< زەبۇر 50 >
ئاساف يازغان كۈي: ــ قادىر خۇدا، يەنى پەرۋەردىگار ئېغىز ئېچىپ، كۈنچىقىشتىن كۈنپېتىشقىچە يەر يۈزىدىكىلەرگە مۇراجىئەت قىلدى. | 1 |
アサフのうた ぜんのうの神ヱホバ詔命して日のいづるところより日のいるところまであまねく地をよびたまへり
گۈزەللىكنىڭ جەۋھىرى بولغان زىئون تېغىدىن، خۇدا جۇلالىدى. | 2 |
かみは美麗の極なるシオンより光をはなちたまへり
خۇدايىمىز كېلىدۇ، ئۇ ھەرگىزمۇ سۈكۈت ئىچىدە تۇرمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئالدىدا يەۋەتكۈچى ئوت كېلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئەتراپىدا زور بوران-چاپقۇن قاينايدۇ. | 3 |
われらの神はきたりて黙したまはじ火その前にものをやきつくし暴風その四周にふきあれん
ئۆز خەلقىنى سوراق قىلىش ئۈچۈن، ئۇ يۇقىرىدىن ئاسمانلارنى، يەرنىمۇ گۇۋاھلىققا چاقىرىدۇ: ــ | 4 |
神はその民をさばかんとて上なる天および地をよびたまへり
«مېنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمنى، يەنى مەن بىلەن قۇربانلىق ئارقىلىق ئەھدە تۈزگۈچىلەرنى ھۇزۇرۇمغا چاقىرىپ يىغىڭلار!» | 5 |
いはく祭物をもて我とけいやくをたてしわが聖徒をわがもとに集めよと
ئاسمانلار ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئېلان قىلىدۇ، چۈنكى خۇدا ئۆزى سوراق قىلغۇچىدۇر! سېلاھ. | 6 |
もろもろの天は神の義をあらはせり 神はみづから審士たればなり (セラ)
«ئاڭلاڭلار، ئى خەلقىم، مەن سۆز قىلاي؛ ئى ئىسرائىل، مەن ساڭا ھەقىقەتنى ئېيتىپ قويايكى، مەنكى خۇدا، سېنىڭ خۇدايىڭدۇرمەن. | 7 |
わが民よきけ我ものいはんイスラエルよきけ我なんぢにむかひて證をなさん われは神なんぢの神なり
ھازىر ئەيىبلىگىنىم سېنىڭ قۇربانلىقلىرىڭ سەۋەبىدىن، ياكى ھەمىشە ئالدىمدا سۇنۇلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭ سەۋەبىدىن ئەمەس؛ | 8 |
わがなんぢを責るは祭物のゆゑにあらず なんぢの燔祭はつねにわが前にあり
مەن سېنىڭ ئېغىلىڭدىن ھېچبىر ئۆكۈزنى، قوتانلىرىڭدىن ھېچبىر تېكىنى ئالماقچى ئەمەسمەن. | 9 |
我はなんぢの家より牡牛をとらず なんぢの牢より牡山羊をとらず
چۈنكى ئورمانلىقلاردىكى بارلىق ھايۋاناتلار ماڭا مەنسۇپتۇر، مىڭلىغان تاغدىكى مال-ۋارانلارمۇ مېنىڭكىدۇر؛ | 10 |
林のもろもろのけもの山のうへの千々の牲畜はみなわが有なり
تاغلاردىكى پۈتۈن ئۇچار-قاناتلارنى بىلىمەن، دالادىكى بارلىق جانىۋارلار مېنىڭكىدۇر. | 11 |
われは山のすべての鳥をしる 野のたけき獣はみなわがものなり
قارنىم ئاچسىمۇ ساڭا ئېيتمايمەن؛ چۈنكى ئالەم ۋە ئۇنىڭغا تولغان ھەممە نەرسىلەر مېنىڭكىدۇر. | 12 |
