< زەبۇر 39 >
نەغمىچىلەرنىڭ بېشى يەدۇتۇنغا تاپشۇرۇلغان، داۋۇت يازغان كۈي: ــ «تىلىم گۇناھ قىلمىسۇن دەپ، يوللىرىمغا دىققەت قىلىمەن؛ رەزىللەر كۆز ئالدىمدا بولسا، مەن ئاغزىمغا بىر كۆشەك سالىمەن» ــ دېگەنىدىم. | 1 |
Dawid dwom. Mekae se, “Mɛhwɛ mʼakwan yiye na mamfa me tɛkrɛma anyɛ bɔne; mɛto mʼano nnareka bere a amumɔyɛfo bɛn me yi.
مەن سۈكۈت قىلىپ، زۇۋان سۈرمىدىم، ھەتتا ياخشىلىق توغرىسىدىكى سۆزلەرنىمۇ ئاغزىمدىن چىقارمىدىم؛ بىراق دىل ئازابىم تېخىمۇ قوزغالدى. | 2 |
Enti meyɛɛ komm a manka asɛm papa biara mpo nanso mʼapinisi mu yɛɛ den.
كۆڭلۈمدە زەردەم قاينىدى، ئويلانغانسېرى ئوت بولۇپ ياندى؛ ئاندىن تىلىم ئىختىيارسىز سۆزلەپ كەتتى. | 3 |
Me koma ho guan no wɔ me mu. Midwinnwen no, ogya dɛwee; afei mede me tɛkrɛma kasae se:
ئى پەرۋەردىگار، ئۆز ئەجىلىمنى، كۈنلىرىمنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ماڭا ئايان قىلغىن؛ ئاجىز ئىنسان بالىسى ئىكەنلىكىمنى ماڭا بىلدۈرگىن. | 4 |
“Awurade, ma minhu me nkwa awiei ne me nna dodow; ma minhu sɛnea me nkwa si twa mu ntɛm so.
مانا، سەن كۈنلىرىمنى پەقەت نەچچە غېرىچلا قىلدىڭ، سېنىڭ ئالدىڭدا ئۆمرۈم يوق ھېسابىدىدۇر. بەرھەق، بارلىق ئىنسانلار تىك تۇرسىمۇ، پەقەت بىر تىنىقلا، خالاس. سېلاھ. | 5 |
Woayɛ me nna sɛ nsateaa baako pɛ; na me mfe dodow nyɛ hwee wɔ wʼani so. Onipa nkwa yɛ ɔhome bi kɛkɛ.
بەرھەق، ھەربىر ئىنساننىڭ ھاياتى خۇددى بىر كۆلەڭگىدۇر، ئۇلارنىڭ ئالدىراپ-سالدىراشلىرى بىھۇدە ئاۋارىچىلىكتۇر؛ ئۇلار بايلىقلارنى توپلايدۇ، لېكىن كېيىن بۇ بايلىقلارنى كىمنىڭ قولىغا جۇغلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. | 6 |
Onipa redi akɔneaba nyinaa no, ɔte sɛ sunsuma bi kwa; ɔhaw ne ho nanso ɔyɛ kwa; ɔboa ahonya ano na onnim nea ɛbɛyɛ ne de.
ئى رەب، ئەمدى مەن نېمىنى كۈتىمەن؟ مېنىڭ ئۈمىدىم ساڭىلا باغلىقتۇر. | 7 |
“Afei Awurade, dɛn na merehwehwɛ? Mʼanidaso wɔ wo mu.
مېنى بارلىق ئاسىيلىقلىرىمدىن قۇتقۇزغايسەن، مېنى ھاماقەتلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالدۇرمىغايسەن. | 8 |
Gye me fi me bɔne nyinaa mu; mma mennyɛ nkwaseafo aserewde.
سۈكۈت قىلىپ زۇۋان سۈرمىدىم؛ چۈنكى مانا، مۇشۇ [جازانى] ئۆزۈڭ يۈرگۈزگەنسەن. | 9 |
Meyɛɛ komm, na mammue mʼano, efisɛ wo na woayɛ eyi.
مېنى سالغان ۋابايىڭنى مەندىن نېرى قىلغايسەن؛ چۈنكى قولۇڭنىڭ زەربىسى بىلەن تۈگىشەي دەپ قالدىم. | 10 |
Yi wʼasotwe fi me so; wo nsa ano amanehunu amene me.
سەن تەنبىھلىرىڭ بىلەن كىشىنى ئۆز يامانلىقى ئۈچۈن تەربىيىلىگىنىڭدە، سەن خۇددى نەرسىلەرگە كۈيە قۇرتى چۈشكەندەك، ئۇنىڭ ئىززەت-غۇرۇرىنى يوق قىلىۋېتىسەن؛ بەرھەق، ھەربىر ئادەم بىر تىنىقلا، خالاس. سېلاھ. | 11 |
Woka nnipa anim, na wotwe wɔn aso wɔ wɔn bɔne ho; wosɛe wɔn ahonya te sɛ nwewee; onipa biara yɛ ɔhome kɛkɛ.
ئى پەرۋەردىگار، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن، پەريادىمغا قۇلاق سالغايسەن! كۆز ياشلىرىمغا سۈكۈت قىلمىغايسەن! چۈنكى مەن پۈتكۈل ئاتا-بوۋىلىرىمدەك، سېنىڭ ئالدىڭدا ياقا يۇرتلۇق، مۇساپىرمەن، خالاس! | 12 |
“Awurade, tie me mpaebɔ, tie me sufrɛ; nsiw wʼaso wɔ me su ho. Me ne wo te hɔ sɛ ɔnanani, sɛnea na mʼagyanom nyinaa te no.
ماڭا تىككەن كۆزۈڭنى مەندىن نېرى قىلغايسەنكى، مەن بارسا كەلمەس جايغا كەتكۈچە، مېنى بىرئاز بولسىمۇ راھەتتىن بەھرىمەن قىلغايسەن. | 13 |
Yi wʼani fi me so na manya nkwa bio, ansa na mafi ha a mente ase bio.” Wɔde ma dwonkyerɛfo.