< زەبۇر 30 >
مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى خۇداغا ئاتاشنى تەبرىكلەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ مەن سېنى ئالىي دەپ ئۇلۇغلايمەن، ئى پەرۋەردىگار، چۈنكى سەن مېنى پەستىن يۇقىرى كۆتۈردۈڭ، دۈشمەنلىرىمنى ئۈستۈمدىن خۇشاللاندۇرمىدىڭ. | 1 |
Muⱪǝddǝs ibadǝthanini Hudaƣa ataxni tǝbriklǝp, Dawut yazƣan küy: — Mǝn Seni aliy dǝp uluƣlaymǝn, i Pǝrwǝrdigar, Qünki Sǝn meni pǝstin yuⱪiri kɵtürdüng, Düxmǝnlirimni üstümdin huxallandurmiding.
ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، مەن ساڭا نالە كۆتۈردۈم، سەن مېنى ساقايتتىڭ. | 2 |
I Pǝrwǝrdigar Hudayim, mǝn Sanga nalǝ kɵtürdüm, Sǝn meni saⱪaytting.
ئى پەرۋەردىگار، سەن تەھتىسارادىن جېنىمنى ئېلىپ چىقتىڭ، ھاڭغا چۈشىدىغانلار ئارىسىدىن ماڭا ھايات بېرىپ ساقلىدىڭ. (Sheol ) | 3 |
I Pǝrwǝrdigar, Sǝn tǝⱨtisaradin jenimni elip qiⱪting, Ⱨangƣa qüxidiƣanlar arisidin manga ⱨayat berip saⱪliding. (Sheol )
پەرۋەردىگارغا كۈي ئېيتىڭلار، ئى ئۇنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى، ئۇنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىنى ياد ئېتىپ تەشەككۈر ئېيتىڭلار. | 4 |
Pǝrwǝrdigarƣa küy eytinglar, i Uning ihlasmǝn bǝndiliri, Uning pak-muⱪǝddǝslikini yad etip tǝxǝkkür eytinglar.
چۈنكى ئۇنىڭ غەزىپى دەقىقىدە ئۆتۈپ كېتىدۇ، شاپائىتى بولسا ئۆمۈرۋايەت بولىدۇ؛ يىغا-زار كېچىچە قونۇپ قالسىمۇ، خۇشاللىق تاڭ سەھەر بىلەن تەڭ كېلىدۇ. | 5 |
Qünki Uning ƣǝzipi dǝⱪiⱪidǝ ɵtüp ketidu, Xapaiti bolsa ɵmürwayǝt bolidu; Yiƣa-zar keqiqǝ ⱪonup ⱪalsimu, Huxalliⱪ tang sǝⱨǝr bilǝn tǝng kelidu.
مەن بولسام ئۆز راھەت-پاراغىتىمدە: «مەڭگۈگە تەۋرەنمەي مۇقىم تۇرىمەن» ــ دېدىم. | 6 |
Mǝn bolsam ɵz raⱨǝt-paraƣitimdǝ: «Mǝnggügǝ tǝwrǝnmǝy muⱪim turimǝn» — dedim.
پەرۋەردىگار، شاپائىتىڭ بىلەن، مېنىڭ تېغىمنى مۇستەھكەم تۇرغۇزغانىدىڭ؛ ئەمما سەن دىدارىڭنى قاچۇرۇپ يوشۇردۇڭ؛ مەن ئالاقزادە بولۇپ كەتتىم؛ | 7 |
Pǝrwǝrdigar, xapaiting bilǝn, mening teƣimni mustǝⱨkǝm turƣuzƣaniding; Əmma Sǝn didaringni ⱪaqurup yoxurdung; Mǝn alaⱪzadǝ bolup kǝttim;
مەن ساڭا نالە-پەرياد كۆتۈردۈم، ئى پەرۋەردىگار؛ مەن [سەن] رەبكە ئىلتىجا قىلدىم: ــ | 8 |
Mǝn Sanga nalǝ-pǝryad kɵtürdüm, i Pǝrwǝrdigar; Mǝn [Sǝn] Rǝbkǝ iltija ⱪildim: —
ــ مېنىڭ قېنىم تۆكۈلۈپ، ھاڭغا كىرسەم نېمە پايدىسى باردۇر؟ توپا-چاڭ سېنى مەدھىيىلەمدۇ؟ ئۇ ھەقىقىتىڭنى جاكارلىيالامدۇ؟ | 9 |
— Mening ⱪenim tɵkülüp, ⱨangƣa kirsǝm nemǝ paydisi bardur? Topa-qang Seni mǝdⱨiyilǝmdu? U ⱨǝⱪiⱪitingni jakarliyalamdu?
ئاڭلىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، ماڭا شەپقەت كۆرسەتكەيسەن؛ ئى پەرۋەردىگار، ماڭا ياردەمدە بولغايسەن! | 10 |
Angliƣaysǝn, i Pǝrwǝrdigar, manga xǝpⱪǝt kɵrsǝtkǝysǝn; I Pǝrwǝrdigar, manga yardǝmdǝ bolƣaysǝn!
سەن ماتەم قايغۇسىنى ئۇسسۇل ئويناشلارغا ئايلاندۇردۇڭ؛ [ھازىلىق] بۆز كىيىمىمنى سالدۇرىۋېتىپ، ماڭا خۇشاللىقنى بەلۋاغ قىلىپ باغلىدىڭ؛ | 11 |
Sǝn matǝm ⱪayƣusini ussul oynaxlarƣa aylandurdung; [Ⱨaziliⱪ] bɵz kiyimimni salduriwetip, Manga huxalliⱪni bǝlwaƣ ⱪilip baƣliding;
شۇڭا مېنىڭ روھىم سۈكۈت قىلماي، ساڭا كۈيلەر ئوقۇسۇن! ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ خۇدايىم، ساڭا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈرلەرنى ئېيتىمەن! | 12 |
Xunga mening roⱨim süküt ⱪilmay, Sanga küylǝr oⱪusun! I Pǝrwǝrdigar, mening Hudayim, Sanga ǝbǝdil’ǝbǝdgiqǝ tǝxǝkkürlǝrni eytimǝn!