< زەبۇر 28 >
داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئى پەرۋەردىگار، ساڭا نىدا قىلىمەن؛ ئى مېنىڭ قورام تېشىم، ماڭا سۈكۈت قىلمىغايسەن؛ چۈنكى سەن جىمجىت تۇرۇۋالىساڭ، مەن چوڭقۇر ھاڭغا چۈشىدىغانلارغا ئوخشاشلا بولىمەن. | 1 |
大卫的诗。 耶和华啊,我要求告你! 我的磐石啊,不要向我缄默! 倘若你向我闭口, 我就如将死的人一样。
ساڭا پەرياد كۆتۈرگىنىمدە، سېنىڭ مۇقەددەس كالامخاناڭغا قولۇمنى كۆتۈرگىنىمدە، مېنىڭ ئىلتىجالىرىمنىڭ ساداسىنى ئاڭلىغايسەن! | 2 |
我呼求你,向你至圣所举手的时候, 求你垂听我恳求的声音!
مېنى رەزىللەر ۋە قەبىھلىك قىلغۇچىلار بىلەن بىللە تاشلىۋەتمىگەيسەن؛ ئۇلار ئاغزىدا يېقىنلىرى بىلەن دوستانە سۆزلەشسىمۇ، كۆڭلىدە ئۆچمەنلىك باردۇر. | 3 |
不要把我和恶人并作孽的一同除掉; 他们与邻舍说和平话,心里却是奸恶。
ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا قاراپ، ئىشلىرىنىڭ يامانلىقىغا قاراپ ئىش تۇتقايسەن؛ قولىنىڭ قىلغانلىرى بويىچە ئۆزلىرىگە ياندۇرغايسەن؛ تېگىشلىك جازانى ئۆزلىرىگە قايتۇرغايسەن. | 4 |
愿你按着他们所做的, 并他们所行的恶事待他们。 愿你照着他们手所做的待他们, 将他们所应得的报应加给他们。
چۈنكى ئۇلار نە پەرۋەردىگارنىڭ قىلغانلىرىنى، نە قوللىرىنىڭ ئىشلىگەنلىرىنى ھېچ نەزىرىگە ئالمايدۇ، [پەرۋەردىگار] ئۇلارنى غۇلىتىپ، قايتىدىن باش كۆتۈرگۈزمەيدۇ. | 5 |
他们既然不留心耶和华所行的和他手所做的, 他就必毁坏他们,不建立他们。
پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن؛ چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئىلتىجالىرىمنىڭ ساداسىنى ئاڭلىغان. | 6 |
耶和华是应当称颂的, 因为他听了我恳求的声音。
پەرۋەردىگار مېنىڭ كۈچۈم، مېنىڭ قالقىنىمدۇر؛ مېنىڭ كۆڭلۈم ئۇنىڭغا ئىشەندى، شۇنىڭ بىلەن ياردەم تاپتىم؛ شۇڭا كۆڭلۈم زور شادلىنىدۇ، ئۆز كۈيۈم بىلەن مەن ئۇنى مەدھىيىلەيمەن. | 7 |
耶和华是我的力量,是我的盾牌; 我心里倚靠他就得帮助。 所以我心中欢乐, 我必用诗歌颂赞他。
پەرۋەردىگار ئۆز [خەلقىنىڭ] كۈچىدۇر، شۇنداقلا مەسىھ قىلغىنىغا قۇتقۇزغۇچى قورغاندۇر. | 8 |
耶和华是他百姓的力量, 又是他受膏者得救的保障。
ئۆز خەلقىڭنى قۇتقۇزغايسەن، مىراسىڭنى بەرىكەتلىك قىلغايسەن؛ ئۇلارنى پادىچىدەك بېقىپ ئوزۇقلاندۇرغايسەن، مەڭگۈگە ئۇلارنى كۆتۈرۈپ يۈرگەيسەن. | 9 |
求你拯救你的百姓,赐福给你的产业, 牧养他们,扶持他们,直到永远。