< زەبۇر 48 >
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگار، خۇدايىمىزنىڭ شەھىرىدە، ئۇنىڭ مۇقەددەسلىكى تۇرغان تاغدا، ئۇ زور مەدھىيەلەرگە لايىقتۇر! | 1 |
Great is Jehovah, and greatly to be praised in the city of our God, in his holy mountain.
ئېگىزلىكىدىن كۆركەم، زىئون تېغى، پۈتكۈل جاھاننىڭ خۇرسەنلىكىدۇر؛ شىمالىي تەرەپلىرى گۈزەلدۇر، بۈيۈك پادىشاھنىڭ شەھىرىدۇر! | 2 |
Beautiful in elevation, the joy of the whole earth, is mount Zion, on the sides of the north, the city of the great King.
خۇدا قورغانلىرىدا تۇرىدۇ، بۇ يەردە ئۇ ئېگىز پاناھگاھ دەپ تونۇلىدۇ؛ | 3 |
God has made himself known in her palaces for a refuge.
مانا، پادىشاھلار يىغىلدى، ئۇلار شەھەرنى بېسىپ ئۆتۈپ، جەم بولدى. | 4 |
For, lo, the kings assembled themselves. They passed by together.
[شەھەرنى] كۆرۈپلا ئۇلار ئالاقزادە بولدى؛ دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ بەدەر قېچىشتى. | 5 |
They saw it, then were they amazed. They were dismayed, they hastened away.
ئۇ يەردە ئۇلارنى تىترەك باستى، تولغاق يېگەن ئايالدەك ئۇلار ئازابلاندى؛ | 6 |
Trembling took hold of them there, pain, as of a woman in travail.
سەن تارشىشتىكى كېمىلەرنى شەرق شامىلى بىلەن ۋەيران قىلىۋەتتىڭ. | 7 |
With the east wind thou break the ships of Tarshish.
قۇلىقىمىز ئاڭلىغاننى، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرىدە، خۇدايىمىزنىڭ شەھىرىدە، بىز ھازىر ئۆز كۆزىمىز بىلەن شۇنداق كۆردۇق؛ خۇدا مەڭگۈگە ئۇنى مۇستەھكەم قىلىدۇ. سېلاھ. | 8 |
As we have heard, so we have seen in the city of Jehovah of hosts, in the city of our God, God will establish it forever. (Selah)
بىز سېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭ ئىچىدە تۇرۇپ، ئى خۇدا، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى سېغىندۇق. | 9 |
We have thought on thy loving kindness, O God, in the midst of thy temple.
نامىڭغا لايىقتۇر، جاھاننىڭ چەت-چەتلىرىگىچە يەتكۈزۈلگەن مەدھىيىلىرىڭ، ئى خۇدا؛ سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ ھەققانىيلىق بىلەن تولغان. | 10 |
As is thy name, O God, so is thy praise to the ends of the earth. Thy right hand is full of righteousness.
سېنىڭ ئادىل ھۆكۈملىرىڭدىن، زىئون تېغى شادلانغاي! يەھۇدا قىزلىرى خۇشال بولغاي! | 11 |
Let mount Zion be glad. Let the daughters of Judah rejoice because of thy judgments.
زىئون تېغىنى ئايلىنىپ مېڭىپ، ئەتراپىدا سەيلى قىلىڭلار؛ ئۇنىڭ مۇنارلىرىنى ساناپ بېقىڭلار؛ | 12 |
Walk about Zion, and go round about her. Number the towers of it,
كېيىنكى ئەۋلادقا ئۇنى بايان قىلىش ئۈچۈن، سېپىل-ئىستىھكاملىرىنى كۆڭۈل قويۇپ كۆزىتىڭلار، قورغانلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈڭلار. | 13 |
mark ye well her bulwarks, consider her palaces, that ye may tell it to the generation following.
چۈنكى بۇ خۇدا ئەبەدىلئەبەد بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر؛ ئۇ ئۆمۈرۋايەت بىزنىڭ يېتەكچىمىز بولىدۇ! | 14 |
For this God is our God forever and ever. He will be our guide even to death.