< زەبۇر 21 >
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ پادىشاھ قۇدرىتىڭدىن شادلىنىدۇ، ئى پەرۋەردىگار؛ غەلىبە-نىجاتلىقىڭدىن ئۇ نەقەدەر خۇرسەن بولىدۇ! | 1 |
Nǝƣmiqilǝrning bexiƣa tapxurulup oⱪulsun dǝp, Dawut yazƣan küy: — Padixaⱨ ⱪudritingdin xadlinidu, i Pǝrwǝrdigar; Ƣǝlibǝ-nijatliⱪingdin u nǝⱪǝdǝr hursǝn bolidu!
سەن ئۇنىڭ كۆڭۈل تىلىكىنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلدىڭ، لەۋلىرىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان ئەمەسسەن. سېلاھ! | 2 |
Sǝn uning kɵngül tilikini uningƣa ata ⱪilding, Lǝwlirining tǝlipini rǝt ⱪilƣan ǝmǝssǝn. (Selaⱨ)
چۈنكى سەن ئېسىل بەرىكەتلەر بىلەن ئۇنى قارشى ئالدىڭ؛ ئۇنىڭ بېشىغا ساپ ئالتۇن تاج كىيدۈردۈڭ. | 3 |
Qünki Sǝn esil bǝrikǝtlǝr bilǝn uni ⱪarxi alding; Uning bexiƣa sap altun taj kiydürdüng.
ئۇ سەندىن ئۆمۈر تىلىسە، سەن ئۇنىڭغا بەردىڭ، يەنى ئۇزۇن كۈنلەرنى، تاكى ئەبەدىلئەبەدگىچە بەردىڭ. | 4 |
U Sǝndin ɵmür tilisǝ, Sǝn uningƣa bǝrding, Yǝni uzun künlǝrni, taki ǝbǝdil’ǝbǝdgiqǝ bǝrding.
ئۇ سېنىڭ بەرگەن غەلىبە-نىجاتلىقىڭدىن زور شەرەپ قۇچتى؛ سەن ئۇنىڭغا ئىززەت-ھەيۋەت ھەم شانۇ-شەۋكەت قوندۇردۇڭ. | 5 |
U Sening bǝrgǝn ƣǝlibǝ-nijatliⱪingdin zor xǝrǝp ⱪuqti; Sǝn uningƣa izzǝt-ⱨǝywǝt ⱨǝm xanu-xǝwkǝt ⱪondurdung.
سەن ئۇنىڭ ئۆزىنى مەڭگۈلۈك بەرىكەتلەر قىلدىڭ؛ دىدارىڭنىڭ شادلىقى بىلەن ئۇنى زور خۇرسەن قىلدىڭ؛ | 6 |
Sǝn uning ɵzini mǝnggülük bǝrikǝtlǝr ⱪilding; Didaringning xadliⱪi bilǝn uni zor hursǝn ⱪilding;
چۈنكى پادىشاھ پەرۋەردىگارغا تايىنىدۇ؛ ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى بىلەن ئۇ ھېچ تەۋرەنمەيدۇ. | 7 |
Qünki padixaⱨ Pǝrwǝrdigarƣa tayinidu; Ⱨǝmmidin Aliy Bolƣuqining ɵzgǝrmǝs muⱨǝbbiti bilǝn u ⱨeq tǝwrǝnmǝydu.
سېنىڭ قولۇڭ بارلىق دۈشمەنلىرىڭنى تېپىپ، ئاشكارە قىلىدۇ؛ ئوڭ قولۇڭ ساڭا ئۆچمەنلىك قىلغانلارنى تېپىپ ئاشكارە قىلىدۇ؛ | 8 |
Sening ⱪolung barliⱪ düxmǝnliringni tepip, axkarǝ ⱪilidu; Ong ⱪolung Sanga ɵqmǝnlik ⱪilƣanlarni tepip axkarǝ ⱪilidu;
سېنىڭ دىدارىڭ كۆرۈنگەن كۈندە، ئۇلارنى يالقۇنلۇق خۇمدانغا سالغاندەك كۆيدۈرىسەن؛ پەرۋەردىگار دەرغەزەپ بىلەن ئۇلارنى يۇتۇۋېتىدۇ؛ ئوت ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ تۈگىتىدۇ. | 9 |
Sening didaring kɵrüngǝn kündǝ, ularni yalⱪunluⱪ humdanƣa salƣandǝk kɵydürisǝn; Pǝrwǝrdigar dǝrƣǝzǝp bilǝn ularni yutuwetidu; Ot ularni kɵydürüp tügitidu.
ئۇلارنىڭ تۇخۇمىنى جاھاندىن، نەسىللىرىنى كىشىلىك دۇنيادىن قۇرىتىسەن؛ | 10 |
Ularning tuhumini jaⱨandin, Nǝsillirini kixilik dunyadin ⱪuritisǝn;
چۈنكى ئۇلار ساڭا يامانلىق قىلىشقا ئۇرۇندى؛ ئۇلار رەزىل بىر نەيرەڭنى ئويلاپ چىققىنى بىلەن، ئەمما غەلىبە قىلالمىدى. | 11 |
Qünki ular Sanga yamanliⱪ ⱪilixⱪa urundi; Ular rǝzil bir nǝyrǝngni oylap qiⱪⱪini bilǝn, Əmma ƣǝlibǝ ⱪilalmidi.
چۈنكى سەن ئۇلارنى كەينىگە بۇرۇلۇشقا مەجبۇر قىلدىڭ؛ سەن ئۇلارنىڭ يۈزىگە قاراپ ئوقيايىڭنى چەنلەيسەن. | 12 |
Qünki Sǝn ularni kǝynigǝ buruluxⱪa mǝjbur ⱪilding; Sǝn ularning yüzigǝ ⱪarap oⱪyayingni qǝnlǝysǝn.
ئى پەرۋەردىگار، ئۆز كۈچۈڭ بىلەن ئۇلۇغلۇقۇڭنى نامايان قىلغايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىز ناخشا ئېيتىپ قۇدرىتىڭنى مەدھىيىلەيمىز. | 13 |
I Pǝrwǝrdigar, Ɵz küqüng bilǝn uluƣluⱪungni namayan ⱪilƣaysǝn; Xuning bilǝn biz nahxa eytip ⱪudritingni mǝdⱨiyilǝymiz.