< زەبۇر 55 >
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «ماسقىل»: ــ ئى خۇدا، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن؛ تىلىكىمدىن ئۆزۈڭنى قاچۇرمىغايسەن، | 1 |
Zborovođi. Uza žičana glazbala. Poučna pjesma. Davidova. Počuj mi, Bože, molitvu, ne krij se molbi mojoj:
ماڭا قۇلاق سېلىپ، جاۋاب بەرگەيسەن؛ مەن داد-پەرياد ئىچىدە كېزىپ، ئاھ-زار چېكىپ يۈرىمەن؛ | 2 |
obazri se na me i usliši me! Mučim se u svojoj tjeskobi,
سەۋەبى دۈشمەننىڭ تەھدىتلىرى، رەزىللەرنىڭ زۇلۇملىرى؛ ئۇلار بېشىمغا ئاۋارىچىلىكلەرنى تۆكىدۇ؛ ئۇلار غەزەپلىنىپ ماڭا ئاداۋەت ساقلايدۇ. | 3 |
zbuni me vika dušmanska i tlačenje grešničko. Navališe na me nesrećom, bijesno me progone.
ئىچىمدە يۈرىكىم تولغىنىپ كەتتى؛ ئۆلۈم ۋەھشەتلىرى ۋۇجۇدۇمنى قاپلىدى. | 4 |
Srce mi je ustreptalo i strah me samrtni spopade.
قورقۇنچ ۋە تىترەك بېشىمغا چۈشتى، دەھشەت مېنى چۆمكۈۋالدى. | 5 |
Užas me i trepet hvata, groza me obuze.
مەن: ــ «كەپتەردەك قانىتىم بولسىچۇ كاشكى، ئۇچۇپ بېرىپ ئارامگاھ تاپار ئىدىم» ــ دېدىم. | 6 |
Zavapih: “O, da su mi krila golubinja, odletio bih da otpočinem!
ــ «يىراق جايلارغا قېچىپ، چۆل-باياۋانلاردا ماكانلىشار ئىدىم؛ سېلاھ. | 7 |
Daleko, daleko bih letio, u pustinji se nastanio;
بوران-چاپقۇنلاردىن، قارا قۇيۇندىن قېچىپ، پاناھگاھغا ئالدىرار ئىدىم!». | 8 |
brzo bih si potražio sklonište od bijesne oluje i vihora.”
ئۇلارنى يۇتۇۋەتكەيسەن، ئى رەب؛ تىللىرىنى بۆلۈۋەتكەيسەن؛ چۈنكى شەھەر ئىچىدە زوراۋانلىق ھەم جېدەلخورلۇقنى كۆردۈم. | 9 |
Smeti ih, Gospode, podvoji im jezike, jer nasilje i svađu vidim u gradu;
ئۇلار كېچە-كۈندۈز سېپىللەر ئۈستىدە غادىيىپ يۈرمەكتە؛ شەھەر ئىچىنى قاباھەت ۋە شۇملۇق قاپلىدى. | 10 |
danju i noću zidinama kruže; bezakonja su i nevolje u njemu.
ھارام ئارزۇ-ھەۋەسلەر ئۇنىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ، ساختىلىق ۋە ھىيلە-مىكىرلىك، كوچىلاردىن كەتمەيدۇ. | 11 |
Usred njega zasjede, s ulica mu nepravda i podlost ne odlaze.
ئەگەر دۈشمەن مېنى مەسخىرە قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا سەۋر قىلاتتىم؛ بىراق مېنى كەمسىتىپ، ئۆزىنى ماختىغان ئادەم ماڭا ئۆچمەنلەردىن ئەمەس ئىدى؛ ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا، ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى قاچۇراتتىم؛ | 12 |
Da me pogrdio dušmanin, bio bih podnio; da se digao na me koji me mrzi, pred njim bih se sakrio.
