< زەبۇر 52 >
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «ماسقىل»؛ ئېدوملۇق دوئەگ سائۇل پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ: «داۋۇت ئاخىمەلەكنىڭ ئۆيىگە كىردى» دەپ ئايغاقچىلىق قىلغاندىن كېيىن يېزىلغان: ــ ئى نوچى باتۇر، نېمە ئۈچۈن رەزىللىكىڭدىن ماختىنىسەن؟ تەڭرىنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر. | 1 |
聖歌隊の指揮者によってうたわせたダビデのマスキールの歌。これはエドムびとドエグがサウルにきて、「ダビデはアヒメレクの家にきた」と告げたときにダビデがよんだもの 力ある者よ、何ゆえあなたは神を敬う人に与えた災について誇るのか。あなたはひねもす人を滅ぼすことをたくらむ。
ئۆتكۈر ئۇستىرا كەبى، تىلىڭ زەھەر چاچماقچى، ئۇ يالغانچىلىق توقۇۋاتىدۇ. | 2 |
虚偽を行う者よ、あなたの舌は鋭いかみそりのようだ。
سەن ياخشىلىقنىڭ ئورنىدا يامانلىقنى، ھەق سۆزلەشنىڭ ئورنىدا يالغانچىلىقنى ياخشى كۆرىسەن؛ | 3 |
あなたは善よりも悪を好み、まことを語るよりも偽りを語ることを好む。 (セラ)
ھامان ئادەمنى نابۇت قىلىدىغان سۆزلەرنى ياخشى كۆرىسەن، ئى ئالدامچى تىل! | 4 |
欺きの舌よ、あなたはすべての滅ぼす言葉を好む。
بەرھەق، تەڭرى ئوخشاشلا سېنى مەڭگۈگە يوقىتىدۇ؛ ئۇ سېنى تۇتۇۋالىدۇ، يەنى ئۆز چېدىرىڭدىن تارتىپ چىقىدۇ؛ تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدىن سېنى يىلتىزىڭدىن قومۇرۇپ تاشلايدۇ. سېلاھ. | 5 |
しかし神はとこしえにあなたを砕き、あなたを捕えて、その天幕から引き離し、生ける者の地から、あなたの根を絶やされる。 (セラ)
ھەققانىيلار بۇنى كۆرۈپ قورقۇشىدۇ، ۋە ئۇنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈپ: ــ | 6 |
正しい者はこれを見て恐れ、彼を笑って言うであろう、
«قاراڭلار، خۇدانى ئۆز يۆلەنچىسى قىلمىغان ئادەم، پەقەت ئۆز بايلىقلىرىنىڭ كۆپلۈكىگە تايانغان ئادەم؛ ئۇ ئاچ كۆزلۈكى بىلەن كۈچلەندى» ــ دەيدۇ. | 7 |
「神をおのが避け所とせず、その富の豊かなるを頼み、その宝に寄り頼む人を見よ」と。
مەن بولسام خۇدانىڭ ئۆيىدە ئۆسكەن باراقسان زەيتۇن دەرەختەكمەن، مەن خۇدانىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىگە مەڭگۈگە تايىنىمەن. | 8 |
しかし、わたしは神の家にある緑のオリブの木のようだ。わたしは世々かぎりなく神のいつくしみを頼む。
مەن ساڭا ئەبەدىلئەبەد تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ چۈنكى سەن بۇ ئىشلارنى قىلدىڭسەن؛ مۆمىن بەندىلىرىڭ ئالدىدا نامىڭغا تەلمۈرۈپ كۈتىمەن؛ مۇشۇنداق قىلىش ئەلادۇر. | 9 |
あなたがこの事をなされたので、わたしはとこしえに、あなたに感謝し、聖徒の前であなたのみ名をふれ示そう。これはよいことだからである。