< زەبۇر 34 >
داۋۇت يازغان كۈي: ــ (داۋۇت ئابىمەلەك [پادىشاھنىڭ] ئالدىدا يۈرۈش-تۇرۇشىنى باشقىچە قىلىۋالغاندا، [ئابىمەلەك] ئۇنى ھەيدىۋەتكەن ۋاقىتتا يازغان) مەن ھەرقانداق ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن؛ ئۇنى مەدھىيىلەش ئاغزىمدىن چۈشمەيدۇ. | 1 |
“By David, when he disguised his reason before Abimelech, who drove him away, and he departed.” I will bless the Lord at all times: continually shall his praise be in my mouth.
قەلبىم پەرۋەردىگارنى ئىپتىخارلىنىپ مەدھىيەلەيدۇ، مۆمىنلەر بۇنى ئاڭلاپ شادلىقتا بولىدۇ. | 2 |
My soul shall make her boast in the Lord: the humble shall hear it, and be rejoiced.
مەن بىلەن بىللە پەرۋەردىگارنى ئۇلۇغلاڭلار، بىرلىكتە ئۇنىڭ نامىغا مەدھىيىلەر ياڭرىتايلى. | 3 |
Oh magnify the Lord with me, and let us exalt his name together.
پەرۋەردىگارنى ئىزدىدىم، ئۇ مېنىڭ دۇئايىمنى ئىجابەت قىلدى، مېنى باسقان بارلىق ۋەھىمە-قورقۇنچلىرىمدىن قۇتقۇزدى. | 4 |
I sought the Lord, and he answered me, and from all that I dreaded did he deliver me.
[مۆمىنلەر] ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ نۇرلاندى؛ يۈزلىرى يەرگە قارىتىلمىدى. | 5 |
They [who] looked unto him, were indeed enlightened, and their faces were not put to the blush.
[مەن] پېقىر-بىچارە [ئۇنىڭغا] نىدا قىلدى، پەرۋەردىگار ئاڭلاپ، مېنى ھەممە ئاۋارىچىلىكلەردىن قۇتقۇزدى. | 6 |
This poor man cried, and the Lord heard him, and out of all his distresses did he save him.
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارنى قوغداپ ئەتراپىغا چېدىرىنى تىكىدۇ، ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ. | 7 |
The angel of the Lord encampeth round about those who fear him, and delivereth them.
پەرۋەردىگارنىڭ مېھرىبانلىقىنى تېتىپ، بىلگىن، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ تايانغان ئادەم نېمىدېگەن بەختلىكتۇر! | 8 |
Experience and see that the Lord is good: happy is the man that trusteth in him.
ئى ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى، پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىڭلار! چۈنكى ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارنىڭ ھېچ نەرسىسى كەم بولماس. | 9 |
Oh fear the Lord, ye his saints: for there is no want to those who fear him.
كۈچلۈك ئارسلانلار ئوزۇقسىز قېلىپ ئاچ قالسىمۇ، ئەمما پەرۋەردىگارنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ھېچبىر ياخشى نەرسىسى كەم بولماس. | 10 |
The young lions do lack, and suffer hunger; but those who seek the Lord shall not want any good.
كېلىڭلار بالىلىرىم، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار؛ مەن سىلەرگە پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشنى ئۆگىتىپ قوياي. | 11 |
Come, ye children, hearken unto me: the fear of the Lord will I teach you.
ھاياتنى ئەتىۋارلايدىغان كىشى كىم؟ كىمنىڭ ئۇزۇن ۋە ياخشى كۈنلەرنى كۆرگۈسى بار؟ | 12 |
Who is the man that desireth life, loveth [many] days, that he may see happiness?
ئۇنداقتا تىلىڭنى يامانلىقتىن تارتىپ يۈر، لەۋلىرىڭ مەككارلىقتىن نېرى بولسۇن؛ | 13 |
Guard thy tongue from evil, and thy lips from speaking deceit.
يامانلىقتىن ئايرىلىپ يىراق بولۇپ، گۈزەل ئەمەللەرنى قىلىپ يۈر؛ ئامان-خاتىرجەملىكنى ئىزدەپ، ئۇنى قوغلاپ يۈر. | 14 |
Depart from evil, and do good; seek peace, and pursue it.
پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ھەققانىيلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ، ئۇنىڭ قۇلىقى ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا ئوچۇق تۇرىدۇ؛ | 15 |
The eyes of the Lord are directed unto the righteous, and his ears unto their cry.
پەرۋەردىگارنىڭ چىرايى رەزىللىك قىلغۇچىلارغا قارشى چىقار، ئۇلارنىڭ ھەرقانداق نام-خاتىرىلىرىنى يەر يۈزىدىن ئېلىپ تاشلار؛ | 16 |
[But] the anger of the Lord is against those that do evil, to cut off from the earth their remembrance.
ھەققانىيلار ئىلتىجا قىلىدۇ، پەرۋەردىگار ئاڭلايدۇ، ئۇلارنى بارلىق ئازاب-مۇشەققەتلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ؛ | 17 |
Those cry, and the Lord heareth, and from all their distresses he delivereth them.
پەرۋەردىگار كۆڭلى سۇنۇقلارغا يېقىندۇر، روھى ئېزىلگەنلەرنى قۇتقۇزىدۇ. | 18 |
The Lord is nigh unto those that are broken-hearted: and he saveth those that are of a contrite spirit.
ھەققانىيلار دۇچ كەلگەن ئاۋارىچىلىكلەر كۆپتۇر؛ بىراق پەرۋەردىگار ئۇلارنى بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن قۇتقۇزىدۇ. | 19 |
Many are the afflictions of the righteous; but out of them all the Lord ever delivereth him.
[ئۇ ھەققانىينىڭ] سۆڭەكلىرىنى ساق قالدۇرىدۇ، ئۇلاردىن بىرسىمۇ سۇنۇپ كەتمەيدۇ. | 20 |
He watcheth all his bones: not one of them is broken.
يامانلىقنىڭ ئۆزى رەزىللەرنى ئۆلتۈرىدۇ؛ ھەققانىيلارغا نەپرەتلىنىدىغانلار گۇناھتا قالىدۇ. | 21 |
The evil will slay the wicked: and they who hate the righteous shall incur guiltiness.
پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرىنىڭ جانلىرىنى بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىدۇ؛ ئۇنىڭغا تايانغانلاردىن ھېچكىمگە گۇناھ بېكىتىلمەيدۇ. | 22 |
The Lord redeemeth the soul of his servants: and all that trust in him shall not incur guiltiness.