< زەبۇر 40 >
داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگارغا تەلمۈرۈپ، كۈتتۈم، كۈتتۈم؛ ئۇ ماڭا ئېگىلىپ پەريادىمنى ئاڭلىدى. | 1 |
Au chef des chantres; de David. Psaume. J’Ai placé mon ferme espoir en l’Eternel: il s’est incliné vers moi, il a entendu ma supplication.
ئۇ مېنى ھالاكەت ئورىكىدىن، شۇنداقلا پاتقاق لايدىن تارتىۋالدى، پۇتلىرىمنى ئۇيۇلتاش ئۈستىگە تۇرغۇزۇپ، قەدەملىرىمنى مۇستەھكەم قىلدى. | 2 |
Il m’a retiré d’un gouffre tumultueux, d’un bourbier fangeux; il a posé mes pieds sur le roc et affermi mes pas.
ئۇ ئاغزىمغا يېڭى ناخشا-مۇناجاتنى، يەنى خۇدايىمىزنى مەدھىيىلەشلەرنى سالدى؛ نۇرغۇن خەلق بۇنى كۆرۈپ، قورقىدۇ، ھەم پەرۋەردىگارغا تايىنىدۇ. | 3 |
Il a mis dans ma bouche un cantique nouveau, des louanges en l’honneur de notre Dieu; beaucoup s’en aperçoivent, éprouvent de la vénération, et mettent leur confiance en l’Eternel.
تەكەببۇرلاردىن ياردەم ئىزدىمەيدىغان، يالغانچىلىققا ئېزىپ كەتمەيدىغان، بەلكى پەرۋەردىگارنى ئۆز تايانچىسى قىلغان كىشى بەختلىكتۇر! | 4 |
Heureux l’homme qui cherche sa sécurité en l’Eternel, et ne se tourne pas vers les orgueilleux et les amis du mensonge!
ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، سېنىڭ بىز ئۈچۈن قىلغان كارامەتلىرىڭ ۋە ئوي-نىيەتلىرىڭنى بارغانسېرى كۆپەيتىپ، سان-ساناقسىز قىلغانسەن، كىممۇ ئۇلارنى بىر-بىرلەپ ھېسابلاپ ئۆزۈڭگە [رەھمەت قايتۇرۇپ] بولالىسۇن! ئۇلارنى سۆزلەپ باشتىن-ئاخىر بايان قىلاي دېسەم، ئۇلارنى ساناپ تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس. | 5 |
Que de prodiges, ô Eternel, mon Dieu, que de desseins tu as accomplis en notre faveur! Rien n’est comparable à toi, j’aimerais les proclamer et les redire encore… Leur grand nombre défie toute description.
نە قۇربانلىق، نە ئاش ھەدىيەلەر سېنىڭ تەلەپ-ئارزۇيۇڭ ئەمەس، بىراق سەن ماڭا [سەزگۈر] قۇلاقلارنى ئاتا قىلدىڭ؛ نە كۆيدۈرمە قۇربانلىق، نە گۇناھ قۇربانلىقىنى تەلەپ قىلمىدىڭ؛ | 6 |
Tu ne souhaites ni sacrifice ni oblation, tu m’as perforé des oreilles pour entendre tu n’exiges ni holocaustes ni expiatoires.
شۇڭا جاۋاب بەردىمكى ــ «مانا مەن كەلدىم!» ــ دېدىم. ئورام يازما دەستۇردا مەن توغرۇلۇق پۈتۈلگەن: ــ | 7 |
Aussi je dis: "Voici, je me présente! Dans le rouleau du livre se trouve ce qui m’est prescrit.
«خۇدايىم، سېنىڭ كۆڭلۈڭدىكى ئىرادەڭ مېنىڭ خۇرسەنلىكىمدۇر؛ سېنىڭ تەۋرات قانۇنۇڭ قەلبىمگە پۈتۈكلۈكتۇر». | 8 |
Accomplir ta volonté, mon Dieu, tel est mon désir; ta loi a pénétré jusqu’au fond de mes entrailles."
