< زەبۇر 42 >
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان «ماسقىل»: ــ كېيىك ئېرىقلاردىكى سۇغا تەشنا بولغاندەك، جېنىم ساڭا تەشنادۇر، ئى خۇدا. | 1 |
Psalmus, in finem. Intellectus filiis Core. Quemadmodum desiderat cervus ad fontes aquarum: ita desiderat anima mea ad te Deus.
مېنىڭ جېنىم خۇداغا، ھايات تەڭرىگە ئىنتىزاردۇر؛ ئاھ، مەن قاچانمۇ خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا كۆرۈنۈشكە مۈيەسسەر بولىمەن؟ | 2 |
Sitivit anima mea ad Deum fontem vivum: quando veniam et apparebo ante faciem Dei?
مېنىڭ كېچە-كۈندۈز يېگىنىم كۆز ياشلىرىم بولۇپ كەلگەن؛ خەقلەر كۈن بويى مەندىن: «خۇدايىڭ قەيەردە؟» دەپ سورايدۇ. | 3 |
Fuerunt mihi lacrymae meae panes die ac nocte: dum dicitur mihi quotidie: Ubi est Deus tuus?
ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەپ، جېنىمنىڭ دەردلىرىنى تۆكۈۋاتىمەن (مەن كۆپچىلىك بىلەن كېتىۋېتىپ، خۇدانىڭ ئۆيىگە تەنتەنە قىلىپ مېڭىپ، خۇشاللىقتا ھەمدۇسانا ئوقۇپ، ناخشا ئېيتىپ، ھېيتنى تەبرىكلىگەن توپ-توپ قوشۇندەك، جامائەت بىلەن بىللە باراتتىم!). | 4 |
Haec recordatus sum, et effudi in me animam meam: quoniam transibo in locum tabernaculi admirabilis, usque ad domum Dei: In voce exultationis, et confessionis: sonus epulantis.
ــ ئى جېنىم، سەن تېنىمدە نېمىشقا بۇنداق قايغۇرىسەن؟ نېمىشقا ئىچىمدە بۇنداق مەيۈسلىنىپ كەتتىڭ؟ خۇداغا ئۈمىد باغلا؛ چۈنكى ئۇنىڭ جامالىدىن چىققان نىجاتلىقتىن، مەن ئۇنى يەنىلا ئۇلۇغلايمەن، ــ مېنىڭ خۇدايىمنى! | 5 |
Quare tristis es anima mea? et quare conturbas me? Spera in Deo, quoniam adhuc confitebor illi: salutare vultus mei,
جېنىم ئىچىمدە مەيۈسلىنىپ كەتتى؛ شۇڭا مەن سېنى سېغىنىمەن؛ ھەتتا مۇساپىرلىقتا ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى ۋادىلاردا، ھەرمون تاغلىرىدا، مىزار تېغىدىمۇ سېنى سېغىنىمەن. | 6 |
et Deus meus. Ad meipsum anima mea conturbata est: propterea memor ero tui de terra Iordanis, et Hermoniim a monte modico.
سېنىڭ شارقىراتمىلىرىڭنىڭ ئاۋازلىرىغا، چوڭقۇر ھاڭ بىلەن چوڭقۇر ھاڭ ماسلىشىپ ھۆركىرىمەكتە. سېنىڭ ھەممە دولقۇنلىرىڭ ھەم قاينام-تاشقىنلىرىڭ مېنى غەرق قىلدى. | 7 |
Abyssus abyssum invocat, in voce cataractarum tuarum. Omnia excelsa tua, et fluctus tui super me transierunt.
كۈندۈزى پەرۋەردىگار ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىنى [ماڭا] بۇيرۇيدۇ، كېچىلىرى ئۇنىڭ ناخشىسى، ۋە ھەم ھاياتىم بولغان تەڭرىگە قىلغان دۇئا ماڭا ھەمراھ بولىدۇ. | 8 |
In die mandavit Dominus misericordiam suam: et nocte canticum eius. Apud me oratio Deo vitae meae,
مەن قورام تېشىم بولغان خۇداغا: ــ «مېنى نېمىشقا ئۇنتۇپ قالدىڭ؟ مەن نېمىشقا دۈشمەننىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراپ، ھەمىشە ئازاب چېكىپ يۈرۈۋاتىمەن؟» ــ دەيمەن. | 9 |
dicam Deo: Susceptor meus es, Quare oblitus es mei? et quare contristatus incedo, dum affligit me inimicus?
سۆڭەكلىرىمنى ئەزگەندەك رەقىبلىرىم مېنى مەسخىرە قىلىپ ئەيىبلەيدۇ؛ ئۇلار كۈن بويى مەندىن: «خۇدايىڭ قەيەردە؟» ــ دەپ سورىماقتا. | 10 |
Dum confringuntur ossa mea, exprobraverunt mihi qui tribulant me inimici mei: Dum dicunt mihi per singulos dies: Ubi est Deus tuus?
ئى جېنىم، تېنىمدە نېمىشقا بۇنداق قايغۇرىسەن؟ نېمىشقا ئىچىمدە بۇنداق مەيۈسلىنىپ كەتتىڭ؟ خۇداغا ئۈمىد باغلا؛ چۈنكى مەن ئۇنى يەنىلا مەدھىيىلەيمەن، يەنى چىرايىمغا سالامەتلىك، نىجاتلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدايىمنى مەدھىيىلەيمەن! ئۇ مېنىڭ خۇدايىمدۇر! | 11 |
quare tristis es anima mea? et quare conturbas me? Spera in Deo, quoniam adhuc confitebor illi: salutare vultus mei, et Deus meus.