< زەبۇر 37 >
داۋۇت يازغان كۈي: ــ يامانلىق قىلغۇچىلار تۈپەيلىدىن ئۆزۈڭنى كۆيدۈرمە، ناكەسلەرگە ھەسەت قىلما. | 1 |
Псалом Давидів. Не роздратовуйся через злих [людей], не заздри тим, хто чинить беззаконно;
چۈنكى ئۇلار ئوت-چۆپلەردەك تېزلا ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ، يۇمران ئۆسۈملۈكلەرگە ئوخشاش توزۇپ كېتىدۇ. | 2 |
адже вони, немов трава, скоро засохнуть, і, як зелена поросль, зів’януть.
پەرۋەردىگارغا تايان، تىرىشىپ ياخشىلىق قىل، زېمىندا ماكانلىشىپ ياشاپ، ئۇنىڭ ۋاپا-ھەقىقىتىنى ئوزۇق بىلىپ ھۇزۇرلان. | 3 |
Покладай надію на Господа й роби добро, мешкай на землі й оберігай вірність.
«پەرۋەردىگارنى خۇرسەنلىكىم» دەپ بىلگىن، ئۇ ئارزۇ-تىلەكلىرىڭگە يەتكۈزىدۇ. | 4 |
Насолоджуйся Господом, і Він дасть тобі те, чого прагне твоє серце.
يولۇڭنى پەرۋەردىگارغا ئامانەت قىل؛ ئۇنىڭغا تايان، ئۇ چوقۇم [تىلىكىڭنى] ئىجابەت قىلىدۇ. | 5 |
Розкрий перед Господом шлях, [задуманий] тобою, довірся Йому, і Він [усе] здійснить;
ئۇ ھەققانىيلىقىڭنى نۇردەك، ئادالىتىڭنى چۈشتىكى قۇياشتەك چاقنىتىدۇ. | 6 |
Він виведе твою правду, як світло [дня], і справедливість твою – як сяйво [сонця] опівдні.
پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تىنچ بولۇپ، ئۇنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈت؛ ھارامدىن روناق تاپقان ئادەم تۈپەيلىدىن، يامان نىيەتلىرى ئىشقا ئاشىدىغان كىشى تۈپەيلىدىن ئۆزۈڭنى كۆيدۈرمە. | 7 |
У безмовній тиші будь перед Господом і на Нього сподівайся. Не роздратовуйся, коли дорога [нечестивого] успішна, коли він здійснює свої підступні задуми.
ئاچچىقىڭدىن يان، غەزەپتىن قايت، ئۆزۈڭنى كۆيدۈرمە؛ ئۇ پەقەت سېنى يامانلىققا ئېلىپ بارىدۇ. | 8 |
Вгамуй гнів і полиши роздратування, не дратуйся, бо це [призводить] лише до лиха.
چۈنكى يامانلىق قىلغۇچىلار زېمىندىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ پەرۋەردىگارغا تەلمۈرۈپ كۈتكەنلەر بولسا، زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ. | 9 |
Адже злодії будуть викорінені, а ті, хто надію покладає на Господа, вспадкують землю.
: كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا، رەزىل ئادەم ھالاك بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ماكانىغا سەپسېلىپ قارىساڭ، ئۇ يوق بولىدۇ. | 10 |
Ще трохи, і не стане нечестивого, придивишся до місця, де він був, а його там немає.
بىراق ياۋاش-مۆمىنلەر زېمىنغا مىراسلىق قىلىدۇ، ۋە چەكسىز ئارامبەخشلىكتىن ھۇزۇرلىنىدۇ. | 11 |
А смиренні вспадкують землю і будуть насолоджуватись величним спокоєм.
رەزىل ئادەم ھەققانىيغا قەست قىلىدۇ؛ ئۇنىڭغا چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ خىرىس قىلىدۇ؛ | 12 |
Задумує нечестивий лихе на праведного й скрегоче на нього своїми зубами,
لېكىن رەب ئۇنىڭغا قاراپ كۈلىدۇ؛ چۈنكى [رەب] ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدىغان كۈننى كۆرىدۇ. | 13 |
та Володар посміється з нього, адже Він бачить, що наближається день його [покарання].
