< زەبۇر 32 >
داۋۇت يازغان «ماسقىل»: ــ ئىتائەتسىزلىكلىرى كەچۈرۈم قىلىنغان، گۇناھلىرى يېپىلغان كىشى بەختلىكتۇر! | 1 |
Davidova pesem ukovita: Blagor oproščenemu pregreška, kogar greh je poravnán.
پەرۋەردىگار رەزىللىكلىرى بىلەن ھېسابلاشمايدىغان، روھىدا ھېچقانداق ھىيلىلىك يوق كىشى بەختلىكتۇر! | 2 |
Blagor človeku, kateremu Gospod ne všteva krivice, in katerega duh nima v sebi zvijače.
مەن [گۇناھىمنى ئىقرار قىلماي]، سۈكۈتتە تۇرۇۋالغانىدىم، كۈن بويى ئاھۇ-پىغان ئىچىدە، سۆڭەكلىرىم چىرىپ كەتتى؛ | 3 |
Ko sem molčal, starale so se kosti moje, v stoku mojem ves dan.
چۈنكى مېنى باسقان قولۇڭ ماڭا كېچە-كۈندۈز ئېغىر بولدى؛ يازدىكى قۇرغاقچىلىقتەك يىلىكىم قاغجىراپ كەتتى. سېلاھ! | 4 |
Ker podnevi in ponoči bila je težka nad mano roka tvoja; in sok moj najboljši preobračal se je v suše poletne.
ئەمدى گۇناھىمنى سېنىڭ ئالدىڭدا ئېتىراپ قىلدىم، قەبىھلىكىمنى سەندىن يوشۇرىۋەرمەيدىغان بولدۇم؛ مەن: «پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىقلىرىمنى ئېتىراپ قىلىمەن» ــ دېدىم، شۇنىڭ بىلەن سەن مېنىڭ رەزىل گۇناھىمنى كەچۈرۈم قىلدىڭ. سېلاھ! | 5 |
Greh svoj ti razodenem, in krivice svoje ne bodem pokrival (dejal sem). Izpovém se pregreškov svojih Gospodu, in ti si izbrisal kazen mojega greha.
شۇڭا سېنى تاپالايدىغان پەيتتە، ھەربىر ئىخلاسمەن ساڭا دۇئا بىلەن ئىلتىجا قىلسۇن! چوڭ توپانلار ئۆرلەپ، تېشىپ كەتكەندە، [سۇلار] شۇ كىشىگە ھەرگىز يېقىنلاشمايدۇ. | 6 |
Zavoljo tega bode te molil, komurkoli deliš milost, kader se zgodi; (o povodnji mnogih vodâ ne doidejo njega);
سەن مېنىڭ دالدا جايىمدۇرسەن؛ سەن مېنى زۇلۇمدىن ساقلايسەن؛ ئەتراپىمنى نىجاتلىق ناخشىلىرى بىلەن قاپلايسەن! سېلاھ. | 7 |
Ti si zavetje meni; stiske me brani; s pesmami oproščenja me obdajaj.
ــ «مەن سەن مېڭىشقا تېگىشلىك يولدا سېنى يېتەكلەيمەن ھەم تەربىيلەيمەن؛ مېنىڭ كۆزۈم ئۈستۈڭدە بولۇشى بىلەن ساڭا نەسىھەت قىلىمەن. | 8 |
Podučeval te bodem in kazal ti, po kateri poti bodeš hodil; svetoval ti bodem, v te vpirajoč svoje oko.
ئەقلى يوق بولغان ئات ياكى ئېشەكتەك بولما؛ ئۇلارنى چەكلەشكە تىزگىنلەيدىغان يۈگەن بولمىسا، ئۇلار ھەرگىز ساڭا يېقىن كەلمەيدۇ». | 9 |
Ne bodite kakor konj, kakor mezeg, brez razuma, katerima je z uzdo in vajetom brzdati gobec, da se, ne približa tebi.
رەزىللەرگە چۈشۈدىغان قايغۇ-ھەسرەتلەر كۆپتۇر، بىراق مېھىر-شەپقەتلەر پەرۋەردىگارغا تايانغان كىشىنى چۆرىدەيدۇ؛ | 10 |
Velike bolečine ima krivični; kdor pa ima zaupanje v Gospoda, njega obdaja milost.
ئى ھەققانىيلار، پەرۋەردىگار بىلەن شادلىنىپ خۇرسەن بولۇڭلار؛ كۆڭلى دۇرۇسلار، خۇشاللىقتىن تەنتەنە قىلىڭلار! | 11 |
Veselite se v Gospodu in radujte, pravični; in prepevajte, vsi pošteni v srci.