieu, aie pitié de moi! Car mon âme se retire vers toi; je me réfugie sous l'ombre de tes ailes, jusqu'à ce que les calamités soient passées.
خۇداغا، يەنى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا، ئۆزۈم ئۈچۈن ھەممىنى ئورۇنلايدىغان تەڭرىگە نىدا قىلىمەن؛ | 2 |
Je crie au Dieu Très-Haut, à Dieu qui accomplit son œuvre pour moi.
ئۇ ئەرشتىن ياردەم ئەۋەتىپ مېنى قۇتقۇزىدۇ؛ ماڭا قاراپ نەپسى يوغىناپ، مېنى قوغلاۋاتقانلارنى ئۇ رەسۋا قىلىدۇ؛ سېلاھ؛ خۇدا ئۆز مېھىر-شەپقىتى ۋە ھەقىقىتىنى ئەۋەتىدۇ! | 3 |
Il enverra des cieux et me sauvera. Il rendra honteux celui qui me poursuit (Sélah) Dieu enverra sa bonté et sa vérité.
جېنىم شىرلار ئارىسىدا قالدى؛ مەن نەپىسى يالقۇن كەبى بولغانلار ئارىسىدا ياتىمەن! ئادەم بالىلىرى ــ ئۇلارنىڭ چىشلىرى نەيزە-ئوقلاردۇر، ئۇلارنىڭ تىلى ــ ئۆتكۈر قىلىچتۇر! | 4 |
Mon âme est au milieu des lions; j'habite parmi des gens qui soufflent des flammes, des hommes dont les dents sont des lances et des flèches, dont la langue est une épée aiguë.
ئى خۇدا، ئەرشلەردىن يۇقىرى ئۇلۇغلانغايسەن، شان-شەرىپىڭ يەر يۈزىنى قاپلىغاي! | 5 |
O Dieu, élève-toi sur les cieux! Que ta gloire soit sur toute la terre!
ئۇلار قەدەملىرىمگە تور قۇردى؛ جېنىم ئېگىلىپ كەتتى؛ ئۇلار مېنىڭ يولۇمغا ئورەك كولىغانىدى، لېكىن ئۆزلىرى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. | 6 |
Ils avaient tendu un piège à mes pas; mon âme chancelait; ils avaient creusé une fosse devant moi; ils y sont tombés. (Sélah)
ئىرادەم چىڭ، ئى خۇدا، ئىرادەم چىڭ؛ مەن مەدھىيە ناخشىلارنى ئېيتىپ، بەرھەق سېنى كۈيلەيمەن! | 7 |
Mon cœur est disposé, ô Dieu! mon cœur est disposé; je chanterai, je psalmodierai.
ئويغان، ئى روھىم! ئى نەغمە-سازلىرىم، ئويغان! مەن سەھەر قۇياشىنىمۇ ئويغىتىمەن! | 8 |
Éveille-toi, ma gloire; éveillez-vous, mon luth et ma harpe! Je préviendrai l'aurore.
مەن خەلق-مىللەتلەر ئارىسىدا سېنى ئۇلۇغلايمەن، ئى رەب؛ ئەللەر ئارىسىدا سېنى كۈيلەيمەن! | 9 |
Seigneur, je te louerai parmi les peuples; je te célébrerai parmi les nations.
چۈنكى ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئەرشلەرگە يەتكۈدەك ئۇلۇغدۇر؛ ھەقىقىتىڭ بۇلۇتلارغا تاقاشتى. | 10 |
Car ta bonté atteint jusqu'aux cieux, et ta fidélité jusqu'aux nues.
ئى خۇدا، ئەرشلەردىن يۇقىرى ئۇلۇغلانغايسەن، شان-شەرىپىڭ يەر يۈزىنى قاپلىغاي! | 11 |
O Dieu, élève-toi sur les cieux! Que ta gloire soit sur toute la terre!