< زەبۇر 18 >
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى داۋۇت يازغان كۈي؛ پەرۋەردىگار ئۇنى بارلىق دۈشمەنلىرىدىن ھەم سائۇل پادىشاھنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان كۈنى، ئۇ پەرۋەردىگارغا مۇنۇ كۈينىڭ سۆزلىرىنى ئېيتتى: ــ ئاھ، پەرۋەردىگارىم، مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىم، مەن سېنى سۆيىمەن! | 1 |
I love thee, O LORD, my strength!
پەرۋەردىگار مېنىڭ خادا تېغىم، مېنىڭ قورغىنىم، مېنىڭ نىجاتكارىمدۇر! مېنىڭ تەڭرىم، مېنىڭ قورام تېشىم، مەن ئۇنىڭدىن ھىمايە تاپىمەن؛ ئۇ مېنىڭ قالقىنىم، مېنىڭ قۇتقۇزغۇچى مۈڭگۈزۈم، مېنىڭ ئېگىز مۇنارىمدۇر! | 2 |
Jehovah is my rock, my fortress, and my deliverer; My God, my strength, in whom I trust; My shield, my strong defence, and my high tower.
مەدھىيىلەرگە لايىق پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىمەن، شۇندا دۈشمەنلىرىمدىن قۇتقۇزۇلىمەن؛ | 3 |
I called upon the LORD, who is worthy to be praised, And was delivered from my enemies.
ئۆلۈمنىڭ ئاسارەتلىرى مېنى قورشىۋالدى، ئىخلاسسىزلارنىڭ يامراپ كېتىشى مېنى قورقىتىۋەتتى؛ | 4 |
The snares of death encompassed me; The floods of destruction filled me with dismay;
تەھتىسارانىڭ تانىلىرى مېنى چىرمىۋالدى، ئۆلۈم سىرتماقلىرى ئالدىمغا كەلدى. (Sheol ) | 5 |
The snares of the underworld surrounded me, And the nets of death seized upon me. (Sheol )
قىينالغىنىمدا مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدىم، خۇدايىمغا پەرياد كۆتۈردۈم؛ ئۇ ئىبادەتخانىسىدىن ئاۋازىمنى ئاڭلىدى، مېنىڭ پەريادىم ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كەلدى، ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىردى. | 6 |
In my distress I called upon the LORD, And cried unto my God; He heard my voice from his palace, And my cry came before him into his ears.
شۇ چاغ يەر-زېمىن تەۋرەپ، سىلكىنىپ كەتتى، تاغلارنىڭ ئۇللىرى دەھشەتلىك تەۋرەندى، سىلكىنىپ كەتتى؛ چۈنكى ئۇ غەزەپلەندى. | 7 |
Then the earth quaked and trembled; The foundations of the mountains rocked and were shaken, Because his wrath was kindled.
ئۇنىڭ دىمىغىدىن ئىس ئۆرلەپ تۇراتتى، ئاغزىدىن چىققان ئوت ھەممىسىنى يۇتۇۋەتتى؛ ئۇنىڭدىن كۆمۈر چوغلىرى چىقتى؛ | 8 |
A smoke went up from his nostrils, And fire from his mouth devoured; Burning coals shot forth from him.
ئۇ ئاسمانلارنى تەزىم قىلدۇرۇپ چۈشتى، پۇتى ئاستى تۇم قاراڭغۇلۇق ئىدى. | 9 |
He bowed the heavens, and came down; And darkness was under his feet;
بىر كېرۇبنى مىنىپ پەرۋاز قىلدى، شامالنىڭ قاناتلىرىدا غۇيۇلداپ ئۇچۇپ كەلدى. | 10 |
And he rode upon a cherub, and did fly; Yea, he did fly upon the wings of the wind.
ئۇ قاراڭغۇلۇقنى ئۆزىنىڭ يوشۇرۇنىدىغان جايى قىلدى، سۇلارنىڭ قاراڭغۇسىنى، ئاسمانلارنىڭ قويۇق بۇلۇتلىرىنى، ئۆز ئەتراپىدا چېدىرى قىلدى. | 11 |
And he made darkness his covering; His pavilion round about him was dark waters and thick clouds of the skies.
