نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ كۈلپەتلىك كۈندە پەرۋەردىگار ساڭا ئىجابەت قىلغاي! ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ نامى سېنى ئېگىزدە ئامان ساقلىغاي! | 1 |
לַמְנַצֵּחַ מִזְמוֹר לְדָוִֽד׃ יַֽעַנְךָ יְהוָה בְּיוֹם צָרָה יְשַׂגֶּבְךָ שֵׁם ׀ אֱלֹהֵי יַעֲקֹֽב׃ |
ئۇ ئۆز مۇقەددەس جايىدىن ساڭا مەدەت ئەۋەتكەي، زىئوندىن ساڭا كۈچ-قۇۋۋەت بەرگەي؛ | 2 |
יִשְׁלַֽח־עֶזְרְךָ מִקֹּדֶשׁ וּמִצִיּוֹן יִסְעָדֶֽךָּ׃ |
بارلىق «ئاشلىق ھەدىيە»لىرىڭنى ياد قىلغاي، كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭنى قوبۇل قىلغاي! سېلاھ! | 3 |
יִזְכֹּר כָּל־מִנְחֹתֶךָ וְעוֹלָתְךָ יְדַשְּׁנֶה סֶֽלָה׃ |
كۆڭلۈڭدىكى تەشنالىقلارنى ساڭا ئاتا قىلغاي، كۆڭلۈڭگە پۈككەن بارلىق ئارزۇلىرىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغاي. | 4 |
יִֽתֶּן־לְךָ כִלְבָבֶךָ וְֽכָל־עֲצָתְךָ יְמַלֵּֽא׃ |
بىزلەر غەلىبەڭنى تەبرىكلەپ تەنتەنە قىلىمىز، خۇدايىمىزنىڭ نامىدا تۇغلىرىمىزنى تىكلەيمىز؛ پەرۋەردىگار بارلىق تەلەپلىرىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغاي! ھازىر بىلدىمكى، پەرۋەردىگار ئۆزى مەسىھ قىلغىنىنى قۇتقۇزىدۇ؛ مۇقەددەس ئەرشلىرىدىن ئۇنىڭغا قۇدرەتلىك قۇتقۇزغۇچى قولىنى ئۇزارتىپ جاۋاب بېرىدۇ. | 5 |
נְרַנְּנָה ׀ בִּישׁוּעָתֶךָ וּבְשֵֽׁם־אֱלֹהֵינוּ נִדְגֹּל יְמַלֵּא יְהוָה כָּל־מִשְׁאֲלוֹתֶֽיךָ׃ |
ھازىر بىلدىمكى، پەرۋەردىگار ئۆزى مەسىھ قىلغىنىنى قۇتقۇزىدۇ؛ مۇقەددەس ئەرشلىرىدىن ئۇنىڭغا قۇدرەتلىك قۇتقۇزغۇچى قولىنى ئۇزارتىپ جاۋاب بېرىدۇ. | 6 |
עַתָּה יָדַעְתִּי כִּי הוֹשִׁיעַ ׀ יְהוָה מְשִׁיחוֹ יַעֲנֵהוּ מִשְּׁמֵי קָדְשׁוֹ בִּגְבֻרוֹת יֵשַׁע יְמִינֽוֹ׃ |
بەزىلەر جەڭ ھارۋىلىرىغا، بەزىلەر ئاتلارغا [تايىنىدۇ]؛ بىراق بىز بولساق پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ نامىنى ياد ئېتىمىز؛ | 7 |
אֵלֶּה בָרֶכֶב וְאֵלֶּה בַסּוּסִים וַאֲנַחְנוּ ׀ בְּשֵׁם־יְהוָה אֱלֹהֵינוּ נַזְכִּֽיר׃ |
ئۇلار تىزى پۈكلىنىپ يىقىلدى؛ بىراق بىز بولساق، قەددىمىزنى رۇسلاپ تىك تۇرىمىز. | 8 |
הֵמָּה כָּרְעוּ וְנָפָלוּ וַאֲנַחְנוּ קַּמְנוּ וַנִּתְעוֹדָֽד׃ |
ئى پەرۋەردىگار، پادىشاھقا غەلىبە بەرگەيسەن؛ نىدا قىلغىنىمىزدا بىزگە ئىجابەت قىلغايسەن! | 9 |
יְהוָה הוֹשִׁיעָה הַמֶּלֶךְ יַעֲנֵנוּ בְיוֹם־קָרְאֵֽנוּ׃ |