< زەبۇر 33 >
ئەي ھەققانىيلار، پەرۋەردىگار ئۈچۈن تەنتەنە قىلىڭلار! مەدھىيىلەش دۇرۇسلار ئۈچۈن گۈزەل ئىشتۇر. | 1 |
Ey heqqaniylar, Perwerdigar üchün tentene qilinglar! Medhiyilesh duruslar üchün güzel ishtur.
راۋاب بىلەن پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەڭلار؛ ئونتارغا تەڭكەش بولۇپ، ئۇنىڭغا كۈيلەرنى ئېيتىڭلار. | 2 |
Rawab bilen Perwerdigarni medhiyilenglar; Ontargha tengkesh bolup, uninggha küylerni éytinglar.
ئۇنىڭغا ئاتاپ يېڭى بىر مۇناجات-ناخشىنى ئېيتىڭلار؛ ماھىرلىق بىلەن چېلىپ، ئاۋازىڭلارنى يۇقىرى ياڭرىتىڭلار. | 3 |
Uninggha atap yéngi bir munajat-naxshini éytinglar; Mahirliq bilen chélip, awazinglarni yuqiri yangritinglar.
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بەرھەقتۇر؛ ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرى ۋەدىلىرىگە ساداقەتلىكتۇر. | 4 |
Chünki Perwerdigarning sözi berheqtur; Uning barliq ishliri wedilirige sadaqetliktur.
ئۇ ھەققانىيەت ھەم ئادالەتنى ياخشى كۆرگۈچىدۇر؛ يەر-زېمىن پەرۋەردىگارنىڭ مېھرىبانلىقى بىلەن تولغاندۇر. | 5 |
U heqqaniyet hem adaletni yaxshi körgüchidur; Yer-zémin Perwerdigarning méhribanliqi bilen tolghandur.
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بىلەن ئاسمانلار يارىتىلغان، ئۇنىڭ ئاغزىدىكى نەپەس بىلەن ئۇلارنىڭ بارلىق قوشۇنلىرىمۇيارىتىلغاندۇر؛ | 6 |
Perwerdigarning sözi bilen asmanlar yaritilghan, Uning aghzidiki nepes bilen ularning barliq qoshunlirimuyaritilghandur;
ئۇ دېڭىزدىكى سۇلارنى بىر يەرگە يىغىپ دۆۋىلەيدۇ؛ ئۇ ئوكيانلارنى ئامبارلار ئىچىدە ساقلاپ تۇرىدۇ؛ | 7 |
U déngizdiki sularni bir yerge yighip döwileydu; U okyanlarni ambarlar ichide saqlap turidu;
پۈتكۈل يەر يۈزىدىكىلەر پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنسۇن؛ دۇنيادىكى پۈتۈن جان ئىگىلىرى ئۇنىڭدىن قورقۇپ، ھۆرمەتلىسۇن؛ | 8 |
Pütkül yer yüzidikiler Perwerdigardin eymensun; Dunyadiki pütün jan igiliri Uningdin qorqup, hörmetlisun;
چۈنكى ئۇنىڭ بىر سۆزى بىلەنلا ئىش پۈتتۈرۈلگەنىدى؛ ئۇنىڭ بىر ئەمرى بىلەنلا دېگەنلىرى بەرپا قىلىنغانىدى. | 9 |
Chünki Uning bir sözi bilenla ish püttürülgenidi; Uning bir emri bilenla dégenliri berpa qilin’ghanidi.
پەرۋەردىگار ئەللەرنىڭ پىلانىنى توسىۋېتىدۇ؛ ئۇ قوۋملارنىڭ خىياللىرىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ. | 10 |
Perwerdigar ellerning pilanini tosiwétidu; U qowmlarning xiyallirini bikar qiliwétidu.
پەرۋەردىگارنىڭ نەسىھەتى مەڭگۈگە تۇرىدۇ؛ قەلبىدىكى ئويلىرى دەۋردىن-دەۋرگە ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. | 11 |
Perwerdigarning nesiheti menggüge turidu; Qelbidiki oyliri dewrdin-dewrge ishqa ashurulidu.
«پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر» دەيدىغان قوۋم بەختلىكتۇر! يەنى ئۆز مىراسى بولۇشقا تاللىغان خەلق بەختلىكتۇر! | 12 |
«Perwerdigar bizning Xudayimizdur» deydighan qowm bextliktur! Yeni Öz mirasi bolushqa tallighan xelq bextliktur!
پەرۋەردىگار ئەرشتىن يەرگە نەزەر سالىدۇ، ئۇ پۈتكۈل ئىنسانلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. | 13 |
Perwerdigar ershtin yerge nezer salidu, U pütkül insanlarni körüp turidu.
تۇرالغۇسىدىن يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە قارايدۇ؛ | 14 |
Turalghusidin yer yüzidikilerning hemmisige qaraydu;
ئۇ ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ قەلبلىرىنى ياسىغۇچىدۇر؛ ئۇلارنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى دەڭسەپ چىققۇچىدۇر. | 15 |
U ularning herbirining qelblirini Yasighuchidur; Ularning barliq ishlirini dengsep chiqquchidur.
پادىشاھ بولسا قوشۇنلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن غالىب بولالمايدۇ؛ پالۋان ئۆزىنىڭ زور كۈچى بىلەن ئۆزىنى قۇتقۇزالمايدۇ؛ | 16 |
Padishah bolsa qoshunlirining köplüki bilen ghalib bolalmaydu; Palwan özining zor küchi bilen özini qutquzalmaydu;
تولپارغا تايىنىپ خەۋپ-خەتەردىن قۇتقۇزۇلۇش بىھۇدىلىكتۇر، ئۇ زور كۈچى بىلەن ھېچكىمنى قۇتقۇزالمايدۇ؛ | 17 |
Tolpargha tayinip xewp-xeterdin qutquzulush bihudiliktur, U zor küchi bilen héchkimni qutquzalmaydu;
مانا، ئۇلارنىڭ جېنىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، قەھەتچىلىكتە ئۇلارنى ھايات ساقلاش ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ، ئۆزىنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىگە ئۈمىد باغلىغانلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ. | 18 |
Mana, ularning jénini ölümdin qutquzush üchün, Qehetchilikte ularni hayat saqlash üchün, Perwerdigarning közi Özidin eyminidighanlarning üstide turidu, Özining özgermes muhebbitige ümid baghlighanlarning üstide turidu.
بىزنىڭ جېنىمىز پەرۋەردىگارغا تەلمۈرىدۇ؛ بىزنىڭ ياردەمچىمىز، بىزنىڭ قالقىنىمىز ئۇ بولىدۇ. | 20 |
Bizning jénimiz Perwerdigargha telmüridu; Bizning yardemchimiz, Bizning qalqinimiz U bolidu.
شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن قەلبىمىز شادلىنىپ كېتىدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ مۇقەددەس نامىغا تايىنىپ ئىشەندۇق. | 21 |
Shunga Uning bilen qelbimiz shadlinip kétidu; Chünki Uning muqeddes namigha tayinip ishenduq.
ئى پەرۋەردىگار، بىز ساڭىلا ئۈمىد باغلىغىنىمىزدەك، سېنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭمۇ ئۈستىمىزدە بولغاي! | 22 |
I Perwerdigar, biz Sangila ümid baghlighinimizdek, Séning özgermes muhebbitingmu üstimizde bolghay!