< زەبۇر 22 >
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ئايجەلەت-خاششاھار» (تاڭ سەھەردە كەلگەن مەدەت) دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ «ئاھ ئىلاھىم، ئىلاھىم، نېمىشقا مەندىن ۋاز كەچتىڭ؟ سەن نېمىشقا مېنى قۇتقۇزۇشتىن شۇنچە يىراقسەن؟ نېمىشقا قاتتىق پەريادلىرىمدىن شۇنچە يىراق تۇرىسەن، | 1 |
Nǝƣmiqilǝrning bexiƣa tapxurulup, «Ayjǝlǝt-haxxaⱨar» (tang sǝⱨǝrdǝ kǝlgǝn mǝdǝt) degǝn aⱨangda oⱪulsun dǝp, Dawut yazƣan küy: — «Aⱨ Ilaⱨim, Ilaⱨim, nemixⱪa mǝndin waz kǝqting? Sǝn nemixⱪa meni ⱪutⱪuzuxtin xunqǝ yiraⱪsǝn? Nemixⱪa ⱪattiⱪ pǝryadlirimdin xunqǝ yiraⱪ turisǝn,
خۇدايىم، كۈندۈزدە نىدا قىلدىم، لېكىن سەن ھېچ جاۋاب قىلمايسەن؛ كېچىدىمۇ مەن شۇنداق پەرياد قىلىشتىن ئارام ئالالمايمەن. | 2 |
Hudayim, kündüzdǝ nida ⱪildim, lekin Sǝn ⱨeq jawab ⱪilmaysǝn; Keqidimu mǝn xundaⱪ pǝryad ⱪilixtin aram alalmaymǝn.
بىراق ئى ئىسرائىلنىڭ مەدھىيىلىرىنى ئۆز ماكانىڭ قىلغۇچى، سەن دېگەن پاك-مۇقەددەستۇرسەن! | 3 |
Biraⱪ i Israilning mǝdⱨiyilirini ɵz makaning ⱪilƣuqi, Sǝn degǝn pak-muⱪǝddǝstursǝn!
ئاتا-بوۋىلىرىمىز سېنى تايانچى قىلغان، ئۇلار ساڭا تايانغان، سەن ئۇلارنى قۇتقۇزغان. | 4 |
Ata-bowilirimiz seni tayanqi ⱪilƣan, Ular sanga tayanƣan, sǝn ularni ⱪutⱪuzƣan.
ئۇلار ساڭا نىدا قىلىشلىرى بىلەن قۇتۇلغان؛ ساڭا تايىنىش بىلەن ئۇلارنىڭ ئۈمىدى ھېچ يەردە قالغان ئەمەس. | 5 |
Ular Sanga nida ⱪilixliri bilǝn ⱪutulƣan; Sanga tayinix bilǝn ularning ümidi ⱨeq yǝrdǝ ⱪalƣan ǝmǝs.
بىراق مەن بولسام ئادەم ئەمەس، بىر قۇرتمەن، ئىنسان تەرىپىدىن [تۆھمەت بىلەن] رەسۋايىئالەم قىلىنغانمەن، خالايىق تەرىپىدىن كەمسىتىلگەنمەن. | 6 |
Biraⱪ mǝn bolsam adǝm ǝmǝs, bir ⱪurtmǝn, Insan tǝripidin [tɵⱨmǝt bilǝn] rǝswayialǝm ⱪilinƣanmǝn, Halayiⱪ tǝripidin kǝmsitilgǝnmǝn.
مېنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى مازاق قىلىپ كۈلىدۇ، باشلىرىنى سىلكىشىپ ئاغزىلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ: | 7 |
Meni kɵrgǝnlǝrning ⱨǝmmisi mazaⱪ ⱪilip külidu, Baxlirini silkixip aƣzilirini pürüxtürüp:
«ئۇ پەرۋەردىگارغا ئۆزىنى تاپشۇرغان ئەمەسمۇ؟! ئەمدى پەرۋەردىگار ئۇنى قۇتقۇزسۇن! پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولسا ئەگەر، ئۇنى قۇتۇلدۇرسۇن!» ــ دېيىشىدۇ. | 8 |
«U Pǝrwǝrdigarƣa ɵzini tapxurƣan ǝmǝsmu?! Əmdi Pǝrwǝrdigar uni ⱪutⱪuzsun! Pǝrwǝrdigar uningdin hursǝn bolsa ǝgǝr, Uni ⱪutuldursun!» — deyixidu.
