< زەبۇر 44 >
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان «ماسقىل»: ــ ئى خۇدا، ئۆز قۇلاقلىرىمىز بىلەن ئاڭلىدۇق، ئاتىلىرىمىز بىزگە بايان قىلىپ، ئۆز كۈنلىرىدە، يەنى قەدىمكى زامانلاردا سېنىڭ قىلغان زور ئىشلىرىڭنى ئۇقتۇرغانىدى؛ | 1 |
Боже, својим ушима слушасмо, оци нам наши приповедаше дело које си учинио у њихово време, у старо време.
سەن [ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئالدىدا] ئۆز قولۇڭ بىلەن يات ئەللەرنى قوغلىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ [زېمىنىغا ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى] ئورۇنلاشتۇردۇڭ؛ يات قوۋملارغا ئاپەت چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى تارقىتىۋەتتىڭ. | 2 |
Руком својом изгнао си народе, а њих посадио; искоренио си племена, а њих намножио.
بەرھەق، بوۋىلىرىمىز زېمىننى ئۆز قىلىچى بىلەن ئالغىنى يوق، ئۆز بىلىكى بىلەن ئۆزلىرىنى قۇتقۇزغىنىمۇ يوق؛ بۇ بەلكى سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ، سېنىڭ بىلىكىڭ ۋە جامالىڭنىڭ نۇرىنىڭ قىلغىنىدۇر؛ چۈنكى سەن ئۇلاردىن خۇرسەنلىك تاپتىڭ. | 3 |
Јер не задобише земље својим мачем, нити им мишица њихова поможе, него Твоја десница и Твоја мишица, и светлост лица Твог, јер Ти беху омилели.
سەن ئۆزۈڭ مېنىڭ پادىشاھىمدۇرسەن، ئى خۇدا، سەن ياقۇپ ئۈچۈن غەلىبىلەر بۇيرۇغۇچىدۇرسەن. | 4 |
Боже, царе мој, Ти си онај исти, пошљи помоћ Јакову!
سەن ئارقىلىق بىز رەقىبلىرىمىزنى ھەيدىۋېتىمىز؛ نامىڭ بىلەن ئۆزىمىزگە قارشى تۇرغانلارنى چەيلەيمىز؛ | 5 |
С Тобом ћемо избости непријатеље своје, и с именом Твојим изгазићемо оне који устају на нас.
چۈنكى ئۆز ئوقيايىمغا تايانمايمەن، قىلىچىممۇ مېنى قۇتقۇزالمايدۇ. | 6 |
Јер се не уздам у лук свој, нити ће ми мач мој помоћи.
چۈنكى سەن بىزنى رەقىبلىرىمىزدىن قۇتقۇزدۇڭ، بىزگە ئۆچ بولغانلارنى يەرگە قاراتتىڭ. | 7 |
Него ћеш нас Ти избавити од непријатеља наших, и ненавиднике наше посрамићеш.
خۇدانى كۈن بويى ئىپتىخارلىنىپ ماختايمىز؛ نامىڭنى ئەبەدىلئەبەدگىچە مەدھىيىلەيمىز. سېلاھ! | 8 |
Богом ћемо се хвалити сваки дан, и име Твоје славићемо довека.
بىراق سەن [ھازىر] بىزنى تاشلاۋېتىپ ئاھانەتكە قالدۇردۇڭ؛ قوشۇنلىرىمىز بىلەن جەڭگە بىللە چىقمايسەن. | 9 |
Али сад си нас повргао и посрамио, и не идеш с војском нашом.
سەن رەقىبلىرىمىز ئالدىدا بىزنى چېكىندۈردۈڭ؛ بىزنى ئۆچمەنلەرگە خالىغانچە تالان-تاراج قىلدۇردۇڭ. | 10 |
Обраћаш нас те бежимо испред непријатеља, и непријатељи нас наши харају.
سويۇشقا تاپشۇرۇلغان قويلاردەك، بىزنى ئۇلارغا تاپشۇردۇڭ، ئەللەر ئارىسىغا بىزنى تارقىتىۋەتتىڭ. | 11 |
Дао си нас као овце да нас једу, и по народима расејао си нас.
سەن ئۆز خەلقىڭنى بىكارغا سېتىۋەتتىڭ، ئۇنىڭ قىممىتىدىن ئۆزۈڭ ھېچ بېيىپ كەتمىدىڭ؛ | 12 |
У бесцење си продао народ свој, и ниси му подигао цене.