ئۇنىڭ ئالدىدىكى يورۇقلۇقتىن، قويۇق بۇلۇتلار، مۆلدۈر، ئوتلۇق چوغلار چىقىپ ئۆتتى؛ | 12 |
At the brightness before him, his thick clouds passed away; Then came hailstones and coals of fire.
پەرۋەردىگار ئاسماندا گۈلدۈرلىدى؛ ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى ئاۋازىنى ياڭراتتى، مۆلدۈر ۋە ئوتلۇق چوغلار بىلەن. | 13 |
The LORD also thundered from heaven, And the Most High uttered his voice, Amid hailstones and coals of fire.
بەرھەق، ئۇ ئوقلىرىنى ئېتىپ، [دۈشمەنلىرىمنى] تارقىتىۋەتتى؛ چاقماقلارنى چاقتۇرۇپ، ئۇلارنى قىيقاس-چۇقانغا سالدى؛ | 14 |
He sent forth his arrows, and scattered them; Continual lightnings, and discomfited them.
شۇنىڭ بىلەن دېڭىزلارنىڭ تەكتى كۆرۈنۈپ قالدى، ئالەمنىڭ ئۇللىرى ئاشكارىلاندى، تەنبىھىڭ بىلەن، دىمىغىڭدىن چىققان نەپەسنىڭ زەربىسى بىلەن، ئى پەرۋەردىگار. | 15 |
Then the channels of the deep were seen, And the foundations of the earth were laid bare At thy rebuke, O LORD! At the blast of the breath of thy nostrils.
ئۇ يۇقىرىدىن قولىنى ئۇزىتىپ، مېنى تۇتتى؛ مېنى ئۇلۇغ سۇلاردىن تارتىپ ئالدى. | 16 |
He stretched forth his hand from above; he took me, And drew me out of deep waters.
ئۇ مېنى كۈچلۈك دۈشمىنىمدىن، ھەم ماڭا ئۆچمەنلىك قىلغۇچىلاردىن قۇتقۇزدى؛ چۈنكى ئۇلار مەندىن كۈچلۈك ئىدى. | 17 |
He delivered me from my strong enemy; From my adversaries, who were too powerful for me.
كۈلپەتكە ئۇچرىغان كۈنۈمدە، ئۇلار ماڭا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتتى؛ بىراق پەرۋەردىگار مېنىڭ تايانچىم ئىدى. | 18 |
They fell upon me in the day of my calamity; But the LORD was my stay.
ئۇ مېنى كەڭرى-ئازادە بىر جايغا ئېلىپ چىقاردى؛ ئۇ مېنى قۇتقۇزدى، چۈنكى ئۇ مەندىن خۇرسەن بولدى. | 19 |
He brought me forth into a large place; He delivered me, because he delighted in me.
پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمغا قاراپ ماڭا ئىلتىپات كۆرسەتتى؛ قولۇمنىڭ ھالاللىقىنى ئۇ ماڭا قايتۇردى؛ | 20 |
The LORD hath rewarded me according to my righteous; According to the cleanness of my hands hath he recompensed me.
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ يوللىرىنى تۇتۇپ كەلدىم؛ رەزىللىك قىلىپ خۇدايىمدىن ئايرىلىپ كەتمىدىم؛ | 21 |
For I have kept the ways of the LORD, And have not wickedly departed from my God.
چۈنكى ئۇنىڭ بارلىق ھۆكۈملىرى ئالدىمدىدۇر؛ مەن ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى ئۆزۈمدىن نېرى قىلمىدىم؛ | 22 |
For all his laws were in my sight; I did not put away his statutes from me.
مەن ئۇنىڭ بىلەن غۇبارسىز يۈردۇم، ئۆزۈمنى گۇناھتىن نېرى قىلدىم؛ | 23 |
I was upright before him, And kept myself from iniquity.
شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمغا قاراپ، كۆز ئالدىدىكى قولۇمنىڭ ھالاللىقىغا قاراپ، قىلغانلىرىمنى قايتۇردى. | 24 |
Therefore hath the LORD rewarded me according to my righteousness, According to the cleanness of my hands before his eyes.