لېكىن بۇنى قىلغان سەن ئىكەنلىكىڭنى ــ مېنىڭ بۇرادىرىم، سىردىشىم، ئەزىز دوستۇم بولۇپ چىقىشىڭنى ئويلىماپتىمەن! | 13 |
Ali ti, ti si to bio, meni jednak, prijatelj moj, moj pouzdanik
خالايىققا قېتىلىپ، خۇدانىڭ ئۆيىگە ئىككىمىز بىللە ماڭغانىدۇق، ئۆزئارا شېرىن پاراڭلاردا بولغانىدۇق؛ | 14 |
s kojim sam slatko drugovao i složno hodismo u Domu Božjemu.
مۇشۇنداق [ساتقۇنلارنى] ئۆلۈم تۇيۇقسىز چۆچىتىۋەتسۇن! ئۇلار تەھتىساراغا تىرىك چۈشكەي! چۈنكى ئۇلارنىڭ ماكانلىرىدا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا رەزىللىك تۇرماقتا. (Sheol ) | 15 |
Smrt neka ih zaskoči, živi nek' siđu u Podzemlje jer im je pakost u stanu i srcu. (Sheol )
لېكىن مەن بولسام، خۇداغا نىدا قىلىمەن؛ پەرۋەردىگار مېنى قۇتقۇزىدۇ. | 16 |
A ja ću Boga prizvati, i Jahve će me spasiti.
ئەتىگىنى، ئاخشىمى ۋە چۈشتە، دەردىمنى تۆكۈپ پەرياد كۆتۈرىمەن؛ ئۇ جەزمەن سادايىمغا قۇلاق سالىدۇ. | 17 |
Večerom, jutrom i o podne tužan ću jecati, i on će čuti vapaj moj.
ئۇ ماڭا قارشى قىلىنغان جەڭدىن مېنى ئامان قىلىدۇ؛ گەرچە كۆپ ئادەملەر مېنى قورشاۋغا ئالغان بولسىمۇ. | 18 |
Dat će mi mira od onih koji me progone: jer mnogi su protiv mene.
تەڭرى ــ ئەزەلدىن تەختتە ئولتۇرۇپ كەلگۈچى! [ئۇ نالەمنى] ئاڭلاپ ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ (سېلاھ) چۈنكى ئۇلاردا ھېچ ئۆزگىرىشلەر بولمىدى؛ ئۇلار خۇدادىن ھېچ قورقمايدۇ. | 19 |
Bog će čuti i njih poniziti, Onaj koji kraljuje odvijeka, jer se ne popravljaju, Boga se ne boje.
[ھېلىقى بۇرادىرىم] ئۆزى بىلەن دوست بولغانلارغا مۇشت كۆتۈردى؛ ئۆز ئەھدىسىنى بۇزۇپ تاشلىدى. | 20 |
Podižu ruke na prijatelje, savez svoj oskvrnjuju.
ئاغزى سېرىق مايدىنمۇ يۇمشاق، بىراق كۆڭلى جەڭدۇر ئۇنىڭ؛ ئۇنىڭ سۆزلىرى ياغدىنمۇ سىلىق، ئەمەلىيەتتە سۇغۇرۇپ ئالغان قىلىچلاردۇر. | 21 |
Usta su im glađa od maslaca, a srce ratoborno; riječi blaže od ulja, a oni - isukani mačevi.
يۈكۈڭنى پەرۋەردىگارغا تاشلاپ قوي، ئۇ سېنى يۆلەيدۇ؛ ئۇ ھەققانىيلارنى ھەرگىز تەۋرەتمەيدۇ. | 22 |
Povjeri Jahvi svu svoju brigu, i on će te pokrijepiti: neće dati da ikada posrne pravednik.
بىراق، سەن خۇدا ئاشۇ رەزىللەرنى ھالاكەت ھاڭىغا چۈشۈرىسەن؛ قانخورلار ۋە ھىيلىگەرلەر ئۆمرىنىڭ يېرىمىنىمۇ كۆرمەيدۇ؛ بىراق مەن بولسام، ساڭا تايىنىمەن. | 23 |
A njih ti, o Bože, strmoglavi u jamu grobnu! Krvoloci i varalice ni polovicu dana neće doživjeti! A ja se u tebe uzdam!