بىراق مېنى ئاپامنىڭ قورسىقىدىن چىقارغۇچى ئۆزۈڭدۇرسەن؛ ھەتتا ئەمچەكتىكى ۋاقتىمدىمۇ مېنى ئۆزۈڭگە تاياندۇرغانسەن؛ | 9 |
Biraⱪ meni apamning ⱪorsiⱪidin qiⱪarƣuqi ɵzüngdursǝn; Ⱨǝtta ǝmqǝktiki waⱪtimdimu meni ɵzünggǝ tayandurƣansǝn;
تۇغۇلغىنىمدىن تارتىپلا، مەن ئۆزۈمنى قوينۇڭغا تاشلىغانمەن؛ ئانامنىڭ بالىياتقۇسىدىكى ۋاقتىمدىلا، سەن مېنىڭ تەڭرىم بولۇپ كەلگەنسەن. | 10 |
Tuƣulƣinimdin tartipla, mǝn ɵzümni ⱪoynungƣa taxliƣanmǝn; Anamning baliyatⱪusidiki waⱪtimdila, Sǝn mening Tǝngrim bolup kǝlgǝnsǝn.
مەندىن يىراقلاشما؛ چۈنكى رىيازەت مېنى قىستاپ كەلدى؛ ماڭا ياردەمدە بولغۇچى يوقتۇر. | 11 |
Mǝndin yiraⱪlaxma; Qünki riyazǝt meni ⱪistap kǝldi; Manga yardǝmdǝ bolƣuqi yoⱪtur.
نۇرغۇن بۇقىلار مېنى قورشىۋالدى؛ باشاننىڭ كۈچلۈك بۇقىلىرى مېنى ئورىۋالدى؛ | 12 |
Nurƣun buⱪilar meni ⱪorxiwaldi; Baxanning küqlük buⱪiliri meni oriwaldi;
ئۇلار ئادەمنى تىتما قىلغۇچى ھۆركىرەۋاتقان شىردەك، ئاغزىلىرنى چوڭ ئېچىپ ماڭا تىكىلىپ تۇرىدۇ. | 13 |
Ular adǝmni titma ⱪilƣuqi ⱨɵrkirǝwatⱪan xirdǝk, Aƣzilirni qong eqip manga tikilip turidu.
مەن تۆكۈلگەن سۇدەك بولدۇم، ھەممە سۆڭەكلىرىم ئىزىدىن چىقىپ كەتتى؛ يۈرىكىم مومدەك ئېرىپ كەتتى، ئىچ-باغرىمدا زەئىپلىشىپ ئېرىپ كەتتى. | 14 |
Mǝn tɵkülgǝn sudǝk boldum, Ⱨǝmmǝ sɵngǝklirim izidin qiⱪip kǝtti; Yürikim momdǝk erip kǝtti, Iq-baƣrimda zǝiplixip erip kǝtti.
قاغجىراپ كەتكەن ساپال پارچىسىدەك ماغدۇرۇم قالمىدى، تىلىم تاڭلىيىمغا چاپلىشىپ كەتتى، سەن [پەرۋەردىگار] مېنى ئۆلۈمنىڭ توپا-چاڭلىرىغا قويغانسەن. | 15 |
Ⱪaƣjirap kǝtkǝn sapal parqisidǝk maƣdurum ⱪalmidi, Tilim tangliyimƣa qaplixip kǝtti, Sǝn [Pǝrwǝrdigar] meni ɵlümning topa-qangliriƣa ⱪoyƣansǝn.
غالجىر ئىتلار ماڭا ئولاشتى، بىر توپ رەزىللەر مېنى قىستاپ كېلىپ، مېنىڭ قولۇم ۋە پۇتۇمنى سانجىپ تەشتى. | 16 |
Ƣaljir itlar manga olaxti, Bir top rǝzillǝr meni ⱪistap kelip, Mening ⱪolum wǝ putumni sanjip tǝxti.
