< زەبۇر 29 >
داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگارغا بەرگەيسىلەر، ئى قۇدرەتلىك بولغۇچىنىڭ پەرزەنتلىرى، پەرۋەردىگارغا شانۇ-شەۋكەت، كۈچ بەرگەيسىلەر! | 1 |
Dawut yazghan küy: — Perwerdigargha bergeysiler, i Qudretlik Bolghuchining perzentliri, Perwerdigargha shanu-shewket, küch bergeysiler!
پەرۋەردىگارغا ئۆز نامىغا لايىق شانۇ-شەۋكەت بەرگەيسىلەر؛ پەرۋەردىگارغا پاك-مۇقەددەسلىكنىڭ گۈزەللىكىدە سەجدە قىلىڭلار! | 2 |
Perwerdigargha Öz namigha layiq shanu-shewket bergeysiler; Perwerdigargha pak-muqeddeslikning güzellikide sejde qilinglar!
پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى چوڭقۇر سۇلار ئۈستىدە ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ شان-شەرەپ ئىگىسى بولغان تەڭرى گۈلدۈرمامىلارنى ياڭرىتىدۇ؛ پەرۋەردىگار بۈيۈك دېڭىزلار ئۈستىدە ھۆكۈم سۈرىدۇ. | 3 |
Perwerdigarning sadasi chongqur sular üstide höküm süridu; Shan-sherep igisi bolghan Tengri güldürmamilarni yangritidu; Perwerdigar büyük déngizlar üstide höküm süridu.
پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى كۈچلۈكتۇر؛ پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى ھەيۋەتكە تولغاندۇر؛ | 4 |
Perwerdigarning sadasi küchlüktur; Perwerdigarning sadasi heywetke tolghandur;
پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى كېدىر دەرەخلىرىنى سۇندۇرىۋېتىدۇ؛ بەرھەق، پەرۋەردىگار لىۋاندىكى كېدىرلارنى سۇندۇرىۋېتىدۇ. | 5 |
Perwerdigarning sadasi kédir derexlirini sündüriwétidu; Berheq, Perwerdigar Liwandiki kédirlarni sündüriwétidu.
ئۇ ئۇلارنى موزاي ئويناقلاۋاتقاندەك ئويناقلىتىدۇ؛ ياۋا كالىنىڭ بالىسى ئويناقلاۋاتقاندەك، ئۇ لىۋان ۋە سىرىئون تېغىنى ئويناقلىتىدۇ. | 6 |
U ularni mozay oynaqlawatqandek oynaqlitidu; Yawa kalining balisi oynaqlawatqandek, U Liwan we Sirion téghini oynaqlitidu.
پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى چاقماقلارنىڭ يالقۇنلىرىنى شاخلىتىۋېتىدۇ؛ | 7 |
Perwerdigarning sadasi chaqmaqlarning yalqunlirini shaxlitiwétidu;
پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى چۆل-جەزىرىنى زىلزىلىگە سالىدۇ؛ پەرۋەردىگار قەدەشتىكى چۆل-جەزىرىنى زىلزىلىگە سالىدۇ؛ | 8 |
Perwerdigarning sadasi chöl-jezirini zilzilige salidu; Perwerdigar Qedeshtiki chöl-jezirini zilzilige salidu;
پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى دۇب دەرەخلىرىنى ھەريان تولغىتىدۇ، ئورمانلىقلارنى يالىڭاچلايدۇ؛ ئۇنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدا بولغان ھەممىسى «شانۇ-شەۋكەت!» دەپ تەنتەنە قىلىدۇ. | 9 |
Perwerdigarning sadasi dub derexlirini heryan tolghitidu, Ormanliqlarni yalingachlaydu; Uning muqeddes ibadetxanisida bolghan hemmisi «shanu-shewket!» dep tentene qilidu.
پەرۋەردىگار توپان ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئولتۇرىدۇ؛ بەرھەق، پەرۋەردىگار مەڭگۈگە پادىشاھ بولۇپ ھۆكۈم سۈرۈپ ئولتۇرىدۇ. | 10 |
Perwerdigar topan üstige hökümranliq qilip olturidu; Berheq, Perwerdigar menggüge padishah bolup höküm sürüp olturidu.
پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە قۇدرەتنى بەخش ئېتىدۇ؛ ئۆز خەلقىنى ئامان-خاتىرجەملىك بىلەن بەرىكەتلەيدۇ. | 11 |
Perwerdigar Öz xelqige qudretni bexsh étidu; Öz xelqini aman-xatirjemlik bilen beriketleydu.