< زەبۇر 43 >
ئى پەرۋەردىگار، مەن توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارغايسەن، دەۋايىمنى ئەقىدىسىز بىر خەلق ئالدىدا سورىغايسەن؛ مېنى ھىيلىگەر ھەم قەبىھ ئادەمدىن قۇتۇلدۇرغايسەن. | 1 |
Psaume de David. Juge-moi, ô mon Dieu; sépare ma cause de celle d'une nation impie; sauve-moi de l'homme inique et trompeur.
چۈنكى سەن پاناھگاھىم بولغان خۇدادۇرسەن؛ نېمىشقا مېنى تاشلاۋەتكەنسەن؟ نېمىشقا دۈشمەننىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراپ، ھەمىشە ئازاب چېكىپ يۈرىۋاتىمەن؟» ــ دەيمەن. | 2 |
Car, ô mon Dieu, tu es ma force; pourquoi m'as-tu repoussé? et d'où vient que je chemine tout abattu, quand mon ennemi m'opprime?
ئۆز ھەقىقىتىڭ ۋە نۇرۇڭنى ئەۋەتكىن، ئۇلار مېنى يېتەكلىگەي! مېنى مۇقەددەس تېغىڭغا، ماكانىڭغا ئېلىپ كەلگەي! | 3 |
Envoie-moi ta lumière et ta vérité; elles m'ont guidé, elles m'ont conduit sur ta montagne sainte et dans tes tabernacles.
شۇنىڭ بىلەن مەن خۇدانىڭ قۇربانگاھى ئالدىغا باراي، يەنى مېنىڭ چەكسىز خۇشلۇقۇم بولغان تەڭرىنىڭ يېنىغا باراي؛ بەرھەق، چىلتار چېلىپ سېنى مەدھىيىلەيمەن، ئى خۇدا، مېنىڭ خۇدايىم! | 4 |
Et j'entrerai à l'autel de Dieu, vers le Dieu qui réjouit ma jeunesse. Je te rendrai gloire sur la cithare, ô Dieu, ô mon Dieu!
ئى جېنىم، سەن نېمىشقا بۇنداق قايغۇرىسەن؟ نېمىشقا ئىچىمدە بۇنداق بىئارام بولۇپ كېتىسەن؟ خۇداغا ئۈمىد باغلا! چۈنكى مەن ئۇنى يەنىلا مەدھىيىلەيمەن، يەنى چىرايىمغا سالامەتلىك، نىجاتلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدايىمنى مەدھىيىلەيمەن! | 5 |
O mon âme, pourquoi es-tu triste, et pourquoi me troubles-tu? Espère en Dieu; car je lui rendrai grâces, à lui le salut de ma face, à lui mon Dieu.