سۆڭەكلىرىمنىڭ ھەممىسىنى سانىيالايمەن، [ئۇستىخانلىرىم] ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇرغاندەك قىلىدۇ. | 17 |
Sɵngǝklirimning ⱨǝmmisini saniyalaymǝn, [Ustihanlirim] manga tikilip ⱪarap turƣandǝk ⱪilidu.
ئۇلار كىيىملىرىمنى ئۆز ئارىسىدا ئۈلەشتۈرۈۋاتىدۇ، كۆڭلىكىمگە ئېرىشىش ئۈچۈن چەك تاشلىشىۋاتىدۇ. | 18 |
Ular kiyimlirimni ɵz arisida ülǝxtürüwatidu, Kɵnglikimgǝ erixix üqün qǝk taxlixiwatidu.
بىراق، ئى پەرۋەردىگار، مەندىن يىراقلاشما! ئى كۈچ-قۇدرىتىم بولغۇچىم، ياردەمگە تېز كەلگەيسەن! | 19 |
Biraⱪ, i Pǝrwǝrdigar, mǝndin yiraⱪlaxma! I Küq-Ⱪudritim bolƣuqim, yardǝmgǝ tez kǝlgǝysǝn!
جېنىمنى قىلىچتىن قۇتقۇزغىن، مېنىڭ يالغۇز جېنىمنى ئىتنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرغىن. | 20 |
Jenimni ⱪiliqtin ⱪutⱪuzƣin, Mening yalƣuz jenimni itning qanggilidin ⱪutuldurƣin.
مېنى شىرنىڭ ئاغزىدىن قۇتقۇزغىن؛ شۇنداق، سەن ئىلتىجالىرىمنى ئىجابەت قىلىپ ياۋا كالىلارنىڭ مۈڭگۈزلىرىدىن قۇتقۇزغانسەن! | 21 |
Meni xirning aƣzidin ⱪutⱪuzƣin; Xundaⱪ, Sǝn iltijalirimni ijabǝt ⱪilip yawa kalilarning münggüzliridin ⱪutⱪuzƣansǝn!
مەن سېنىڭ نامىڭنى قېرىنداشلىرىمغا ئېلان قىلىمەن؛ چوڭ جامائەت ئىچىدە تۇرۇپ ساڭا بولغان مەدھىيىلىرىمنى جاكارلايمەن؛ | 22 |
Mǝn Sening namingni ⱪerindaxlirimƣa elan ⱪilimǝn; Qong jamaǝt iqidǝ turup Sanga bolƣan mǝdⱨiyilirimni jakarlaymǝn;
پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنگۈچىلەر، ئۇنى مەدھىيىلەڭلار! ياقۇپنىڭ بارلىق نەسىللىرى، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈڭلار! ئىسرائىلنىڭ پۈتۈن ئەۋلادلىرى، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىڭلار. | 23 |
Pǝrwǝrdigardin ǝymǝngüqilǝr, Uni mǝdⱨiyilǝnglar! Yaⱪupning barliⱪ nǝsilliri, Uningƣa xan-xǝrǝp kǝltürünglar! Israilning pütün ǝwladliri, Uningdin ǝymininglar.
چۈنكى ئۇ ئېزىلگۈچىنىڭ ئاشۇ خارلىنىشلىرىنى نەزىرىدىن ساقىت قىلغان ئەمەس، ياكى ئۇنىڭدىن ھېچ يىرگەنگەن ئەمەس؛ ئۇنىڭدىن ئۆز ۋىسالىنى ھېچ يوشۇرغان ئەمەس؛ بەلكى ئۇ ئىلتىجا قىلىپ ئاۋازىنى كۆتۈرگىنىدە، ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغان. | 24 |
Qünki U ezilgüqining axu harlinixlirini nǝziridin saⱪit ⱪilƣan ǝmǝs, Yaki Uningdin ⱨeq yirgǝngǝn ǝmǝs; Uningdin Ɵz wisalini ⱨeq yoxurƣan ǝmǝs; Bǝlki U iltija ⱪilip awazini kɵtürginidǝ, Uningƣa ⱪulaⱪ selip angliƣan.
