< زەبۇر 17 >
داۋۇتنىڭ دۇئاسى: ــ ھەققانىي تەلەپنى ئاڭلا، ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ نىدايىمغا كۆڭۈل قويغىن؛ مېنىڭ دۇئايىمغا قۇلاق سالغىن، ئۇ يالغانچى لەۋلەردىن چىققان ئەمەس. | 1 |
ダビデの祈 主よ、正しい訴えを聞き、わたしの叫びにみ心をとめ、偽りのないくちびるから出るわたしの祈に耳を傾けてください。
ھۇزۇرۇڭدىن ھۆكۈمۈم چىقىرىلغاي! كۆزۈڭ نېمە دۇرۇس ئىكەنلىكىنى پەرق ئەتكەي! | 2 |
どうかわたしについての宣告がみ前から出て、あなたの目が公平をみられるように。
سەن مېنىڭ قەلبىمنى سىنىغانسەن، سەن كېچىدىمۇ ماڭا يېقىنلىشىپ كۆزەتتىڭ؛ سەن مېنى تاۋلاپ كۆزۈڭدىن كەچۈردىڭسەن، مېنىڭدىن ھېچبىر سەۋەنلىك تاپالمىدىڭ؛ كۆڭلۈمدە: ئاغزىم ئىتائەتسىزلىك قىلمىسۇن! ــ دەپ نىيەت قىلدىم. | 3 |
あなたがわたしの心をためし、夜、わたしに臨み、わたしを試みられても、わたしのうちになんの悪い思いをも見いだされないでしょう。わたしの口も罪を犯しません。
ئادەم بالىلىرىنىڭ ھاياتتىكى ئىشلىرىدا، لەۋلىرىڭدىن چىققان سۆزلەر بىلەن زوراۋانلارنىڭ يوللىرىدىن ئۆزۈمنى نېرى قىلدىم. | 4 |
人のおこないの事をいえば、あなたのくちびるの言葉によって、わたしは不法な者の道を避けました。
مېنىڭ قەدەملىرىم يوللىرىڭدىن چىقمىغان، پۇتلىرىم تېيىلىپ كەتمىگەن. | 5 |
わたしの歩みはあなたの道に堅く立ち、わたしの足はすべることがなかったのです。
مەن ساڭا ئىلتىجا قىلدىم، چۈنكى تىلەكلىرىمنى ئىجابەت قىلىسەن، ئى تەڭرىم؛ ماڭا قۇلاق سالغىن، سۆزلىرىمنى ئاڭلىغىن. | 6 |
神よ、わたしはあなたに呼ばわります。あなたはわたしに答えられます。どうか耳を傾けて、わたしの述べることをお聞きください。
ئى، ئۆزۈڭگە تايانغانلارنى قارشى چىققۇچىلاردىن ئوڭ قولۇڭ بىلەن قۇتقۇزغۇچى، كارامەتلىرىڭنى كۆرسىتىپ، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى ئايان قىلغايسەن! | 7 |
寄り頼む者をそのあだから右の手で救われる者よ、あなたのいつくしみを驚くばかりにあらわし、
مېنى كۆز قارىچۇقۇڭدەك ساقلىغايسەن؛ قاناتلىرىڭ سايىسىدە مېنى يوشۇرغايسەن؛ | 8 |
ひとみのようにわたしを守り、みつばさの陰にわたしを隠し、
مېنى بۇلىماقچى بولغان رەزىل ئادەملەردىن، مېنى قورشىۋالغان ئەشەددىي كۈشەندىلىرىمدىن يوشۇرغىن؛ | 9 |
わたしをしえたげる悪しき者から、わたしを囲む恐ろしい敵から、のがれさせてください。
ئۇلارنىڭ باغرىنى ماي قاپلاپ، قېتىپ كەتكەن؛ ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرى تەكەببۇرلارچە سۆزلەيدۇ؛ | 10 |
彼らはその心を閉じて、あわれむことなく、その口をもって高ぶって語るのです。
ئۇلار يولىمىزنى تورىۋېلىپ، بىزنى يەرگە ئۇرۇشقا كۆزىنى ئالايتىپ، | 11 |
彼らはわたしを追いつめ、わたしを囲み、わたしを地に投げ倒さんと、その目をそそぎます。
ئولجىغا ئاچ كۆزلۈك بىلەن تىكىلگەن شىردەك، يوشۇرۇن جايلاردا ماراپ يۈرىدىغان ياش شىردەكتۇر. | 12 |
彼らはかき裂かんと、いらだつししのごとく、隠れた所にひそみ待つ子じしのようです。
ئورنۇڭدىن تۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، ئۇنىڭ يولىنى توسۇپ، يەر بىلەن يەكسان قىلغايسەن، جېنىمنى رەزىل ئادەمدىن قۇتقۇزغىن، قىلىچىڭ بىلەن؛ | 13 |
主よ、立ちあがって、彼らに立ちむかい、彼らを倒してください。つるぎをもって悪しき者からわたしのいのちをお救いください。
[مېنى] ئۆز قولۇڭ بىلەن كىشىلەردىن، يەنى مۇشۇ دەۋردىكى كىشىلەردىن قۇتقۇزغىن؛ ئۇلارنىڭ نېسىۋىسى بولسا مۇشۇ دۇنيادىلادۇر؛ سەن ئۇلارنىڭ قارنىنى نېمەتلىرىڭ بىلەن تولدۇرىسەن؛ ئۇلارنىڭ كۆڭلى پەرزەنتلىرى بىلەن قاندى، بالىلىرىغا بايلىقلىرىنى قالدۇرىدۇ. | 14 |
主よ、み手をもって人々からわたしをお救いください。すなわち自分の分け前をこの世で受け、あなたの宝をもってその腹を満たされる世の人々からわたしをお救いください。彼らは多くの子に飽き足り、その富を幼な子に残すのです。
مەن بولسام، ھەققانىيلىقتا يۈزۈڭگە قارىغۇچى بولىمەن؛ ئويغانغىنىمدا، سېنىڭ دىدارىڭدىن سۆيۈنىمەن! | 15 |
しかしわたしは義にあって、み顔を見、目ざめる時、みかたちを見て、満ち足りるでしょう。