داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگارغا مەنسۈپتۇر، جاھان ۋە ئۇنىڭغا تولغان ھەممە مەۋجۇداتلار؛ ئۇنىڭغا تەئەللۇقتۇر يەر يۈزى ۋە ئۇنىڭدا تۇرىۋاتقانلارمۇ؛ | 1 |
לְדָוִ֗ד מִ֫זְמ֥וֹר לַֽ֭יהוָה הָאָ֣רֶץ וּמְלוֹאָ֑הּ תֵּ֝בֵ֗ל וְיֹ֣שְׁבֵי בָֽהּ׃ |
چۈنكى جاھاننىڭ ئۇلىنى چوڭقۇر دېڭىزلار ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، يەرنى سۇلار ئۈستىگە ئورناتقان ئۇدۇر. | 2 |
כִּי־ה֭וּא עַל־יַמִּ֣ים יְסָדָ֑הּ וְעַל־נְ֝הָר֗וֹת יְכוֹנְנֶֽהָ׃ |
پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا كىم چىقالايدۇ؟ ئۇنىڭ مۇقەددەس جايىغا كىم كىرىپ تۇرالايدۇ؟ | 3 |
מִֽי־יַעֲלֶ֥ה בְהַר־יְהוָ֑ה וּמִי־יָ֝קוּם בִּמְק֥וֹם קָדְשֽׁוֹ׃ |
ــ قوللىرى گۇناھتىن پاكىز، دىلى ساپ، قۇرۇق نەرسىلەرگە تەلمۈرۈپ قارىمىغان، يالغان قەسەم قىلمىغان كىشى كىرەلەيدۇ. | 4 |
נְקִ֥י כַפַּ֗יִם וּֽבַר־לֵ֫בָ֥ב אֲשֶׁ֤ר ׀ לֹא־נָשָׂ֣א לַשָּׁ֣וְא נַפְשִׁ֑י וְלֹ֖א נִשְׁבַּ֣ע לְמִרְמָֽה׃ |
بۇنداق كىشى بولسا پەرۋەردىگاردىن بەختنى، ئۆز نىجاتلىقى بولغۇچى خۇدادىن ھەققانىيلىقنى تاپشۇرۇۋالىدۇ ۋە [ئۇنى] كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ؛ | 5 |
יִשָּׂ֣א בְ֭רָכָה מֵאֵ֣ת יְהוָ֑ה וּ֝צְדָקָ֗ה מֵאֱלֹהֵ֥י יִשְׁעֽוֹ׃ |
بۇ دەۋر ئۇنى ئىزدىگۈچى دەۋردۇر، يەنى سېنىڭ دىدارىڭنى ئىزدىگۈچىلەر، ئى ياقۇپنىڭ [خۇداسى]! سېلاھ! | 6 |
זֶ֭ה דּ֣וֹר דרשו מְבַקְשֵׁ֨י פָנֶ֖יךָ יַעֲקֹ֣ב סֶֽלָה׃ |
ئى قوۋۇقلار، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! [كەڭ ئېچىلىڭلار]! ئى مەڭگۈلۈك ئىشىكلەر، كۆتۈرۈلۈڭلار! شۇنىڭ بىلەن شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھ كىرىدۇ! | 7 |
שְׂא֤וּ שְׁעָרִ֨ים ׀ רָֽאשֵׁיכֶ֗ם וְֽ֭הִנָּשְׂאוּ פִּתְחֵ֣י עוֹלָ֑ם וְ֝יָב֗וֹא מֶ֣לֶךְ הַכָּבֽוֹד׃ |
شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھ دېگەن كىم؟ ئۇ پەرۋەردىگاردۇر، ئۇ كۈچلۈك ۋە قۇدرەتلىكتۇر! پەرۋەردىگار، جەڭ مەيدانىدا قۇدرەتلىكتۇر! | 8 |
מִ֥י זֶה֮ מֶ֤לֶךְ הַכָּ֫ב֥וֹד יְ֭הוָה עִזּ֣וּז וְגִבּ֑וֹר יְ֝הוָ֗ה גִּבּ֥וֹר מִלְחָמָֽה׃ |
ئى قوۋۇقلار، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! كەڭ ئېچىلىڭلار! ئى مەڭگۈلۈك ئىشىكلەر، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! شۇنىڭ بىلەن شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھ كىرىدۇ! | 9 |
שְׂא֤וּ שְׁעָרִ֨ים ׀ רָֽאשֵׁיכֶ֗ם וּ֭שְׂאוּ פִּתְחֵ֣י עוֹלָ֑ם וְ֝יָבֹא מֶ֣לֶךְ הַכָּבֽוֹד׃ |
شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھ دېگەن كىم؟ ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بولسا، شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھتۇر! سېلاھ! | 10 |
מִ֤י ה֣וּא זֶה֮ מֶ֤לֶךְ הַכָּ֫ב֥וֹד יְהוָ֥ה צְבָא֑וֹת ה֤וּא מֶ֖לֶךְ הַכָּב֣וֹד סֶֽלָה׃ |