< زەبۇر 2 >
ئەللەر نېمىشقا چۇقان سالىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن خەلقلەر بىكاردىن-بىكار سۇيىقەست ئويلايدۇ؟ | 1 |
外邦为什么争闹? 万民为什么谋算虚妄的事?
دۇنيادىكى پادىشاھلار سەپكە تىزىلىپ، ئەمەلدارلار قارا نىيەت ئەيلىشىپ، پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ مەسىھى بىلەن قارشىلىشىپ: ــ | 2 |
世上的君王一齐起来, 臣宰一同商议, 要敌挡耶和华并他的受膏者,
«ئۇلارنىڭ چەكلىمىلىرىنى چۆرۈۋېتەيلى، ئۇلارنىڭ ئاسارەتلىرىنى بۇزۇپ تاشلايلى!» ــ دېيىشىدۇ. | 3 |
说:我们要挣开他们的捆绑, 脱去他们的绳索。
ئاسماندا ئولتۇرغۇچى كۈلىدۇ، رەب ئۇلارنى مازاق قىلىدۇ؛ | 4 |
那坐在天上的必发笑; 主必嗤笑他们。
ھەم ئاچچىقىدا ئۇلارغا سۆزلەپ، قەھرى بىلەن ئۇلارنى ۋەھىمىگە سېلىپ: ــ | 5 |
那时,他要在怒中责备他们, 在烈怒中惊吓他们,
«ئۆزۈم بولسام زىئوندا، يەنى مۇقەددەس تېغىمدا، ئۆزۈم مەسىھ قىلغان پادىشاھنى تىكلىدىم». | 6 |
说:我已经立我的君 在锡安—我的圣山上了。
«مەن [ئەرشتىكى] پەرماننى جاكارلايمەنكى، پەرۋەردىگار ماڭا: ــ «سەن مېنىڭ ئوغلۇم؛ ئۆزۈم سېنى بۈگۈنكى كۈندە تۇغۇلدۇردۇم؛ | 7 |
受膏者说:我要传圣旨。 耶和华曾对我说:你是我的儿子, 我今日生你。
مەندىن سورا، مەن ساڭا مىراس بولۇشقا ئەللەرنى، تەئەللۇقۇڭ بولۇشقا يەر يۈزىنى چەت-چەتلىرىگىچە بېرىمەن؛ | 8 |
你求我,我就将列国赐你为基业, 将地极赐你为田产。
سەن تۆمۈر تاياق بىلەن ئۇلارنى بىتچىت قىلىۋېتىسەن؛ ساپال چىنىنى كۇكۇم-تالقان قىلغاندەك، سەن ئۇلارنى پارە-پارە قىلىۋېتىسەن» ــ دېدى». | 9 |
你必用铁杖打破他们; 你必将他们如同窑匠的瓦器摔碎。
ئەمدى، ھەي پادىشاھلار، ئەقىلدار بولۇڭلار! جاھاندىكى سوراقچىلار ساۋاق ئېلىڭلار؛ | 10 |
现在,你们君王应当省悟! 你们世上的审判官该受管教!
پەرۋەردىگاردىن قورقۇش بىلەن ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولۇڭلار؛ تىترەك ئىچىدە خۇشاللىنىڭلار! | 11 |
当存畏惧事奉耶和华, 又当存战兢而快乐。
ئوغۇلنىڭ غەزىپىنىڭ قوزغالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى سۆيۈڭلار؛ چۈنكى ئۇنىڭ غەزىپى سەللا قاينىسا، يولۇڭلاردىلا ھالاك بولىسىلەر؛ ئۇنىڭغا تايانغانلار نەقەدەر بەختلىكتۇر! | 12 |
当以嘴亲子,恐怕他发怒, 你们便在道中灭亡, 因为他的怒气快要发作。 凡投靠他的,都是有福的。