بۈيۈك جامائەت ئارىسىدا تۇرۇپ مەن ھەققانىيلىقنى جاكارلىدىم؛ مانا بۇلارنى ئۆزۈمدە قىلچە ئېلىپ قالغۇم يوقتۇر، ئى پەرۋەردىگار، ئۆزۈڭ بىلىسەن. | 9 |
J’Ai proclamé ton équité dans une nombreuse assemblée, voici, je n’ai pas tenu mes lèvres closes: Eternel, toi, tu le sais.
ھەققانىيلىقىڭنى قەلبىمدە يوشۇرۇپ يۈرمىدىم؛ ۋاپادارلىقىڭنى ۋە نىجاتلىقىڭنى جاكارلىدىم؛ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ۋە ھەقىقىتىڭنى بۈيۈك جامائەتكە ھېچ يوشۇرماستىن بايان قىلدىم. | 10 |
Je n’ai point fait le silence sur ta justice, dont mon cœur est plein; j’ai dit ta fidélité et ta protection; je n’ai point caché ta grâce et ta bienveillance à la grande foule.
ئى پەرۋەردىگار، مېھرىبانلىقلىرىڭنى مەندىن ئايىمىغايسەن؛ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ۋە ھەقىقىتىڭ ھەردائىم مېنى ساقلىغاي! | 11 |
Toi, non plus, ne me refuse pas ta clémence; que ta grâce et ta bonté me protègent sans cesse!
چۈنكى سانسىز كۈلپەتلەر مېنى ئورىۋالدى؛ قەبىھلىكلىرىم مېنى بېسىۋېلىپ، كۆرەلمەيدىغان بولدۇم؛ ئۇلار بېشىمدىكى چېچىمدىن كۆپ، جاسارىتىم تۈگىشىپ كەتتى. | 12 |
car des maux sans nombre m’assiègent, mes péchés m’ont débordé, je ne puis plus rien voir; ils sont plus abondants que les cheveux de ma tête; aussi mon cœur est-il défaillant en moi.
مېنى قۇتقۇزۇشنى توغرا تاپقايسەن، ئى پەرۋەردىگار! ئى پەرۋەردىگار، تېز كېلىپ، ماڭا ياردەم قىلغايسەن! | 13 |
Consens, Seigneur, à me sauver; Eternel, hâte-toi de me porter secours.
مېنىڭ ھاياتىمغا چاڭ سالماقچى بولغانلار بىراقلا يەرگە قارىتىلىپ رەسۋا قىلىنسۇن؛ مېنىڭ زىيىنىمدىن خۇرسەن بولغانلار كەينىگە ياندۇرۇلۇپ شەرمەندە بولغاي. | 14 |
Qu’ils soient ensemble confondus et couverts de honte, ceux qui attentent à ma vie, pour la supprimer! Qu’ils lâchent pied et reculent, en rougissant, ceux qui souhaitent mon malheur!
مېنى: ــ «ۋاھ! ۋاھ!» دەپ مەسخىرە قىلغانلار ئۆز شەرمەندىلىكىدىن ئالاقزادە بولۇپ كەتسۇن! | 15 |
Qu’ils soient frappés de stupeur par suite de leur honte, ceux qui disent de moi: "Ha! Ha!"
بىراق سېنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى سەندە شادلىنىپ خۇشال بولغاي! نىجاتلىقىڭنى سۆيگەنلەر ھەمىشە: «پەرۋەردىگار ئۇلۇغلانسۇن» دېيىشكەي! | 16 |
Mais qu’ils jubilent et se réjouissent en toi, tous ceux qui te recherchent; qu’ils disent constamment: "Dieu est grand!" ceux qui aiment ta protection!
مەن ئېزىلگەن ھەم يوقسۇل بولساممۇ، بىراق رەب يەنىلا مېنى ياد ئېتىدۇ؛ سەن مېنىڭ ياردەمچىم، مېنىڭ ئازاد قىلغۇچىم؛ ئى خۇدايىم، كېچىكمەي كەلگەيسەن! | 17 |
Quant à moi, pauvre et malheureux, que mon Seigneur ait égard à moi! Tu es mon aide et ma sauvegarde: Eternel, n’attends pas trop longtemps.