ۋاپادار-مېھرىبانلارغا ئۆزۈڭنى ۋاپادار-مېھرىبان كۆرسىتىسەن؛ غۇبارسىزلارغا ئۆزۈڭنى غۇبارسىز كۆرسىتىسەن؛ | 25 |
To the merciful thou showest thyself merciful; To the upright thou showest thyself upright;
ساپ دىللىقلارغا ئۆزۈڭنى ساپ دىللىق كۆرسىتىسەن؛ تەتۈرلەرگە ئۆزۈڭنى تەتۈر كۆرسىتىسەن؛ | 26 |
To the pure thou showest thyself pure, And to the perverse thou showest thyself perverse.
چۈنكى ئاجىز مۆمىن خەلقنى قۇتقۇزغۇچى ئۆزۈڭدۇرسەن؛ بىراق تەكەببۇر كۆزلەرنى شەرمەندە قىلىسەن؛ | 27 |
For thou savest the afflicted people, But the haughty countenance thou bringest down.
چىرىغىمنى جۇلالىق قىلغان سەندۇرسەن؛ پەرۋەردىگار خۇدايىم مېنى باسقان قاراڭغۇلۇقنى نۇرلاندۇرىدۇ؛ | 28 |
Thou causest my lamp to shine; Jehovah, my God, enlighteneth my darkness.
چۈنكى سەن ئارقىلىق [دۈشمەن] قوشۇنى ئارىسىدىن يۈگۈرۈپ ئۆتتۈم؛ سەن خۇدايىم ئارقىلىق مەن سېپىلدىن ئاتلاپ ئۆتتۈم. | 29 |
For through thee I have broken through troops; Through my God I have leaped over walls.
تەڭرىم ــ ئۇنىڭ يولى مۇكەممەلدۇر؛ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى سىناپ ئىسپاتلانغاندۇر؛ ئۇ ئۆزىگە تايانغانلارنىڭ ھەممىسىگە قالقاندۇر. | 30 |
The ways of God are just and true; His word is pure, tried in the fire; He is a shield to all who put their trust in him.
چۈنكى پەرۋەردىگاردىن باشقا يەنە كىم ئىلاھتۇر؟ بىزنىڭ خۇدايىمىزدىن باشقا كىممۇ قورام تاشتۇر؟ | 31 |
Who, then, is God, save Jehovah? And who is a rock, save our God?
يەنى بېلىمنى كۈچ-قۇۋۋەت بىلەن ئورىغۇچى تەڭرى، يولۇمنى تۈپتۈز، مۇكەممەل قىلغۇچى تەڭرىدۇر؛ | 32 |
It is God that girded me with strength, And made my way plain.
ئۇ مېنىڭ پۇتلىرىمنى كېيىكنىڭكىدەك [ئۇچقۇر] قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مېنى ئېگىز جايلىرىمدا تۇرغۇزىدۇ؛ | 33 |
He made my feet like the hind's, And set me in my high places;
قوللىرىمنى ئۇرۇش قىلىشقا ئۆگىتىدۇ، شۇڭلاشقا بىلەكلىرىم مىس كاماننى كېرەلەيدۇ؛ | 34 |
He taught my hands to war, So that my arm bent the bow of brass.
سەن ماڭا نىجاتلىقىڭ بولغان قالقاننى ئاتا قىلدىڭ، نېنىڭ ئوڭ قولۇڭ مېنى يۆلىدى؛ سېنىڭ مۇلايىم كەمتەرلىكىڭ مېنى ئۇلۇغ قىلدى. | 35 |
Thou gavest me the shield of thy protection; Thy right hand held me up, And thy goodness made me great.
سەن قەدەملىرىم ئاستىدىكى جاينى كەڭ قىلدىڭ، مېنىڭ پۇتلىرىم تېيىلىپ كەتمىدى. | 36 |
Thou didst make a wide path for my steps, So that my feet did not stumble.
مەن دۈشمەنلىرىمنى قوغلاپ يەتتىم؛ ئۇلار ھالاك بولمىغۇچە ھېچ يانمىدىم. | 37 |
I pursued my enemies and overtook them, And turned not back till I had destroyed them.
قايتىدىن ئورنىدىن تۇرالماس قىلىپ ئۇلارنى يانجىۋەتتىم، ئۇلار پۇتلىرىم ئاستىدا يىقىلدى. | 38 |
I smote them, so that they could not rise; They fell under my feet.
