< زەبۇر 16 >
داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى: مېنى ساقلىغىن، ئى تەڭرى، چۈنكى مەن ساڭا تايىنىمەن. | 1 |
Proteggimi, o Dio: in te mi rifugio. Miktam. Di Davide.
مېنىڭ جېنىم پەرۋەردىگارغا: «سەن مېنىڭ رەببىمدۇرسەن؛ سەندىن باشقا مېنىڭ بەخت-سائادىتىم يوقتۇر» ــ دېدى. | 2 |
Ho detto a Dio: «Sei tu il mio Signore, senza di te non ho alcun bene».
يەر يۈزىدىكى مۇقەددەس بەندىلىرىڭ بولسا، ئۇلار ئالىيجانابلاردۇر، ئۇلار مېنىڭ ھەممە خۇشاللىقىمدۇر. | 3 |
Per i santi, che sono sulla terra, uomini nobili, è tutto il mio amore.
كىم باشقا ئىلاھنى ئىزدەشكە ئالدىرىسا، ئۇلارنىڭ دەردلىرى كۆپىيىپ كېتىدۇ. غەيرىي ئىلاھلارغا ئاتاپ ھەدىيە قانلىرىنى تۆكمەيمەن، ئۇلارنىڭ ناملىرىنى تىلىمغىمۇ ئالمايمەن. | 4 |
Si affrettino altri a costruire idoli: io non spanderò le loro libazioni di sangue né pronunzierò con le mie labbra i loro nomi.
پەرۋەردىگار بولسا مېنىڭ مىراسىم ھەم قەدەھىمدىكى نېسىۋەمدۇر؛ چەك تاشلىنىپ ئېرىشكەن نېسىۋەمنى ئۆزۈڭ ساقلايسەن؛ | 5 |
Il Signore è mia parte di eredità e mio calice: nelle tue mani è la mia vita.
[نېسىۋەمنى بەلگىلىگەن] سىزىقلار ماڭا گۈزەل يەرلەرنى بېكىتكەندۇر؛ بەرھەق، مېنىڭ گۈزەل مىراسىم باردۇر! | 6 |
Per me la sorte è caduta su luoghi deliziosi, è magnifica la mia eredità.
ماڭا نەسىھەت بەرگەن پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن؛ ھەتتا كېچىلەردىمۇ ۋىجدانىم ماڭا ئۆگىتىدۇ. | 7 |
Benedico il Signore che mi ha dato consiglio; anche di notte il mio cuore mi istruisce.
مەن پەرۋەردىگارنى ھەردائىم كۆز ئالدىمدىن كەتكۈزمەيمەن؛ ئۇ ئوڭ يېنىمدا بولغاچقا، مەن ھەرگىز تەۋرەنمەيمەن. | 8 |
Io pongo sempre innanzi a me il Signore, sta alla mia destra, non posso vacillare.
شۇڭا مېنىڭ قەلبىم شادلاندى، مېنىڭ روھىم تېخىمۇ كۆتۈرۈلىدۇ، مېنىڭ تېنىم ئامان-ئېسەنلىكتە تۇرىدۇ؛ | 9 |
Di questo gioisce il mio cuore, esulta la mia anima; anche il mio corpo riposa al sicuro,
چۈنكى جېنىمنى تەھتىسارادا قالدۇرمايسەن، شۇنداقلا سېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچىڭنى چىرىشتىن ساقلايسەن. (Sheol ) | 10 |
perché non abbandonerai la mia vita nel sepolcro, né lascerai che il tuo santo veda la corruzione. (Sheol )
سەن ماڭا ھايات يولىنى كۆرسىتىسەن؛ ھۇزۇرۇڭدا تولۇپ تاشقان شاد-خۇراملىق باردۇر؛ ئوڭ قولۇڭدا مەڭگۈلۈك بەھرە-لەززەتلەرمۇ باردۇر. | 11 |
Mi indicherai il sentiero della vita, gioia piena nella tua presenza, dolcezza senza fine alla tua destra.