< زەبۇر 56 >
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «خىلۋەتتىكى دۇب دەرەخلىرىدىكى پاختەك» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى (فىلىستىيلەر گات شەھىرىدە ئۇنى ئەسىرگە ئالغاندا يېزىلغان): ــ ئى خۇدا، ماڭا شەپقەت كۆرسەتكەيسەن، چۈنكى ئىنسانلارنىڭ نەپسى يوغىناپ مېنى قوغلىماقتا؛ كۈن بويى ئۇلار مەن بىلەن جەڭ قىلىپ مېنى باسماقتا؛ | 1 |
Nǝƣmiqilǝrning bexiƣa tapxurulup, «Hilwǝttiki dub dǝrǝhliridiki pahtǝk» degǝn aⱨangda oⱪulsun dǝp, Dawut yazƣan «Mihtam» küy (Filistiylǝr Gat xǝⱨiridǝ uni ǝsirgǝ alƣanda yezilƣan): — I Huda, manga xǝpⱪǝt kɵrsǝtkǝysǝn, Qünki insanlarning nǝpsi yoƣinap meni ⱪoƣlimaⱪta; Kün boyi ular mǝn bilǝn jǝng ⱪilip meni basmaⱪta;
مېنى كۆزلىگەن رەقىبلىرىمنىڭ نەپسى يوغىناپ كۈن بويى مېنى قوغلىماقتا؛ ماڭا ھەيۋە قىلىپ جەڭ قىلغۇچىلار ئىنتايىن كۆپتۇر! | 2 |
Meni kɵzligǝn rǝⱪiblirimning nǝpsi yoƣinap kün boyi meni ⱪoƣlimaⱪta; Manga ⱨǝywǝ ⱪilip jǝng ⱪilƣuqilar intayin kɵptur!
مەن قورققان كۈنۈمدە، مەن ساڭا تايىنىمەن. | 3 |
Mǝn ⱪorⱪⱪan künümdǝ, Mǝn Sanga tayinimǝn.
مەن سۆز-كالامىنى ئۇلۇغ دەپ مەدھىيەلەيدىغان خۇداغا، خۇداغىلا تايىنىمەن؛ مەن قورقمايمەن؛ ناھايىتى بىر ئەت ئىگىسى مېنى نېمە قىلالىسۇن؟ | 4 |
Mǝn sɵz-kalamini uluƣ dǝp mǝdⱨiyǝlǝydiƣan Hudaƣa, Hudaƣila tayinimǝn; Mǝn ⱪorⱪmaymǝn; Naⱨayiti bir ǝt igisi meni nemǝ ⱪilalisun?
ئۇلار كۈن بويى سۆزلىرىمنى بۇرمىلايدۇ، ئۇلارنىڭ بارلىق ئويى ماڭا زىيانكەشلىك قىلىشتۇر؛ | 5 |
Ular kün boyi sɵzlirimni burmilaydu, Ularning barliⱪ oyi manga ziyankǝxlik ⱪilixtur;
ئۇلار توپ بولۇپ ئادەمنى قەستىلىشىپ، يوشۇرۇنىدۇ؛ پېيىمگە چۈشۈپ، جېنىمنى ئېلىشنى كۈتىدۇ. | 6 |
Ular top bolup adǝmni ⱪǝstilixip, yoxurunidu; Peyimgǝ qüxüp, jenimni elixni kütidu.
[گۇناھ] بىلەن گۇناھنى يېپىپ قاچسا بولامدۇ؟ غەزىپىڭ بىلەن ئەللەرنى يەرگە ئۇرغايسەن، ئى خۇدا! | 7 |
[Gunaⱨ] bilǝn gunaⱨni yepip ⱪaqsa bolamdu? Ƣǝziping bilǝn ǝllǝrni yǝrgǝ urƣaysǝn, i Huda!
مېنىڭ سەرسانلىقلىرىمنى ئۆزۈڭ ساناپ كەلگەن؛ كۆزدىن ئاققان ياشلىرىمنى تۇلۇمۇڭغا توپلاپ ساقلىغايسەن؛ بۇلار دەپتىرىڭدە پۈتۈكلۈك ئەمەسمۇ؟ | 8 |
Mening sǝrsanliⱪlirimni ɵzüng sanap kǝlgǝn; Kɵzdin aⱪⱪan yaxlirimni tulumungƣa toplap saⱪliƣaysǝn; Bular dǝptiringdǝ pütüklük ǝmǝsmu?
شۇنىڭ بىلەن مەن ساڭا نىدا قىلغان كۈندە، دۈشمەنلىرىم چېكىنىدۇ؛ مەن شۇنى بىلدىمكى ــ خۇدا مەن تەرەپتىدۇر! | 9 |
Xuning bilǝn mǝn Sanga nida ⱪilƣan kündǝ, Düxmǝnlirim qekinidu; Mǝn xuni bildimki — Huda mǝn tǝrǝptidur!
خۇدانى ــ ئۇنىڭ سۆز-كالامىنى ئۇلۇغلايمەن! پەرۋەردىگارنى ــ ئۇنىڭ سۆز-كالامىنى ئۇلۇغلايمەن! | 10 |
Hudani — Uning sɵz-kalamini uluƣlaymǝn! Pǝrwǝrdigarni — Uning sɵz-kalamini uluƣlaymǝn!
خۇدانىلا تايانچىم قىلدىم ــ مەن قورقمايمەن، ناھايىتى شۇ بىر ئىنسان مېنى نېمە قىلالىسۇن؟ | 11 |
Hudanila tayanqim ⱪildim — Mǝn ⱪorⱪmaymǝn, naⱨayiti xu bir insan meni nemǝ ⱪilalisun?
ساڭا قىلغان ۋەدىلىرىمگە ۋاپا قىلىمەن، ئى خۇدا؛ ساڭا تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى سۇنىمەن. | 12 |
Sanga ⱪilƣan wǝdilirimgǝ wapa ⱪilimǝn, i Huda; Sanga tǝxǝkkür ⱪurbanliⱪlirini sunimǝn.
چۈنكى سەن جېنىمنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرغانسەن؛ سەن پۇتلىرىمنى پۇتلىشىشتىن ساقلىمامسەن؟ شۇنىڭ بىلەن مەن خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا، تىرىكلەر تۇرىدىغان يورۇقلۇقتا ماڭىمەن. | 13 |
Qünki Sǝn jenimni ɵlümdin ⱪutuldurƣansǝn; Sǝn putlirimni putlixixtin saⱪlimamsǝn? Xuning bilǝn mǝn Hudaning ⱨuzurida, tiriklǝr turidiƣan yoruⱪluⱪta mangimǝn.