< زەبۇر 41 >
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ غېرىب-ئاجىزلارغا غەمخورلۇق قىلغان كىشى نەقەدەر بەختلىك-ھە! ئېغىر كۈنلەردە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا پاناھ بولىدۇ. | 1 |
For the Chief Musician. A Psalm of David. Blessed is he that considereth the poor: the LORD will deliver him in the day of evil.
پەرۋەردىگار ئۇنى قوغداپ، ئۇنى ئامان ساقلايدۇ؛ ئۇ زېمىندا تۇرۇپ بەختىيار ياشايدۇ؛ سەن ئۇنى دۈشمەنلىرىنىڭ ئىختىيارىغا چۈشۈرمەيسەن! | 2 |
The LORD will preserve him, and keep him alive, and he shall be blessed upon the earth; and deliver not thou him unto the will of his enemies.
ئورۇن تۇتۇپ زەئىپلىشىپ ياتقىنىدا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا دەرمان بولىدۇ؛ سەن ئۇنىڭ ياتقان ئورۇن-كۆرپىلىرىنى راسلاپ تۈزەشتۈرۈپ تۇرىسەن. | 3 |
The LORD will support him upon the couch of languishing: thou makest all his bed in his sickness.
مەن ئىلتىجا قىلىپ: ــ «ئى پەرۋەردىگار، ماڭا مېھرىبانلىق كۆرسەتكەيسەن، جېنىمغا شىپالىق بەرگەيسەن؛ چۈنكى مەن ئالدىڭدا گۇناھ قىلدىم» ــ دېدىم. | 4 |
I said, O LORD, have mercy upon me: heal my soul; for I have sinned against thee.
دۈشمەنلىرىم مەن توغرۇلۇق: ــ «ئۇ قاچانمۇ ئۆلۈپ، نامى-نەسلى قۇرۇپ كېتەر؟» ــ دەپ ماڭا يامانلىق تىلەيدۇ. | 5 |
Mine enemies speak evil against me, [saying], When shall he die, and his name perish?
بىرسى مېنى كۆرگىلى كەلگەن بولسا، ئۇ ئالدامچى سۆزلەرنى قىلىدۇ؛ ئۇلار كەينىمدىن كۆڭلىدە شۇملۇق توپلاپ، ئاندىن سىرتلارغا چىقىپ شۇ ئىشلارنى تارقىتىپ پو ئاتىدۇ؛ | 6 |
And if he come to see [me], he speaketh vanity; his heart gathereth iniquity to itself: when he goeth abroad, he telleth it.
ماڭا ئۆچ بولغانلارنىڭ ھەممىسى ماڭا قارىتا ئۆزئارا كۇسۇرلىشىدۇ، ئۇلار ماڭا زىيانكەشلىك قەستىدە بولىدۇ. | 7 |
All that hate me whisper together against me: against me do they devise my hurt.
ئۇلار: «ئۇنىڭ بېشىغا جىن-شەيتاندىن بىر كېسەل چاپلاشتى؛ ئەمدى ئۇ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى؛ ئۇ قايتىدىن تۇرالمايدۇ» ــ دېيىشىدۇ. | 8 |
An evil disease, [say they], cleaveth fast unto him: and now that he lieth he shall rise up no more.
ھەتتا سىردىشىم دەپ ئىشەنگەن قەدىناس دوستۇم، مەن بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ تۇزۇمنى يېگەنمۇ ماڭا پۇت ئاتتى. | 9 |
Yea, mine own familiar friend, in whom I trusted, which did eat of my bread, hath lifted up his heel against me.
بىراق سەن پەرۋەردىگار، ماڭا رەھىم قىلغايسەن؛ دۈشمەنلىرىمدىن ئىنتىقام ئېلىشقا، مېنى تۇرغۇزغايسەن؛ | 10 |
But thou, O LORD, have mercy upon me, and raise me up, that I may requite them.
دۈشمىنىمنىڭ ئۈستۈمدىن غەلىبە قىلىپ شادلانمىغىنىدىن، سېنى مەندىن سۆيۈنىدۇ، دەپ بىلىمەن. | 11 |
By this I know that thou delightest in me, because mine enemy doth not triumph over me.
بىراق ماڭا كەلسەك، دۇرۇس بولغانلىقىمدىن، سەن مېنى يۆلەيسەن؛ سەن مېنى مەڭگۈ ئۆز ھۇزۇرۇڭدا قەد كۆتۈرۈتكۈزۈپ تۇرغۇزىسەن. | 12 |
And as for me, thou upholdest me in mine integrity, and settest me before thy face for ever.
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلغاي! ئامىن! ئامىن! | 13 |
Blessed be the LORD, the God of Israel, from everlasting and to everlasting. Amen, and Amen.