< زەبۇر 47 >
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ بارلىق قوۋملار، خۇدانى ئالقىشلاڭلار! ئۇنىڭغا يۇقىرى ئاۋازىڭلار بىلەن خۇشاللىق تەنتەنىسىنى ياڭرىتىڭلار! | 1 |
Nǝƣmiqilǝrning bexiƣa tapxurulup oⱪulsun dǝp, Koraⱨning oƣulliri üqün yezilƣan küy: — Barliⱪ ⱪowmlar, Hudani alⱪixlanglar! Uningƣa yuⱪiri awazinglar bilǝn huxalliⱪ tǝntǝnisini yangritinglar!
چۈنكى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى، پەرۋەردىگار، دەھشەتلىك ۋە ھەيۋەتلىكتۇر، پۈتكۈل جاھاننى سورىغۇچى بۈيۈك پادىشاھتۇر. | 2 |
Qünki Ⱨǝmmidin Aliy Bolƣuqi, Pǝrwǝrdigar, dǝⱨxǝtlik wǝ ⱨǝywǝtliktur, Pütkül jaⱨanni soriƣuqi büyük Padixaⱨtur.
ئۇ بىزگە خەلقلەرنى بويسۇندۇرۇپ، بىزنى ئەل-مىللەتلەر ئۈستىگە ھاكىم قىلىدۇ. | 3 |
U bizgǝ hǝlⱪlǝrni boysundurup, Bizni ǝl-millǝtlǝr üstigǝ ⱨakim ⱪilidu.
ئۇ بىز ئۈچۈن مىراسىمىزنى تاللاپ، يەنى ئۆزى سۆيگەن ياقۇپنىڭ پەخرى بولغان زېمىننى بېكىتىپ بەردى. سېلاھ! | 4 |
U biz üqün mirasimizni tallap, Yǝni Ɵzi sɵygǝn Yaⱪupning pǝhri bolƣan zeminni bekitip bǝrdi. (Selaⱨ)
خۇدا تەنتەنە ساداسى ئىچىدە، پەرۋەردىگار سۇناي ساداسى ئىچىدە يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدى؛ | 5 |
Huda tǝntǝnǝ sadasi iqidǝ, Pǝrwǝrdigar sunay sadasi iqidǝ yuⱪiriƣa kɵtürüldi;
خۇداغا ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار، ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار! پادىشاھىمىزغا ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار، ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار! | 6 |
Hudaƣa nahxa-küy eytinglar, nahxa-küy eytinglar! Padixaⱨimizƣa nahxa-küy eytinglar, nahxa-küy eytinglar!
خۇدا پۈتكۈل جاھاننىڭ پادىشاھىدۇر؛ زېھنىڭلار بىلەن ئۇنىڭغا ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار! | 7 |
Huda pütkül jaⱨanning padixaⱨidur; Zeⱨninglar bilǝn uningƣa nahxa-küy eytinglar!
خۇدا ئەللەر ئۈستىدە ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ ئۇ ئۆزىنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدۇ. | 8 |
Huda ǝllǝr üstidǝ ⱨɵküm süridu; U Ɵzining pak-muⱪǝddǝslikining tǝhtidǝ olturidu.
ئەل-يۇرتلارنىڭ كاتتىلىرى جەم بولۇپ، ئىبراھىمنىڭ خۇداسىنىڭ خەلقىگە قوشۇلدى؛ چۈنكى جاھاندىكى بارلىق قالقانلار خۇداغا تەۋەدۇر؛ ئۇ نەقەدەر ئالىيدۇر! | 9 |
Əl-yurtlarning kattiliri jǝm bolup, Ibraⱨimning Hudasining hǝlⱪigǝ ⱪoxuldi; Qünki jaⱨandiki barliⱪ ⱪalⱪanlar Hudaƣa tǝwǝdur; U nǝⱪǝdǝr aliydur!