< زەبۇر 46 >
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «پاك قىزلار ئۈچۈن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ خۇدا پاناھگاھىمىز ۋە قۇدرىتىمىزدۇر؛ كۈلپەتلەر چۈشكەن ھامان ھازىر بولىدىغان بىر ياردەمچىدۇر. | 1 |
可拉后裔的诗歌,交与伶长。调用女音。 神是我们的避难所,是我们的力量, 是我们在患难中随时的帮助。
شۇڭا يەر-زېمىن ئۆڭتۈرۈلۈپ، تاغلار گۈمۈرۈلۈپ دېڭىز تەگلىرىگە چۈشۈپ كەتسىمۇ، ئۇنىڭ دولقۇنلىرى شاۋقۇنلىنىپ قاينام بولسىمۇ، ئۆركەشلىرى بىلەن تاغلار سىلكىنىپ كەتسىمۇ، قورقمايمىز. سېلاھ. | 2 |
所以,地虽改变, 山虽摇动到海心,
其中的水虽匉訇翻腾, 山虽因海涨而战抖, 我们也不害怕。 (细拉)
خۇدانىڭ شەھىرىنى ــ يەنى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى ماكانلاشقان مۇقەددەس جاينى، خۇرسەن قىلىدىغان ئېقىنلىرى شاخلىغان بىر دەريا باردۇر. | 4 |
有一道河,这河的分汊使 神的城欢喜; 这城就是至高者居住的圣所。
خۇدا ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىدۇر؛ ئۇ يەر ھەرگىز تەۋرىمەيدۇ؛ خۇدا تاڭ ئېتىش بىلەنلا ئۇنىڭغا ياردەمگە كېلىدۇ. | 5 |
神在其中,城必不动摇; 到天一亮, 神必帮助这城。
[بارلىق] ئەللەر قايناپ، پادىشاھلىقلار تىترەپ كەتتى؛ ئۇ ئاۋازىنى قويۇۋەتكەن ھامان، يەر ئېرىپ كېتىدۇ. | 6 |
外邦喧嚷,列国动摇; 神发声,地便熔化。
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىللە؛ ياقۇپنىڭ خۇداسى ئېگىز قورغىنىمىزدۇر! سېلاھ! | 7 |
万军之耶和华与我们同在; 雅各的 神是我们的避难所! (细拉)
كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ قىلغانلىرىنى كۆرۈڭلار! ئۇ يەر يۈزىدە قىلغان كارامەت ۋەيرانچىلىقلارنى كۆرۈڭلار! | 8 |
你们来看耶和华的作为, 看他使地怎样荒凉。
ئۇ، جاھاننىڭ ئۇ چېتىگىچە بولغان ئۇرۇشلارنى توختىتىدۇ؛ ئۇ ئوقيالارنى سۇندۇرىدۇ، نەيزىلەرنى ئوشتۇۋېتىدۇ، جەڭ ھارۋىلىرىنى ئوتتا كۆيدۈرىۋېتىدۇ. | 9 |
他止息刀兵,直到地极; 他折弓、断枪,把战车焚烧在火中。
ئۇ: «توختاش، مېنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قويۇش! مەن پۈتكۈل ئەللەر ئارىسىدا ئۇلۇغلىنىمەن؛ مەن يەر يۈزىدە “بۈيۈك” دەپ قارىلىمەن» ــ دەيدۇ. | 10 |
你们要休息,要知道我是 神! 我必在外邦中被尊崇,在遍地上也被尊崇。
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىللە، ياقۇپنىڭ خۇداسى بىزنىڭ ئېگىز قورغىنىمىزدۇر! | 11 |
万军之耶和华与我们同在; 雅各的 神是我们的避难所!