< زەبۇر 4 >
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ مەن نىدا قىلغىنىمدا، ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن، ئى ماڭا ھەققانىيلىقىم ئاتا قىلغۇچى خۇدا! بېسىم ئاستىدا قالغاندا سەن مېنى كەڭرىچىلىككە چىقاردىڭ؛ ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، دۇئايىمنى ئاڭلا! | 1 |
Кад Те зовем чуј ме, Боже, правдо моја! У тескоби дај ми простор; смилуј се на ме и услиши молитву моју.
ئى ئىنسان بالىلىرى، سىلەر مېنىڭ شان-شەرىپىمنى قاچانغىچە ئاھانەتكە قالدۇرىسىلەر؟ قاچانغىچە بىھۇدىلىكنى سۆيۈپ، يالغاننى ئىزدەپ يۈرىسىلەر؟ سېلاھ. | 2 |
Синови човечији! Докле ће слава моја бити у срамоти? Докле ћете љубити ништавило и тражити лажи?
بىراق شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، پەرۋەردىگار ئىخلاسمەنلەرنى ئۆزىگە خاس قىلغان؛ مەن ئۇنىڭغا نىدا قىلغىنىمدا، پەرۋەردىگار ئاڭلايدۇ. | 3 |
Знајте да Господ дивно чува светог свог; Господ чује кад Га зовем.
ئاچچىقىڭلارغا بېرىلىپ، گۇناھ قىلماڭلار؛ ئۆز ئورنۇڭلاردا يېتىپ، قەلبىڭلاردا چوڭقۇر ئويلىنىپ، سۈكۈت قىلىڭلار. سېلاھ. | 4 |
Гневећи се не грешите; размислите у срцима својим на постељама својим, и утолите.
ھەققانىيلىق بىلەن قۇربانلىقلارنى قىلىڭلار، ۋە پەرۋەردىگارغا تايىنىڭلار. | 5 |
Принесите жртву за правду, и уздајте се у Господа.
كۆپ خەلق: ــ «كىم بىزگە ياخشىلىق كۆرسىتەلىسۇن؟» ــ دەپ سورىماقتا؛ جامالىڭنىڭ نۇرى ئۈستىمىزگە چۈشسۇن، ئى پەرۋەردىگار! | 6 |
Многи говоре: Ко ће нам показати шта је добро? Обрати к нама, Господе, светло лице своје.
ئاشلىق ۋە يېڭى شارابلىرى مولچىلىق بولغانلارنىڭ خۇشاللىقىدىنمۇ، مېنىڭ قەلبىمنى بەكرەك خۇشاللىققا تولدۇردۇڭ. | 7 |
А мени си дао у срце радост већу него што је они имају, кад им роди пшеница и вино.
مەن ياتاي، ھەم خاتىرجەملىكتە ئۇخلىۋالاي؛ چۈنكى مېنى بىخەتەرلىكتە ياشاتقۇچى پەقەتلا سەن، ئى پەرۋەردىگار! | 8 |
Ја мирно лежем и спавам; јер Ти, Господе, сам дајеш ми, те сам без страха.