سەن جەڭ قىلىشقا كۈچ بىلەن بېلىمنى باغلىدىڭ؛ سەن ماڭا ھۇجۇم قىلغانلارنى پۇتۇم ئاستىدا ئېگىلدۈردۈڭ؛ | 39 |
Thou didst gird me with strength for the battle; Thou didst cast down my adversaries under me.
دۈشمەنلىرىمنى كۆز ئالدىمدا ئارقىسىغا ياندۇرۇپ قاچقۇزدۇڭ، شۇنىڭ بىلەن ماڭا ئۆچمەنلەرنى يوقاتتىم. | 40 |
Thou didst cause my enemies to turn their backs, So that I destroyed them that hated me.
ئۇلار پەرياد كۆتۈردى، بىراق قۇتقۇزىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى؛ ھەتتا پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدى، ئۇمۇ ئۇلارغا جاۋاب بەرمىدى. | 41 |
They cried, but there was none to help; To Jehovah, but he answered them not.
مەن ئۇلارغا سوققا بېرىپ، شامال ئۇچۇرغان توپىدەك قىلىۋەتتىم؛ كوچىدىكى پاتقاقتەك، ئۇلارنى تۆكۈۋەتتىم. | 42 |
I beat them small, like dust before the wind; I cast them out as the dirt of the streets.
سەن مېنى خەلقنىڭ نىزالىرىدىن قۇتقۇزغانسەن؛ سەن مېنى ئەللەرنىڭ بېشى قىلغانسەن؛ ماڭا يات بولغان بىر خەلق خىزمىتىمدە بولماقتا. | 43 |
Thou hast delivered me from the assaults of the nations; Thou hast made me the head of the kingdoms. Nations whom I knew not serve me;
سۆزۈمنى ئاڭلاپلا ئۇلار ماڭا ئىتائەت قىلىدۇ؛ يات ئەلدىكىلەر ماڭا بىچارىلەرچە تەسلىم بولىدۇ؛ | 44 |
They who have only heard of me obey me; Yea, men of a strange land submit themselves to me;
يات ئەلدىكىلەر چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ؛ ئۇلار ئۆز ئىستىھكاملىرىدىن تىترىگەن ھالدا چىقىپ كېلىدۇ؛ | 45 |
Men of a strange land fade away, like a leaf, And come trembling from their strongholds.
پەرۋەردىگار ھاياتتۇر! مېنىڭ قورام تېشىم مۇبارەكلەنسۇن! نىجاتلىقىم بولغان خۇدا [ھەممىدىن] ئالىيدۇر، دەپ مەدھىيىلەنسۇن! | 46 |
Jehovah is the living God; blessed be my rock; Exalted be the God of my salvation!
ئۇ، مەن ئۈچۈن تولۇق قىساس ئالغۇچى تەڭرى، خەلقلەرنى ماڭا بويسۇندۇرغان [خۇدادۇر]؛ | 47 |
It is God who hath given me vengeance, And subdued the nations under me;
ئۇ مېنى دۈشمەنلىرىمدىن قۇتقۇزغان؛ بەرھەق، سەن مېنى ماڭا ھۇجۇم قىلغانلاردىن يۇقىرى كۆتۈردۈڭ؛ زوراۋان ئادەمدىن سەن مېنى قۇتۇلدۇردۇڭ. | 48 |
He delivered me from my enemies; Yea, thou hast lifted me up above my adversaries; Thou hast saved me from the violent man!
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئەللەر ئارىسىدا ساڭا رەھمەت ئېيتىمەن، ئى پەرۋەردىگار؛ نامىڭنى ئۇلۇغلاپ كۈيلەرنى ئېيتىمەن؛ | 49 |
Therefore I will give thanks to thee, O LORD! among the nations, And sing praises to thy name.
[پەرۋەردىگار] ئۆزى تىكلىگەن پادىشاھقا زور نۇسرەتلەرنى بېغىشلايدۇ؛ ئۆزى مەسىھ قىلغىنىغا، يەنى داۋۇتقا ھەم ئۇنىڭ نەسلىگە مەڭگۈگە ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىنى كۆرسىتىدۇ. | 50 |
Great deliverance giveth he to his king, And showeth mercy to his anointed, —To David and to his posterity for ever.