چوڭ جامائەت ئىچىدە ماڭا ئوقۇلغان مەدھىيىلەر ئۆزۈڭدىندۇر، خۇدادىن ئەيمەنگۈچىلەرنىڭ ئالدىدا ئىچكەن قەسەملىرىمنى ئىشقا ئاشۇرىمەن؛ | 25 |
Qong jamaǝt iqidǝ manga oⱪulƣan mǝdⱨiyilǝr Ɵzüngdindur, Hudadin ǝymǝngüqilǝrning aldida iqkǝn ⱪǝsǝmlirimni ixⱪa axurimǝn;
ئاجىز مۆمىنلەر قورسىقى تويغۇچە تاماقلىنىدۇ؛ پەرۋەردىگارنى ئىزدىگەنلەر ئۇنى مەدھىيەلەيدۇ؛ سىلەرنىڭ قەلبىڭلار مەڭگۈ ياشنايدۇ! | 26 |
Ajiz mɵminlǝr ⱪorsiⱪi toyƣuqǝ tamaⱪlinidu; Pǝrwǝrdigarni izdigǝnlǝr Uni mǝdⱨiyǝlǝydu; Silǝrning ⱪǝlbinglar mǝnggü yaxnaydu!
زېمىننىڭ ئەڭ چېتىدىكىلەرمۇ بۇ ئىشنى قەلبىدە تۇتۇپ ، توۋا قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ؛ ئەل-مىللەتلەرنىڭ بارلىق جەمەتلىرى ئالدىڭدا ئىبادەت قىلىدۇ؛ | 27 |
Zeminning ǝng qetidikilǝrmu bu ixni ⱪǝlbidǝ tutup, towa ⱪilip Pǝrwǝrdigarning aldiƣa kelidu; Əl-millǝtlǝrning barliⱪ jǝmǝtliri aldingda ibadǝt ⱪilidu;
چۈنكى پادىشاھلىق پەرۋەردىگارغىلا تەۋەدۇر؛ ئۇ ئەل-مىللەتلەر ئارىسىدا ھۆكۈم سۈرگۈچىدۇر. | 28 |
Qünki padixaⱨliⱪ Pǝrwǝrdigarƣila tǝwǝdur; U ǝl-millǝtlǝr arisida ⱨɵküm sürgüqidur.
جاھاندىكى بايلارمۇ ئۇنىڭ ئالدىدىن يەپ-ئىچىپ، ئىبادەت قىلىدۇ؛ تۇپراققا كىرەي دەپ قالغانلارمۇ، ھەتتا ئۆز جېنىنى ساقلىيالمايدىغانلارمۇ ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ؛ | 29 |
Jaⱨandiki baylarmu Uning aldidin yǝp-iqip, ibadǝt ⱪilidu; Tupraⱪⱪa kirǝy dǝp ⱪalƣanlarmu, ⱨǝtta ɵz jenini saⱪliyalmaydiƣanlarmu Uningƣa sǝjdǝ ⱪilidu;
كەلگۈسىدىكى بىر ئەۋلاد ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ؛ بۇ ئەۋلاد رەب ئۈچۈن ئۆز پەرزەنتلىرى ھېسابلىنىدۇ. | 30 |
Kǝlgüsidiki bir ǝwlad Uning hizmitidǝ bolidu; Bu ǝwlad Rǝb üqün Ɵz pǝrzǝntliri ⱨesablinidu.
كېيىن ئۇلار كېلىپ، شۇ چاغدا تۇغۇلىدىغان بىر قوۋمغا ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى جاكارلاپ شۇنى ئېلان قىلىدۇكى، «ئۇ بۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى!» | 31 |
Keyin ular kelip, xu qaƣda tuƣulidiƣan bir ⱪowmƣa Uning ⱨǝⱪⱪaniyliⱪini jakarlap xuni elan ⱪiliduki, «U buni ǝmǝlgǝ axurdi!»