< زەبۇر 25 >
داۋۇت يازغان كۈي: پەرۋەردىگار، جېنىم ساڭا تەلمۈرۈپ قارايدۇ؛ | 1 |
Kuwe, Nkosi, ngiphakamisela umphefumulo wami.
ساڭا تايىنىمەن، ئى خۇدايىم؛ مېنى يەرگە قارىتىپ خىجالەتتە قالدۇرمىغايسەن؛ ۋە ياكى دۈشمەنلىرىمنى ئۈستۈمدىن غالىب قىلىپ شادلاندۇرمىغايسەن؛ | 2 |
Nkulunkulu wami, ngithembela kuwe; kangingayangeki; izitha zami kazingathokozi phezu kwami.
بەرھەق، سېنى كۈتكۈچىلەردىن ھېچقايسىسى شەرمەندە بولماس؛ بىراق ھېچبىر سەۋەبسىز خائىنلىق قىلغۇچىلار شەرمەندە بولىدۇ. | 3 |
Yebo, kungayangeki loyedwa kulabo abakulindelayo; kabayangeke labo abaphambukayo kungelasizatho.
مېنى سېنىڭ ئىزلىرىڭنى بىلىدىغان قىلغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ يوللىرىڭنى ماڭا ئۆگىتىپ قويغايسەن. | 4 |
Ngazisa izindlela zakho, Nkosi, ungifundise imikhondo yakho.
مېنى ھەقىقىتىڭدە ماڭدۇرۇپ، ماڭا ئۆگەتكەيسەن؛ چۈنكى ئۆزۈڭ مېنىڭ نىجاتلىقىم بولغان خۇدايىمدۇرسەن؛ مەن كۈن بويى ساڭا قاراپ تەلمۈرىمەن؛ | 5 |
Ngikhokhelela eqinisweni lakho, ungifundise, ngoba unguNkulunkulu wosindiso lwami; ngilindele wena usuku lonke.
ئۆز رەھىمدىللىقلىرىڭنى، ئۆزگەرمەس مېھىرلىرىڭنى يادىڭغا كەلتۈرگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار! چۈنكى ئۇلار ئەزەلدىن تارتىپ بار بولۇپ كەلگەندۇر؛ | 6 |
Khumbula izihawu zakho, Nkosi, lobubele bakho, ngoba kwakukhona kusukela phakade.
مېنىڭ ياشلىقىمدىكى گۇناھلىرىمنى، شۇنداقلا ئىتائەتسىزلىكلىرىمنى ئېسىڭگە كەلتۈرمىگەيسەن؛ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ، مېھرىبانلىقىڭ بىلەن، مېنى ئېسىڭگە كەلتۈرگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ | 7 |
Ungazikhumbuli izono zobutsha bami leziphambeko zami; ngokomusa wakho wena ungikhumbule, ngenxa yokulunga kwakho, Nkosi.
پەرۋەردىگار مېھرىبان ۋە دۇرۇستۇر؛ شۇڭا ئۇ گۇناھكارلارنى دۇرۇس يولغا سالىدۇ. | 8 |
INkosi ilungile iqondile; ngakho-ke izazifundisa izoni ngendlela.
مۆمىنلەرنى ياخشى-ياماننى پەرق ئېتىشكە ئۇ يېتەكلەيدۇ؛ مۆمىنلەرگە ئۆز يولىنى ئۆگىتىدۇ. | 9 |
Izabakhokhela abathobekileyo ekwahlulelweni, ibafundise abathobekileyo indlela yayo.
ئۇنىڭ ئەھدىسى ۋە ھۆكۈم-گۇۋاھلىرىنى تۇتقانلارنىڭ ھەممىسىگە نىسبەتەن، پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق يوللىرى ئۆزگەرمەس مۇھەببەت ۋە ھەقىقەتتۇر. | 10 |
Zonke indlela zeNkosi zingumusa leqiniso kulabo abalondoloza isivumelwano sayo lezifakazelo zayo.
ئۆز نامىڭ ئۈچۈن، ئى پەرۋەردىگار، قەبىھلىكىم ئىنتايىن ئېغىر بولسىمۇ، سەن ئۇنى كەچۈرىۋەتكەنسەن. | 11 |
Ngenxa yebizo lakho, Nkosi, thethelela isiphambeko sami, ngoba sikhulu.
كىمكى پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنسە، خۇدا ئۆزى تاللىغان يولدا ئۇنىڭغا [ھەقىقەتنى] ئۆگىتىدۇ؛ | 12 |
Nguwuphi umuntu owesaba iNkosi? Izamfundisa ngendlela ezayikhetha.
ئۇنىڭ جېنى ئازادە-ياخشىلىقتا ياشايدۇ، ئۇنىڭ نەسلى يەر يۈزىگە مىراس بولىدۇ. | 13 |
Umphefumulo wakhe uzahlala ebuhleni, lenzalo yakhe izalidla ilifa lelizwe.
پەرۋەردىگار ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلار بىلەن سىرداشتۇر؛ ئۇ ئۇلارغا ئۆز ئەھدىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. | 14 |
Imfihlo yeNkosi ingeyabayesabayo, izabazisa isivumelwano sayo.
مېنىڭ كۆزلىرىم ھەمىشە پەرۋەردىگارغا تىكىلىپ قارايدۇ؛ چۈنكى ئۇ پۇتلىرىمنى توردىن چىقىرىۋېتىدۇ. | 15 |
Amehlo ami ahlala eseNkosini, ngoba yiyo ezakhupha inyawo zami embuleni.
ماڭا قاراپ مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن؛ چۈنكى مەن غېرىبانە، دەردمەندۇرمەن. | 16 |
Phendukela kimi, ube lomusa kimi, ngoba ngilesizungu, ngihluphekile.
كۆڭلۈمنىڭ ئازارلىرى كۆپىيىپ كەتتى؛ مېنى باسقان قىسماقلاردىن چىقارغايسەن. | 17 |
Inkathazo zenhliziyo yami zanda, ungikhuphe ezinhluphekweni zami.
دەردلىرىمنى، ئازابلىرىمنى نەزىرىڭگە ئالغىن، بارلىق گۇناھلىرىمنى كەچۈرگەيسەن! | 18 |
Khangela inhlupheko yami losizi lwami, uthethelele zonke izono zami.
مېنىڭ دۈشمەنلىرىمنى نەزىرىڭگە ئالغىن، چۈنكى ئۇلار كۆپتۇر؛ ئۇلار ماڭا چوڭقۇر ئۆچمەنلىك بىلەن نەپرەتلىنىدۇ. | 19 |
Khangela izitha zami ngoba zinengi, ziyangizonda ngenzondo elesihluku.
جېنىمنى ساقلىغايسەن، مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ مېنى شەرمەندىلىكتە قالدۇرمىغايسەن؛ چۈنكى مەن سېنى باشپاناھىم قىلدىم. | 20 |
Londoloza umphefumulo wami, ungikhulule; kangingayangeki, ngoba ngiphephela kuwe.
كۆڭۈل ساپلىقى ۋە دۇرۇسلۇق مېنى قوغدىغاي؛ چۈنكى مەن ساڭا ئۈمىد باغلاپ كۈتۈۋاتىمەن. | 21 |
Ubuqotho lokuqonda kakungilondoloze, ngoba ngilindele wena.
ئى خۇدا، ئىسرائىلنى بارلىق كۈلپەتلىرىدىن قۇتقۇزۇپ ھۆرلۈككە چىقارغايسەن! | 22 |
Nkulunkulu, hlenga uIsrayeli kuzo zonke inkathazo zakhe.