世界とそのなかに充るものとはわが有なれば縦ひわれ飢るともなんぢに告じ
ئەجەبا، مەن ئۆكۈزنىڭ گۆشىنى يەمدىمەن؟ تېكىنىڭ قېنىنى ئىچەمدىمەن؟ | 13 |
われいかで牡牛の肉をくらひ牡山羊の血をのまんや
قۇربانلىق سۈپىتىدە خۇداغا تەشەككۈرلەرنى ئېيت؛ ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا قىلغان ۋەدەڭگە ۋاپا قىل. | 14 |
感謝のそなへものを神にささげよ なんぢのちかひを至上者につくのへ
بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە ماڭا مۇراجىئەت قىل؛ مەن سېنى قۇتۇلدۇرىمەن، سەن بولساڭ مېنى ئۇلۇغلىغايسەن». | 15 |
なやみの日にわれをよべ我なんぢを援けん而してなんぢ我をあがむべし
لېكىن رەزىللەرگە خۇدا شۇنداق دەيدۇ: ــ «مېنىڭ ئەمىرلىرىمنى بايان قىلىشقا نېمە ھەققىڭ بار؟ ئەھدەمنى تىلغا ئالغۇدەك سەن كىم ئىدىڭ؟ | 16 |
سەن مېنىڭ تەلىملىرىمدىن يىرگەندىڭ، سۆزلىرىمنى رەت قىلدىڭ ئەمەسمۇ؟ | 17 |
然はあれど神あしきものに言給く なんぢは教をにくみ わが言をその後にすつるものなるに何のかかはりありてわが律法をのべ わがけいやくを口にとりしや
ئوغرىنى كۆرسەڭ، سەن ئۇنىڭدىن زوق ئالدىڭ، زىناخورلار بىلەن شېرىك بولدۇڭ؛ | 18 |
なんぢ盗人をみれば之をよしとし姦淫をおこなふものの伴侶となれり
ئاغزىڭدىن يامان گەپ چۈشمەيدۇ؛ تىلىڭ يالغانچىلىقنى توقۇيدۇ. | 19 |
なんぢその口を惡にわたす なんぢの舌は脆計をくみなせり
ئۆز قېرىندىشىڭنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ ئولتۇرىسەن، ئاناڭنىڭ ئوغلىغا تۆھمەت قىلىسەن. | 20 |
なんぢ坐りて兄弟をそしり己がははの子を誣ののしれり
سەن بۇ ئىشلارنى قىلغىنىڭدا، مەن ئۈن چىقارمىدىم؛ دەرۋەقە، سەن مېنى ئۆزۈڭگە ئوخشاش دەپ ئويلىدىڭ؛ لېكىن مەن سېنى ئەيىبلەپ، بۇ ئىشلارنى كۆز ئالدىڭدا ئەينى بويىچە ساڭا كۆرسىتىمەن. | 21 |
汝これらの事をなししをわれ黙しぬれば なんぢ我をおのれに恰にたるものとおもへり されど我なんぢを責めてその罪をなんぢの目前につらぬべし
ــ ئى، تەڭرىنى ئۇنتۇغانلار، بۇنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار! بولمىسا، سىلەرنى پارە-پارە قىلىۋېتىمەن؛ ھېچكىم سىلەرنى قۇتقۇزالمايدۇ. | 22 |
神をわするるものよ今このことを念へ おそらくは我なんぢを抓さかんとき助るものあらじ
بىراق قۇربانلىق سۈپىتىدە رەھمەت ئېيتقانلارنىڭ ھەرقايسىسى ماڭا شەرەپ كەلتۈرىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئۆز نىجاتلىقىمنى كۆرسىتىشىمگە يول تەييارلىغان بولىدۇ. | 23 |
感謝のそなへものを献るものは我をあがむ おのれの行爲をつつしむ者にはわれ神の救をあらはさん