ياۋاشلار ۋە يوقسۇللارنى يىقىتىش ئۈچۈن، يولى دۇرۇسلارنى قىرىپ تاشلاش ئۈچۈن، رەزىللەر قىلىچىنى غىلىپىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئوقياسىنىڭ كىرىچىنى تارتىپ تەييارلىدى. | 14 |
Мечі із піхов дістають нечестиві й натягують свої луки, щоб на землю повалити пригніченого й бідняка, щоб згубити тих, чиї дороги справедливі.
لېكىن قىلىچى بولسا ئۆز يۈرىكىگە سانجىلىدۇ، ئوقيالىرى سۇندۇرۇۋېتىلىدۇ. | 15 |
Та мечі їхні у їхні ж серця увійдуть, і луки їхні зламаються.
ھەققانىيلاردىكى «ئاز»، كۆپلىگەن يامانلارنىڭ بايلىقلىرىدىن ئەۋزەلدۇر. | 16 |
Невеликий статок праведника кращий, ніж багатство численних нечестивців,
چۈنكى رەزىللەرنىڭ بىلەكلىرى سۇندۇرۇلىدۇ؛ لېكىن پەرۋەردىگار ھەققانىيلارنى يۆلەيدۇ؛ | 17 |
бо рамена нечестивих зламаються, а праведних підтримає Господь.
پەرۋەردىگار كۆڭلى دۇرۇسلارنىڭ كۈنلىرىنى بىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ مىراسى مەڭگۈگە بولىدۇ. | 18 |
Знає Господь дні невинних, і спадщина їхня буде повіки.
ئۇلار ئېغىر كۈنلەردە يەرگە قاراپ قالمايدۇ؛ قەھەتچىلىكتىمۇ ئۇلار توق يۈرىدۇ. | 19 |
Не будуть вони вкриті ганьбою в час біди і в дні голоду ситими будуть.
بىراق رەزىللەر ھالاك بولىدۇ؛ پەرۋەردىگار بىلەن قارشىلاشقۇچىلار چىمەنزاردىكى گۈل-گىياھدەك توزۇپ كېتىدۇ؛ ئۇلار تۈگەيدۇ؛ ئىس-تۈتۈندەك تارقىلىپ تۈگەيدۇ. | 20 |
Але нечестиві загинуть, і вороги Господа, як краса пасовищ, зникнуть, розвіються, мов дим.
رەزىل ئادەم ئۆتنە ئېلىپ قايتۇرمايدۇ؛ ئەمما ھەققانىي ئادەم مېھرىبانلىق بىلەن ئۆتنە بېرىدۇ؛ | 21 |
Позичає нечестивий, та не повертає боргу, а праведний милує і дає.
چۈنكى [پەرۋەردىگار] رەھمەت قىلغانلار زېمىنغا ئىگە بولىدۇ، بىراق ئۇنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغانلار ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ | 22 |
Тому благословенні Господом успадкують землю, а прокляті Ним викорінені будуть.
مەردانە ئادەمنىڭ قەدەملىرى پەرۋەردىگار تەرىپىدىندۇر؛ [رەب] ئۇنىڭ يولىدىن خۇرسەن بولىدۇ. | 23 |
Господь утверджує кроки [праведного] мужа, і його шлях Йому до вподоби.
ئۇ تېيىلىپ كەتسىمۇ، يىقىلىپ چۈشمەيدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ يۆلەپ تۇرىدۇ. | 24 |
Якщо той спіткнеться, то не впаде, бо Господь підтримує його за руку.
مەن ياش ئىدىم، ھازىر قېرىپ قالدىم؛ لېكىن ھەققانىيلارنىڭ تاشلىۋېتىلگەنلىكىنى، ياكى پەرزەنتلىرىنىڭ نان تىلىگەنلىكىنى ئەسلا كۆرگەن ئەمەسمەن؛ | 25 |
Я був юнаком і вже постарів, та не бачив, щоб праведний був покинутий і щоб нащадки його просили хліба.
ئۇ كۈن بويى مەرد-مېھرىبان بولۇپ ئۆتنە بېرىدۇ؛ ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ خەلققە بەرىكەت يەتكۈزىدۇ. | 26 |
Щодня він виявляє милосердя й позичає [іншим], тому нащадки його будуть благословенні.
يامانلىقنى تاشلاڭلار، ياخشىلىق قىلىڭلار، مەڭگۈ ياشايسىلەر! | 27 |
Ухиляйся від зла й роби добро – і житимеш повік.