سەن بىزنى قوشنا ئەللەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالدۇرغانسەن؛ ئەتراپىمىزدىكىلەرگە ئاھانەت، زاڭلىق ئوبيېكتى قىلدىڭسەن. | 13 |
Дао си нас на подсмех суседима нашим, да нам се ругају и срамоте нас који живе око нас.
سەن بىزنى ئەللەر ئارىسىدا سۆز-چۆچەككە قويدۇڭسەن، يات قوۋملار بىزگە باش چايقىشىپ قاراشماقتا. | 14 |
Начинио си од нас причу у народа, гледајући нас машу главом туђинци.
مەسخىرە ھەم كۇپۇرلۇق ئېيتقۇچىلارنىڭ ئاۋازى تۈپەيلىدىن، دۈشمەنلەر ۋە ئۆچ ئالغۇچىلار تۈپەيلىدىن، كۈن بويى ئۇياتىم ئالدىمدىن كەتمەيدۇ، يۈزۈمنىڭ نومۇسى مېنى چىرمىۋالدى. | 15 |
Сваки је дан срамота моја преда мном, и стид је попао лице моје.
Од речи подсмевачевих и ругачевих, и од погледа непријатељевих и осветљивчевих.
مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بېشىمىزغا چۈشتى؛ بىراق بىز سېنى ئۇنتۇمىدۇق، ياكى ئەھدەڭگە ھېچ ئاسىيلىق قىلمىدۇق؛ | 17 |
Све ово снађе нас; али не заборависмо Тебе, нити преступисмо завет Твој.
قەلبىمىز ھېچ يانمىدى، ساڭا ساداقەتسىزلىك قىلمىدۇق، قەدەملىرىمىز يولۇڭدىن ھېچ ئېزىپ كەتمىدى. | 18 |
Не одступи натраг срце наше, и стопе наше не зађоше с пута Твог.
بىراق سەن بىزنى چىلبۆرىلەر ماكانىدا ئەزدىڭ، بىزگە ئۆلۈم سايىسىنى چاپلاشتۇردۇڭ. | 19 |
Кад си нас био у земљи змајевској, и покривао нас сеном смртним,
ئەگەر بىز خۇدايىمىزنىڭ نامىنى ئۇنتۇغان بولساق، ياكى يات بىر ئىلاھقا قول كۆتۈرگەن بولساق، | 20 |
Онда да бејасмо заборавили име Бога свог и подигли руке своје к Богу туђем,
خۇدا سەن چوقۇم بۇنى سۈرۈشتە قىلماس ئىدىڭمۇ، قەلبتىكى سىرلارنى بىلىپ تۇرىدىغان تۇرساڭ؟ | 21 |
Не би ли Бог изнашао то? Јер Он зна тајне у срцу.
بىراق سەن تۈپەيلى بىز كۈن بويى قىرىلماقتىمىز؛ بوغۇزلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان قويلار كەبى ھېسابلانماقتىمىز. | 22 |
А убијају нас за Тебе сваки дан; с нама поступају као с овцама кланицама.
ئويغان، ئى رەب! نېمىشقا ئۇخلاپ ياتىسەن؟ ئورنۇڭدىن تۇر، بىزنى مەڭگۈگە تاشلاۋەتمىگەيسەن! | 23 |
Устани, што спаваш, Господе! Пробуди се, немој одбацити засвагда.
نېمىشقا يۈزۈڭنى بىزدىن يوشۇرىسەن؟ نېمىشقا كۈلپەتلىرىمىزگە، ئۇچرىغان زۇلۇملىرىمىزغا پىسەنت قىلمايسەن؟ | 24 |
Зашто кријеш лице своје? Заборављаш невољу и муку нашу?
قارىغىنا، جېنىمىز تۇپراقتا بېغىرلاپ يۈرىدۇ؛ تېنىمىز يەرگە چاپلاشتى؛ | 25 |
Душа наша паде у прах, тело је наше бачено на земљу.
ئورنۇڭدىن تۇرۇپ بىزگە ياردەمدە بولغايسەن! ئۆزۈڭنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ سەۋەبىدىن، بىزلەرنى ھۆرلۈككە چىقارغايسەن! | 26 |
Устани, помоћи наша, и избави нас ради милости своје.