< زەبۇر 36 >
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى داۋۇت يازغان كۈي: ــ رەزىل ئادەمنىڭ ئاسىيلىقى مېنىڭ قەلبىمدە بىر بېشارەتنى پەيدا قىلىدۇ: ــ «ئۇنىڭ نەزىرىدە خۇدادىن قورقىدىغان ئىش يوقتۇر!». | 1 |
Neghmichilerning béshigha tapshurulup oqulsun dep, Perwerdigarning quli Dawut yazghan küy: — Rezil ademning asiyliqi méning qelbimde bir bésharetni peyda qilidu: — «Uning neziride Xudadin qorqidighan ish yoqtur!».
چۈنكى ئۇ ئۆز-ئۆزىنى ماختايدۇكى، ئۇ ئۆز-ئۆزىگە: ــ «مەندە گۇناھ تېپىلماس، قىلغىنىم يىرگىنچلىك ئىش ئەمەستۇر!» ــ دەيدۇ. | 2 |
Chünki u öz-özini maxtayduki, U öz-özige: — «Mende gunah tépilmas, qilghinim yirginchlik ish emestur!» — deydu.
ئاغزىدىكى سۆزلەر قەبىھلىك ۋە ھىيلىگەرلىكتۇر؛ پەزىلەتلىك ئىش قىلىش پاراسىتىدىن ئۇ ئاللىبۇرۇن مەھرۇمدۇر. | 3 |
Aghzidiki sözler qebihlik we hiyligerliktur; Peziletlik ish qilish parasitidin u alliburun mehrumdur.
ئۇ ئورنىدا ياتقاندىمۇ گۇناھنى كۆزلەيدۇ؛ ئۇ دۇرۇس بولمىغان يولغا مېڭىشنى ئىرادە قىلىدۇ؛ يامانلىقتىن ھېچ نەپرەتلەنمەيدۇ. | 4 |
U ornida yatqandimu gunahni közleydu; U durus bolmighan yolgha méngishni irade qilidu; Yamanliqtin héch nepretlenmeydu.
ئى پەرۋەردىگار، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئەرشلەرگە تاقىشىدۇ؛ ھەقىقەت-سادىقلىقىڭ بۇلۇتلارغا يېتىدۇ! | 5 |
I Perwerdigar, özgermes muhebbiting ershlerge taqishidu; Heqiqet-sadiqliqing bulutlargha yétidu!
ھەققانىيلىقىڭ بۈيۈك تاغلاردەك، ھۆكۈملىرىڭ تىلسىماتلىق چوڭقۇر دېڭىزلاردەكتۇر. ئى پەرۋەردىگار، سەن ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنى ساقلىغۇچىدۇرسەن؛ | 6 |
Heqqaniyliqing büyük taghlardek, Hökümliring tilsimatliq chongqur déngizlardektur. I Perwerdigar, Sen ademler we haywanlarni saqlighuchidursen;
سېنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ نەقەدەر قىممەتلىكتۇر، ئى خۇدا! شۇڭا ئىنسان بالىلىرى قاناتلىرىڭ سايىسىدە پاناھلىنىدۇ. | 7 |
Séning özgermes muhebbiting neqeder qimmetliktur, i Xuda! Shunga insan baliliri qanatliring sayiside panahlinidu.
ئۇلار ئۆيۈڭدىكى مول داستىخاندىن تويغۇچە بەھرىمەن بولىدۇ؛ سەن ئۇلارغا ھۇزۇر-ھالاۋەتلىرىڭنىڭ دەرياسىدىن ئىچكۈزىسەن. | 8 |
Ular öyüngdiki mol dastixandin toyghuche behrimen bolidu; Sen ulargha huzur-halawetliringning deryasidin ichküzisen.
چۈنكى سەندىلا باردۇر ھاياتلىق بۇلىقى؛ نۇرۇڭدا بولۇپ نۇرنى كۆرىمىز. | 9 |
Chünki Sendila bardur hayatliq buliqi; Nurungda bolup nurni körimiz.
ئاھ، ئۆزۈڭنى تونۇپ، بىلگەنلەرگە مۇھەببىتىڭنى، كۆڭلى دۇرۇسلارغىمۇ ھەققانىيلىقىڭنى كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرغايسەن. | 10 |
Ah, Özüngni tonup, bilgenlerge muhebbitingni, Köngli duruslarghimu heqqaniyliqingni körsitishni dawamlashturghaysen.
تەكەببۇرلارنىڭ پۇتىنىڭ ماڭا ھۇجۇم قىلىشىغا يول قويمىغايسەن؛ رەزىللەرنىڭ قولى مېنى ئورنۇمدىن قوغلىۋەتمىسۇن؛ | 11 |
Tekebburlarning putining manga hujum qilishigha yol qoymighaysen; Rezillerning qoli méni ornumdin qoghliwetmisun;
مانا، يامانلىق قىلغۇچىلار يىقىلدى! غۇلىتىۋېتىلدى، ئورنىدىن قايتا تۇرالمايدۇ! | 12 |
Mana, yamanliq qilghuchilar yiqildi! Ghulitiwétildi, ornidin qayta turalmaydu!