< زەبۇر 26 >
داۋۇت يازغان كۈي: ــ مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقارغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ چۈنكى مەن ئۆز دۇرۇسلۇقۇمدا تۇرۇپ ماڭدىم؛ مەن پەرۋەردىگارغا تايىنىپ كەلگەنمەن؛ مەن تېيىلىپ كەتمەيمەن. | 1 |
Žalm Davidův. Suď mne, Hospodine, nebo já v upřímnosti své chodím, a v tě Hospodina doufám, nepohnuť se.
مېنى سىناپ باققايسەن، ئى پەرۋەردىگار، مېنى تەكشۈرۈپ باققىن؛ ۋىجدانىمنى، قەلبىمنى تاۋلىغايسەن؛ | 2 |
Zprubujž mne, Hospodine, a zkus mne, přepal ledví má i srdce mé.
چۈنكى ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆز ئالدىمدا تۇتقانمەن؛ مەن ھەقىقىتىڭنى ئۆزۈمگە يېتەكچى قىلىپ ماڭدىممەن. | 3 |
Milosrdenství tvé zajisté před očima mýma jest, a chodím stále v pravdě tvé.
مەن يالغانچىلار بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرمىدىم؛ ساختىپەزلەرگە ھەمراھ بولۇشقا كىرمەيمەن. | 4 |
S lidmi marnými nesedám, a s pokrytci v spolek nevcházím.
يامانلىق قىلغۇچىلار جامائىتىدىن يىرگىنىمەن؛ رەزىللەر بىلەنمۇ ئولتۇرمايمەن. | 5 |
V nenávisti mám shromáždění zlostníků, a s bezbožnými se neusazuji.
قوللىرىمنى گۇناھسىزلىقتا يۇيىمەن؛ شۇندا، قۇربانگاھىڭنى ئايلىنىپ يۈرەلەيمەن. | 6 |
Umývám v nevinnosti ruce své, postavuji se při oltáři tvém, Hospodine,
ۋە ھەم تەشەككۈرلەرنى ئاڭلىتىمەن؛ بارلىق كارامەتلىرىڭنى جاكارلايمەن. | 7 |
Abych tě hlasitě chválil, a vypravoval všecky divné skutky tvé.
ئى پەرۋەردىگار، ماكانىڭ بولغان ئۆينى، شان-شەرىپىڭ تۇرغان جاينى سۆيۈپ كەلدىم؛ | 8 |
Hospodine, jáť miluji obydlí domu tvého, a místo příbytku slávy tvé.
جېنىمنى گۇناھكارلار بىلەن، ھاياتىمنى قانخورلار بىلەن بىللە ئېلىپ كەتمىگەيسەن؛ | 9 |
Nezahrnujž s hříšnými duše mé, a s lidmi vražedlnými života mého,
ئۇلارنىڭ قولىدا سۇيىقەستلەر باردۇر، ئوڭ قولى پارىلەرگە تولدى. | 10 |
V jejichž rukou jest nešlechetnost, a pravice jejich vzátků plná.
مەن بولسام، دۇرۇسلۇقۇمدا مېڭىپ يۈرىۋېرىمەن؛ مېنى ھۆرلۈككە چىقىرىپ قۇتقۇزغايسەن، ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن. | 11 |
Já pak v upřímnosti své chodím, vykupiž mne, a smiluj se nade mnou.
پۇتۇم بولسا تۈپتۈز جايدا تۇرىدۇ؛ جامائەتلەر ئارىسىدا تۇرۇپ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيىلەر قايتۇرىمەن. | 12 |
Noha má stojí na rovině, v shromážděních svatých dobrořečiti budu Hospodinu.