< زەبۇر 5 >
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، نەيلەر بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ ئاھلىرىمغا كۆڭۈل بۆلگەيسەن. | 1 |
Načelniku godbe na piščali; psalm Davidov. Besede moje čuj, Gospod; ozri se na premišljevanje moje.
كۆتۈرگەن پەريادلىرىمنى ئاڭلا، مېنىڭ پادىشاھىم، مېنىڭ خۇدايىم، چۈنكى ساڭىلا دۇئا قىلىمەن. | 2 |
Poslušaj vpitja mojega glas, kralj moj in Bog moj: ker pri tebi imam molitev.
ئى پەرۋەردىگار، سەھەردە سەن ئاۋازىمنى ئاڭلايسەن؛ مەن سەھەردە ئۆزۈمنى ساڭا قارىتىمەن، يۇقىرىغا كۆز تىكىمەن. | 3 |
Gospod, zgodaj bodeš slišal glas moj; zgodaj bodem govoril pred teboj in čakal.
چۈنكى سەن رەزىللىكتىن ھۇزۇر ئالغۇچى ئىلاھ ئەمەسدۇرسەن؛ يامانلىق ھەرگىز سەن بىلەن بىللە تۇرمايدۇ. | 4 |
Ker ti nisi Bog mogočni, kateri bi se radoval krivice; pred teboj ne bode prebivalo hudo.
پوچى-تەكەببۇرلار كۆزۈڭ ئالدىدا تۇرالمايدۇ؛ قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ساڭا يىرگىنچلىكتۇر. | 5 |
Blazni ne stopajo ti pred óči; sovražiš vse, kateri delajo krivico.
يالغان سۆزلىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلىسەن؛ پەرۋەردىگار قانخور، ئالدامچى كىشىلەرگە نەپرەت قىلۇر. | 6 |
Pogubiti hočeš nje, ki laž govoré; moža krvoželjnega in zvijačnega studi Gospod.
بىراق مەن بولسام، مېھرى-شەپقىتىڭنىڭ كەڭرىچىلىكىدىن ئۆيۈڭگە كىرىمەن؛ ساڭا بولغان ئەيمىنىشتىن مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا قاراپ سەجدە قىلىمەن؛ | 7 |
Jaz pa vnidem obdan z obilnostjo milosti tvoje v hišo tvojo; priklonim se proti hramu svetosti tvoje v svetem strahu tvojem.
مېنى ئۆچ كۆرگەنلەر تۈپەيلىدىن ئۆز ھەققانىيلىقىڭ بىلەن مېنى يېتەكلىگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ يولۇڭنى ئالدىمدا تۈز قىلغىن. | 8 |
Gospod, spremljaj me v pravici svoji zavoljo zalezovalcev mojih; pot svojo ugladi pred menoj.
چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاغزىدا ھېچقانداق سەمىمىيلىك يوقتۇر؛ ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى بولسا پاسىقلىقتۇر، ئۇلارنىڭ گاللىرى ئېچىلغان قەبرىدەك سېسىقتۇر، ئۇلار تىلى بىلەن خۇشامەت قىلىۋاتىدۇ. | 9 |
Ker v ustih njihovih ni pravice; notranjost njih: nadloge, grob odprt njih grlo; z jezikom svojim se dobrikajo zvijačno.
ئۇلارنىڭ گۇناھىنى بېكىتكەيسەن، ئى خۇدا؛ ئۇلار ئۆز پىلانلىرى بىلەن ئۆزلىرى موللاق ئاتسۇن؛ ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئىتائەتسىزلىكلىرى بىلەن ھەيدەپ چىقارغايسەن؛ چۈنكى ئۇلار ساڭا ئاسىيلىق قىلدى. | 10 |
Pokôri jih, o Bog; izpodleté naj v naklepih svojih; pahni jih dol po obilosti njih pregréh, ker upirajo se zoper tebe.
شۇنداق قىلغاندا ساڭا تايانغانلارنىڭ ھەممىسى شادلىنىدۇ؛ ئۇلار مەڭگۈ شادلىق بىلەن تەنتەنە قىلىدۇ؛ سەن ئۇلارنى قوغدايسەن؛ سېنىڭ نامىڭنى سۆيگەنلەر سېنىڭدىن يايرايدۇ. | 11 |
In veselili se bodo vsi, kateri pribegajo k tebi; na veke bodo prepevali, katerim bodeš bramba, in radovali se bodo v tebi ljubitelji tvojega imena.
چۈنكى سەن، ئى پەرۋەردىگار، ھەققانىي ئادەمگە بەخت ئاتا قىلىسەن؛ ئۇنى شاپائىتىڭ بىلەن قالقان كەبى ئورايسەن. | 12 |
Ker ti blagoslavljaš pravičnega, Gospod, delaš, da ga milost krije kakor ščit.