چۈنكى پەرۋەردىگار ئادالەتنى سۆيىدۇ، ئۇ ئۆز مۆمىن بەندىلىرىنى تاشلىمايدۇ؛ ئۇلار مەڭگۈگە ساقلىنىدۇ؛ لېكىن رەزىللەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. | 28 |
Бо Господь любить справедливий суд і вірних Йому не покине. Вони будуть збережені навіки, а нащадки нечестивих будуть викорінені.
ھەققانىيلار يەر-جاھانغا ئىگە بولىدۇ، ئەبەدىلئەبەدگىچە ئۇنىڭدا ماكان تۇتۇپ ياشايدۇ. | 29 |
Праведні вспадкують землю й мешкатимуть на ній повіки.
ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزى دانالىق جاكارلايدۇ؛ ئۇنىڭ تىلى ئادىل ھۆكۈملەرنى سۆزلەيدۇ؛ | 30 |
Вуста праведного промовляють мудрість, і язик його говорить справедливе.
قەلبىدە خۇدانىڭ [مۇقەددەس] قانۇنى تۇرىدۇ؛ ئۇنىڭ قەدەملىرى تېيىلىپ كەتمەس. | 31 |
Закон його Бога у нього в серці, [тому] не похитнуться його кроки.
رەزىللەر ھەققانىي ئادەمنى پايلاپ يۈرىدۇ؛ ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرگۈدەك پەيتنى ئىزدەپ يۈرىدۇ. | 32 |
Нечестивий підстерігає праведного й шукає [можливості] його вбити.
لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنى دۈشمەننىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈرمەيدۇ؛ ياكى ھۆكۈمدە ئۇنى گۇناھقا پۈتمەيدۇ. | 33 |
Та Господь не залишить його в руках [зловмисника] й не дасть звинуватити його на суді.
پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈپ كۈت، ئۇنىڭ يولىنى چىڭ تۇتقىن؛ ئۇ سېنىڭ مەرتىۋەڭنى كۆتۈرۈپ، زېمىنغا ئىگە قىلىدۇ ، رەزىللەر ھالاك قىلىنغاندا، سەن بۇنى كۆرىسەن. | 34 |
Надійся на Господа й тримайся Його дороги, тоді Він звеличить тебе, щоб ти вспадкував землю, і побачиш ти, як будуть викорінені нечестиві.
مەن رەزىل ئادەمنىڭ زومىگەرلىك قىلىۋاتقىنىنى كۆردۈم، ئۇ خۇددى ئاينىغان باراقسان ياپيېشىل دەرەختەك روناق تاپقان. | 35 |
Я бачив жорстокого нечестивця, що буяв, немов міцно укорінене дерево з пишним листям.
بىراق ئۇ ئۆتۈپ كەتتى، مانا، ئۇ يوق بولدى؛ مەن ئۇنى ئىزدىسەممۇ، ئۇ تېپىلمايدۇ. | 36 |
Та минув він, і ось тепер немає його; шукав я його, та не знайшов.
مۇكەممەل ئادەمگە نەزەر سال، دۇرۇس ئىنسانغا قارا! چۈنكى بۇنداق ئادەمنىڭ ئاخىر كۆرىدىغىنى ئارامبەخش خاتىرجەملىك بولىدۇ. | 37 |
Тримайся того, як поводиться невинний, і дивися на праведного, адже майбуття належить людині мирній.
ئىتائەتسىزلەر بولسا بىرلىكتە ھالاك بولىشىدۇ؛ ئۇلارنىڭ كېلەچىكى ئۈزۈلىدۇ؛ | 38 |
А всі беззаконні будуть знищені, майбуття нечестивих буде викорінене геть.
بىراق ھەققانىيلارنىڭ نىجاتلىقى پەرۋەردىگاردىندۇر؛ ئۇ ئېغىر كۈنلەردە ئۇلارنىڭ كۈچلۈك پاناھىدۇر. | 39 |
Порятунок праведних – від Господа, Він твердиня їхня в час скорботи.
پەرۋەردىگار ياردەم قىلىپ ئۇلارنى ساقلايدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى رەزىللەردىن ساقلاپ قۇتقۇزىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئۇنى باشپاناھى قىلىدۇ. | 40 |
Допоможе їм Господь і визволить їх, визволить їх від нечестивих і врятує, бо на Нього вони покладають надію.