< زەبۇر 53 >
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، ماخالات ئاھاڭىدا داۋۇت يازغان «ماسقىل»: ئەخمەق كىشى كۆڭلىدە: «ھېچبىر خۇدا يوق» ــ دەيدۇ. ئۇلار چىرىكلىشىپ، نەپرەتلىك قەبىھ ئىشلارنى قىلىشتى؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدە مېھرىبانلىق قىلغۇچى يوقتۇر. | 1 |
Nǝƣmiqilǝrning bexiƣa tapxurulup oⱪulsun dǝp, Mahalat aⱨangida Dawut yazƣan «Masⱪil»: Əhmǝⱪ kixi kɵnglidǝ: «Ⱨeqbir Huda yoⱪ» — dǝydu. Ular qiriklixip, Nǝprǝtlik ⱪǝbiⱨ ixlarni ⱪilixti; Ularning iqidǝ meⱨribanliⱪ ⱪilƣuqi yoⱪtur.
خۇدا ئەرشتە تۇرۇپ، ئىنسان بالىلىرىنى كۆزىتىپ: «بۇ ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا، ئىنساپنى چۈشىنىدىغان بىرەرسى بارمىدۇ؟ خۇدانى ئىزدەيدىغانلار بارمىدۇ؟ | 2 |
Huda ǝrxtǝ turup, insan balilirini kɵzitip: «Bu insanlarning arisida, insapni qüxinidiƣan birǝrsi barmidu? Hudani izdǝydiƣanlar barmidu?
ھەممە ئادەم يولدىن چىقتى، ھەممە ئادەم چىرىكلىشىپ كەتتى، مېھرىبانلىق قىلغۇچى يوقتۇر، ھەتتا بىرىمۇ. | 3 |
Ⱨǝmmǝ adǝm yoldin qiⱪti, Ⱨǝmmǝ adǝm qiriklixip kǝtti, Meⱨribanliⱪ ⱪilƣuqi yoⱪtur, ⱨǝtta birimu.
ناننى يېگەندەك مېنىڭ خەلقىمنى يۇتۇۋالغان، قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ بىلىمى يوقمىدۇ؟» ــ دەيدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارغا ھېچبىر ئىلتىجا قىلمايدۇ. | 4 |
Nanni yegǝndǝk Mening hǝlⱪimni yutuwalƣan, Ⱪǝbiⱨlik ⱪilƣuqilarning bilimi yoⱪmidu?» — dǝydu. Ular Pǝrwǝrdigarƣa ⱨeqbir iltija ⱪilmaydu.
قورققۇدەك ھېچ ئىش بولمىسىمۇ، مانا ئۇلارنى غايەت زور قورقۇنچ باستى؛ چۈنكى خۇدا سېنى قورشاۋغا ئالغانلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى پارچىلاپ چېچىۋەتتى؛ سەن ئۇلارنى خىجىللىققا قويدۇڭ؛ چۈنكى خۇدا ئۇلارنى نەزىرىدىن ساقىت قىلدى. | 5 |
Ⱪorⱪⱪudǝk ⱨeq ix bolmisimu, Mana ularni ƣayǝt zor ⱪorⱪunq basti; Qünki Huda seni ⱪorxawƣa alƣanlarning ustihanlirini parqilap qeqiwǝtti; Sǝn ularni hijilliⱪⱪa ⱪoydung; Qünki Huda ularni nǝziridin saⱪit ⱪildi.
ئاھ، ئىسرائىلنىڭ نىجاتلىقى زىئوندىن چىقىپ كەلگەن بولسا ئىدى! خۇدا ئۆز خەلقىنى ئاسارىتىدىن چىقىرىپ، ئازادلىققا ئېرىشتۈرگەن چاغدا، ياقۇپ شادلىنىدۇ، ئىسرائىل خۇشال بولىدۇ! | 6 |
Aⱨ, Israilning nijatliⱪi Ziondin qiⱪip kǝlgǝn bolsa idi! Huda Ɵz hǝlⱪini asaritidin qiⱪirip, azadliⱪⱪa erixtürgǝn qaƣda, Yaⱪup xadlinidu, Israil huxal bolidu!