< زەبۇر 36 >

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى داۋۇت يازغان كۈي: ــ رەزىل ئادەمنىڭ ئاسىيلىقى مېنىڭ قەلبىمدە بىر بېشارەتنى پەيدا قىلىدۇ: ــ «ئۇنىڭ نەزىرىدە خۇدادىن قورقىدىغان ئىش يوقتۇر!». 1
For the Chief Musician. [A Psalm] of David the servant of Jehovah. The transgression of the wicked saith within my heart, There is no fear of God before his eyes.
چۈنكى ئۇ ئۆز-ئۆزىنى ماختايدۇكى، ئۇ ئۆز-ئۆزىگە: ــ «مەندە گۇناھ تېپىلماس، قىلغىنىم يىرگىنچلىك ئىش ئەمەستۇر!» ــ دەيدۇ. 2
For he flattereth himself in his own eyes, That his iniquity will not be found out and be hated.
ئاغزىدىكى سۆزلەر قەبىھلىك ۋە ھىيلىگەرلىكتۇر؛ پەزىلەتلىك ئىش قىلىش پاراسىتىدىن ئۇ ئاللىبۇرۇن مەھرۇمدۇر. 3
The words of his mouth are iniquity and deceit: He hath ceased to be wise [and] to do good.
ئۇ ئورنىدا ياتقاندىمۇ گۇناھنى كۆزلەيدۇ؛ ئۇ دۇرۇس بولمىغان يولغا مېڭىشنى ئىرادە قىلىدۇ؛ يامانلىقتىن ھېچ نەپرەتلەنمەيدۇ. 4
He deviseth iniquity upon his bed; He setteth himself in a way that is not good; He abhorreth not evil.
ئى پەرۋەردىگار، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئەرشلەرگە تاقىشىدۇ؛ ھەقىقەت-سادىقلىقىڭ بۇلۇتلارغا يېتىدۇ! 5
Thy lovingkindness, O Jehovah, is in the heavens; Thy faithfulness [reacheth] unto the skies.
ھەققانىيلىقىڭ بۈيۈك تاغلاردەك، ھۆكۈملىرىڭ تىلسىماتلىق چوڭقۇر دېڭىزلاردەكتۇر. ئى پەرۋەردىگار، سەن ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنى ساقلىغۇچىدۇرسەن؛ 6
Thy righteousness is like the mountains of God; Thy judgments are a great deep: O Jehovah, thou preservest man and beast.
سېنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ نەقەدەر قىممەتلىكتۇر، ئى خۇدا! شۇڭا ئىنسان بالىلىرى قاناتلىرىڭ سايىسىدە پاناھلىنىدۇ. 7
How precious is thy lovingkindness, O God! And the children of men take refuge under the shadow of thy wings.
ئۇلار ئۆيۈڭدىكى مول داستىخاندىن تويغۇچە بەھرىمەن بولىدۇ؛ سەن ئۇلارغا ھۇزۇر-ھالاۋەتلىرىڭنىڭ دەرياسىدىن ئىچكۈزىسەن. 8
They shall be abundantly satisfied with the fatness of thy house; And thou wilt make them drink of the river of thy pleasures.
چۈنكى سەندىلا باردۇر ھاياتلىق بۇلىقى؛ نۇرۇڭدا بولۇپ نۇرنى كۆرىمىز. 9
For with thee is the fountain of life: In thy light shall we see light.
ئاھ، ئۆزۈڭنى تونۇپ، بىلگەنلەرگە مۇھەببىتىڭنى، كۆڭلى دۇرۇسلارغىمۇ ھەققانىيلىقىڭنى كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرغايسەن. 10
Oh continue thy lovingkindness unto them that know thee, And thy righteousness to the upright in heart.
تەكەببۇرلارنىڭ پۇتىنىڭ ماڭا ھۇجۇم قىلىشىغا يول قويمىغايسەن؛ رەزىللەرنىڭ قولى مېنى ئورنۇمدىن قوغلىۋەتمىسۇن؛ 11
Let not the foot of pride come against me, And let not the hand of the wicked drive me away.
مانا، يامانلىق قىلغۇچىلار يىقىلدى! غۇلىتىۋېتىلدى، ئورنىدىن قايتا تۇرالمايدۇ! 12
There are the workers of iniquity fallen: They are thrust down, and shall not be able to rise.

< زەبۇر 36 >