< زەبۇر 27 >

داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگار مېنىڭ نۇرۇم ۋە نىجاتلىقىمدۇر؛ مەن يەنە كىمدىن قورقاي؟ پەرۋەردىگار ھاياتىمنىڭ قورغىنىدۇر؛ مەن كىمنىڭ ئالدىدا تىترەي؟ 1
A psalm of David. Yahweh is my light and my salvation; whom should I fear? Yahweh is my life's refuge; whom should I dread?
يامانلىق قىلغۇچىلار «ئۇنىڭ ئەتلىرىنى يەيلى» دەپ ماڭا ھۇجۇم قىلغاندا، رەقىبلىرىم، دۈشمەنلىرىم ماڭا يېقىنلاشقاندا، پۇتلىشىپ، يىقىلدى ئۇلار. 2
When evildoers approached me to devour my flesh, my adversaries and my enemies stumbled and fell.
زور قوشۇن بارگاھ قۇرۇپ مېنى قورشاۋغا ئالسىمۇ، قەلبىمدە ھېچ قورقۇنچ يوق؛ ماڭا ئۇرۇش قوزغىسىمۇ، يەنىلا خاتىرجەم تۇرىۋېرىمەن. 3
Though an army encamps against me, my heart will not fear; though war rises up against me, even then I will remain confident.
پەرۋەردىگاردىن بىرلا نەرسىنى تىلەپ كەلدىم؛ مەن شۇنىڭغا ئىنتىلىمەكتىمەنكى: ــ ئۆمۈر بويى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە بولسام، پەرۋەردىگارنىڭ گۈزەللىكىگە قاراپ يۈرسەم، ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىدا تۇرۇپ، يېتەكلىشىگە مۇيەسسەر بولسام، دەيمەن. 4
One thing have I asked of Yahweh, and I will seek that: that I may live in the house of Yahweh all the days of my life, to see the beauty of Yahweh and to meditate in his temple.
بېشىمغا كۈن چۈشكەندە، ئۇ مېنى سايىۋىنى ئاستىغا ئالىدۇ؛ مېنى چېدىرىنىڭ ئىچىدە ئامان ساقلاپ يوشۇرۇۋالىدۇ. ئۇ مېنى ئۇيۇلتاش ئۈستىگە مۇقىم تۇرغۇزىدۇ. 5
For in the day of trouble he will hide me in his shelter; in the cover of his tent he will conceal me. He will lift me high on a rock!
شۇڭا ھازىر ئەتراپىمدىكى دۈشمەنلىرىم ئالدىدا بېشىم يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ مۇقەددەس چېدىرىدا تەنتەنە قىلىپ قۇربانلىقلار سۇنىمەن؛ ناخشا-كۈيلەر ئېيتىمەن، مۇناجاتلارنى ئېيتىمەن پەرۋەردىگارغا! 6
Then my head will be lifted up above my enemies all around me, and I will offer sacrifices of joy in his tent! I will sing and make songs to Yahweh!
نىدا قىلغىنىمدا ئاۋازىمنى ئاڭلىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، ئىجابەت قىلغايسەن. 7
Hear, Yahweh, my voice when I cry out! Have mercy on me, and answer me!
ئۆز كۆڭلۈم: «ئۇنىڭ دىدارىنى ئىزدەڭلار!» دەيدۇ؛ دىدارىڭنى، ئى پەرۋەردىگار، ئۆزۈم ئىزدەيمەن. 8
My heart says about you, “Seek his face!” I seek your face, Yahweh!
مەندىن ئۆزۈڭنى قاچۇرمىغايسەن! غەزەپلەنگەندە قۇلۇڭنى نېرى قوغلىمىغايسەن؛ سەن مېنىڭدىن ياردىمىڭنى ئايىماي كەلدىڭ؛ سەن مەندىن ئايرىلمىغايسەن، مېنى تاشلىۋەتمىگەيسەن، ئى نىجاتكارىم خۇدا! 9
Do not hide your face from me; do not turn your servant away in anger! You have been my helper; do not forsake me or abandon me, God of my salvation!
ئاتا-ئانام مېنى تاشلىۋەتسىمۇ، پەرۋەردىگار مېنى قۇچىقىغا ئالىدۇ. 10
Even if my father and my mother forsake me, Yahweh will take me in.
ماڭا ئۆز يولۇڭنى ئۆگەتكەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ كۈشەندىلىرىم [پايلاپ يۈرمەكتە]، مېنى تۈز يولغا باشلىغايسەن. 11
Teach me your way, Yahweh! Lead me on a level path because of my enemies.
مېنى رەقىبلىرىمنىڭ مەيلىگە تاپشۇرمىغايسەن، چۈنكى ماڭا قارا چاپلاشماقچى بولغان يالغانچىلار خېلى كۆپتۇر، ئۇلارنىڭ نەپەسلىرىمۇ زوراۋانلىقتۇر. 12
Do not give me up to the desires of my enemies, for false witnesses have risen up against me, and they breathe out violence!
ئاھ، پەرۋەردىگارنىڭ مېھرىبانلىقىنى تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدە كۆرۈشكە كۆزۈم يەتمىگەن بولسا...! 13
What would have happened to me if I had not believed that I would see the goodness of Yahweh in the land of the living?
پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈپ كۈتكىن! جىگەرلىك بول، قەلبىڭ مەردانە بولسۇن! شۇنداق قىل، پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈپ كۈتكىن! 14
Wait for Yahweh; be strong, and let your heart be courageous! Wait for Yahweh!

< زەبۇر 27 >