< زەبۇر 38 >
داۋۇت يازغان كۈي: ــ (ئەسلىمە ئۈچۈن) ئى پەرۋەردىگار، غەزىپىڭدە تەنبىھ بەرمىگەيسەن، قەھرىڭدە مېنى جازالىمىغايسەن! | 1 |
達味紀念歌。 上主,求你不要在你的震怒中責罰我,求你不要在你的氣憤中懲戒我。
چۈنكى ئوقلىرىڭ مېنى زەخىملەندۈرۈپ سانجىدى، قولۇڭ ئۈستۈمدىن قاتتىق باستى. | 2 |
因為你的箭射中了我,你的手重壓了我。
قاتتىق غەزىپىڭ تۈپەيلىدىن ئەتلىرىمدە ھېچ ساقلىق يوق، گۇناھىم تۈپەيلىدىن ئۇستىخانلىرىمدا ئارام يوقتۇر. | 3 |
因了你的盛怒,我已體無完膚;因了我的罪行,我已粉身碎骨。
چۈنكى گۇناھلىرىم بويۇمدىن تاشتى؛ ئۇلار كۆتۈرەلمىگۈسىز ئېغىر يۈكتەك مېنى بېسىۋالدى. | 4 |
因為我的罪過高出我的頭頂,好似重擔把我壓得過分沉重。
ئەخمەقلىقىمدىن جاراھەتلىرىم سېسىپ، شەلۋەرەپ كەتتى. | 5 |
我的創痍漬爛流膿,完全由於我的愚矇。
ئازابتىن بەللىرىم تولىمۇ پۈكۈلۈپ كەتتى، كۈن بويى غەمگە پېتىپ يۈرىمەن! | 6 |
我悲傷得身已傴僂,終日行動滿懷憂愁。
چاتىراقلىرىم ئوتقا تولدى، ئەتلىرىمنىڭ ساق يېرى يوقتۇر. | 7 |
因為我的腰肢焦灼難受,我的肉體已無完膚。
مەن تولىمۇ ھالسىراپ، ئېزىلىپ كەتتىم؛ قەلبىمدىكى ئازاب-قايغۇ تۈپەيلىدىن ھۆركىرەيمەن. | 8 |
我已筋疲力盡,奄奄一息;我已心痛欲絕,嗟嘆不已。
رەب، بارلىق ئارزۇيۇم كۆز ئالدىڭدىدۇر؛ ئۇھ تارتىشلىرىم سەندىن يوشۇرۇن ئەمەس؛ | 9 |
我主,我的呻吟常在你的面前,我的悲歎不向你隱瞞;
يۈرىكىم جىغىلداپ، ھالىمدىن كەتتىم؛ كۆزلىرىمنىڭ نۇرى ئۆچتى. | 10 |
我的心顫慄,我的精力衰退,我眼目的光明也已消逝。
يار-بۇرادەرلىرىممۇ مېنى ئۇرغان ۋابا تۈپەيلىدىن، ئۆزلىرىنى مەندىن تارتتى؛ يېقىنلىرىممۇ مەندىن يىراق قاچتى. | 11 |
我遭難時,我的友朋都袖手旁觀,我的親人都站得很遠。
جېنىمنى ئالماقچى بولغانلار تۇزاق قۇرىدۇ؛ ماڭا زىياننى قەستلىگەنلەر زەھىرىنى چاچماقتا؛ ئۇلار كۈن بويى ھىيلە-مىكىرلەرنى ئويلىماقتا. | 12 |
追尋我命的人,張設網羅,設法害我的人,散布惡謨,他們行詭計日夜思索。
لېكىن مەن گاس ئادەمدەك ئاڭلىمايمەن، گاچا ئادەمدەك ئاغزىمنى ئاچمايمەن؛ | 13 |
但我好像是一個有耳聽不見的聾子,我又好像是一個有口不能言的啞巴。
بەرھەق، مەن ئاڭلىيالمايدىغان گاسلاردەك بولۇپ قالدىم؛ ئاغزىمدا قىلىدىغان رەددىيە-تەنبىھ يوق. | 14 |
我竟成了一個沒有聽覺的人,成了一個口中沒有辯詞的人。
چۈنكى ئۈمىدىمنى سەن پەرۋەردىگارغا باغلىدىم؛ رەب خۇدايىم، سەن ئىلتىجايىمغا ئىجابەت قىلىسەن. | 15 |
因為我唯有仰慕你,上主,你必應允我,我主我天主!
چۈنكى مەن: ــ «ئۇلار مېنىڭ ئۈستۈمگە چىقىپ ماختانمىغاي؛ بولمىسا، پۇتلىرىم تېيىلىپ كەتكەندە، ئۇلار شادلىنىدۇ» ــ دېدىم مەن. | 16 |
我原來說過:「不要讓他們洋洋得意,不要讓他們因我的失足而沾沾自喜。」
چۈنكى مەن دەلدەڭشىپ، تۈگىشەي دەپ قالدىم، ئازابىم كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. | 17 |
我生來就易於失足,因此我常心懷痛苦。
چۈنكى مەن ئۆز يامانلىقىمنى ئىقرار قىلىمەن؛ گۇناھىم ئۈستىدە قايغۇرىمەن. | 18 |
我的確承認我犯了罪愆,我為了我的過惡而憂慚。
لېكىن دۈشمەنلىرىم جۇشقۇن ھەم كۈچلۈكتۇر؛ قارا چاپلاپ، ماڭا نەپرەتلەنگەنلەرنىڭ سانى نۇرغۇندۇر. | 19 |
無故加害我的人,力強兇暴,無理憎恨我的人,成群結伙;
ۋاپاغا جاپا قىلىدىغانلار بولسا، مەن بىلەن قارشىلىشىدۇ؛ چۈنكى مەن ياخشىلىقنى كۆزلەپ، ئىنتىلىمەن. | 20 |
他們都以怨報德而對待我,因我追求正義而惱恨我。
ئى پەرۋەردىگار، مەندىن ۋاز كەچمىگەيسەن! ئى خۇدايىم، مەندىن يىراقلاشمىغايسەن! | 21 |
上主,求你不要捨棄我,我主,求你不要遠離我。
ئى رەب، مېنىڭ نىجاتلىقىم، ماڭا چاپسان ياردەم قىلغايسەن! | 22 |
我的上主,我的救助,求你速來給我護祐。