< زەبۇر 51 >
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي؛ بۇ [كۈي] ناتان پەيغەمبەر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنى بات-شېبا بىلەن بولغان زىناخورلۇقى توغرۇلۇق ئەيىبلىگەندىن كېيىن يېزىلغان: ــ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن، ئى خۇدا، ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن! رەھىمدىللىقلىرىڭنىڭ كۆپلۈكى بىلەن ئاسىيلىقلىرىمنى ئۆچۈرۈۋەتكەيسەن! | 1 |
in finem psalmus David cum venit ad eum Nathan propheta quando intravit ad Bethsabee miserere mei Deus secundum magnam misericordiam tuam et secundum multitudinem miserationum tuarum dele iniquitatem meam
مېنى قەبىھلىكىمدىن يىلتىزىمغىچە يۇۋەتكەيسەن، گۇناھىمدىن مېنى تازىلىغايسەن. | 2 |
amplius lava me ab iniquitate mea et a peccato meo munda me
چۈنكى مەن ئاسىيلىقلىرىمنى تونۇپ ئىقرار قىلدىم؛ گۇناھىم ھەمىشە كۆز ئالدىمدا تۇرىدۇ. | 3 |
quoniam iniquitatem meam ego cognosco et peccatum meum contra me est semper
سېنىڭ ئالدىڭدا، پەقەت سېنىڭ ئالدىڭدىلا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، نەزىرىڭدە رەزىل بولغان ئىشنى سادىر قىلدىم؛ شۇ ۋەجىدىن، سەن [مېنى ئەيىبلەپ] سۆزلىسەڭ، ئادىللىقىڭ ئىسپاتلىنىدۇ؛ [مېنى] سوراق قىلغىنىڭدا، ئۆزۈڭنىڭ پاكلىقى ئىسپاتلىنىدۇ. | 4 |
tibi soli peccavi et malum coram te feci ut iustificeris in sermonibus tuis et vincas cum iudicaris
مانا، مەن تۇغۇلغىنىمدىلا، يامانلىقتا ئىدىم، ئانامنىڭ قارنىدا پەيدا بولغىنىمدىلا مەن گۇناھتا بولدۇم. | 5 |
ecce enim in iniquitatibus conceptus sum et in peccatis concepit me mater mea
بەرھەق، سەن ئادەملەرنىڭ چىن قەلبىدىن سەمىمىيلىك تەلەپ قىلىسەن؛ ئىچىمدىكى يوشۇرۇن جايلىرىمدا سەن ماڭا دانالىقنى بىلدۈرىسەن. مېنى گۇناھلىرىمدىن زوفا بىلەن تازىلىغايسەن، ھەم مەن پاك بولىمەن؛ مېنى پاكپاكىز يۇغايسەن، مەن قاردىنمۇ ئاق بولىمەن. ماڭا شاد-خۇرام ئاۋازلارنى ئاڭلاتقايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئەزگەن ئۇستىخانلىرىم يەنە شادلىنىدۇ. | 6 |
ecce enim veritatem dilexisti incerta et occulta sapientiae tuae manifestasti mihi
مېنى [گۇناھلىرىمدىن] زوفا بىلەن تازىلىغايسەن، ھەم مەن پاك بولىمەن؛ مېنى پاكپاكىز يۇغايسەن، مەن قاردىنمۇ ئاق بولىمەن. | 7 |
asparges me hysopo et mundabor lavabis me et super nivem dealbabor
ماڭا شاد-خۇرام ئاۋازلارنى ئاڭلاتقايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئەزگەن ئۇستىخانلىرىم يەنە شادلىنىدۇ. | 8 |
auditui meo dabis gaudium et laetitiam exultabunt ossa humiliata
گۇناھلىرىمدىن چىرايىڭنى يوشۇرۇپ، يامانلىقلىرىمنى ئۆچۈرىۋەتكەيسەن. | 9 |
averte faciem tuam a peccatis meis et omnes iniquitates meas dele
مەندە پاك قەلب ياراتقايسەن، ئى خۇدا؛ ۋۇجۇمدىكى سادىق روھىمنى يېڭىلىغايسەن. | 10 |
cor mundum crea in me Deus et spiritum rectum innova in visceribus meis
مېنى ھۇزۇرۇڭدىن چىقىرىۋەتمىگەيسەن؛ مېنىڭدىن مۇقەددەس روھىڭنى قايتۇرۇۋالمىغايسەن. | 11 |
ne proicias me a facie tua et spiritum sanctum tuum ne auferas a me
ئاھ، نىجاتلىقىڭدىكى شادلىقنى ماڭا يېڭىباشتىن ھېس قىلدۇرغايسەن؛ ئىتائەتمەن روھ ئارقىلىق مېنى يۆلىگەيسەن. | 12 |
redde mihi laetitiam salutaris tui et spiritu principali confirma me
بۇنىڭ بىلەن مەن ئىتائەتسىزلەرگە يوللىرىڭنى ئۆگىتەي، ۋە گۇناھكارلار يېنىڭغا قايتىدۇ. | 13 |
docebo iniquos vias tuas et impii ad te convertentur
قان تۆكۈش گۇناھىدىن مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن، ئى خۇدا، ماڭا نىجاتلىق بەرگۈچى خۇدا، شۇنىڭ بىلەن تىلىم ھەققانىيلىقىڭنى ياڭرىتىپ كۈيلەيدۇ. | 14 |
libera me de sanguinibus Deus Deus salutis meae exultabit lingua mea iustitiam tuam
ئى رەببىم، لەۋلىرىمنى ئاچقايسەن، ئاغزىم مەدھىيىلىرىڭنى بايان قىلىدۇ. | 15 |
Domine labia mea aperies et os meum adnuntiabit laudem tuam
چۈنكى سەن قۇربانلىقنى خۇش كۆرمەيسەن؛ بولمىسا سۇنار ئىدىم؛ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلاردىنمۇ خۇرسەنلىك تاپمايسەن. | 16 |
quoniam si voluisses sacrificium dedissem utique holocaustis non delectaberis
خۇدا قوبۇل قىلىدىغان قۇربانلىقلار سۇنۇق بىر روھتۇر؛ سۇنۇق ۋە ئېزىلگەن قەلبنى سەن كەمسىتمەيسەن، ئى خۇدا؛ | 17 |
sacrificium Deo spiritus contribulatus cor contritum et humiliatum Deus non spernet
شاپائىتىڭ بىلەن زىئونغا مېھرىبانلىقنى كۆرسەتكەيسەن؛ يېرۇسالېمنىڭ سېپىللىرىنى يېڭىباشتىن بىنا قىلغايسەن! | 18 |
benigne fac Domine in bona voluntate tua Sion et aedificentur muri Hierusalem
ئۇ چاغدا سەن ھەققانىيلىقتىن بولغان قۇربانلىقلاردىن، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلاردىن، پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈلگەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلاردىن خۇرسەنلىك تاپىسەن؛ ئۇ چاغدا ئادەملەر قۇربانگاھىڭغا بۇقا-ئۆكۈزلەرنى تەقدىم قىلىشىدۇ. | 19 |
tunc acceptabis sacrificium iustitiae oblationes et holocausta tunc inponent super altare tuum vitulos