< زەبۇر 150 >
ھەمدۇسانا! تەڭرىنى ئۇنىڭ مۇقەددەس جايىدا مەدھىيىلەڭلار؛ قۇدرىتى پارلاپ تۇرىدىغان ئەرشلەردە ئۇنى مەدھىيىلەڭلار؛ | 1 |
Praise ye Jehovah. Praise God in his sanctuary. Praise him in the firmament of his power.
ئۇنى قۇدرەتلىك ئىشلىرى ئۈچۈن مەدھىيىلەڭلار؛ غايەت ئۇلۇغلۇقى ئۈچۈن ئۇنى مەدھىيىلەڭلار؛ | 2 |
Praise him for his mighty acts. Praise him according to his excellent greatness.
ئۇنى بۇرغا ساداسى بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛ ئۇنى راۋاب ھەم چىلتار بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛ | 3 |
Praise him with trumpet sound. Praise him with psaltery and harp.
ئۇنى داپ ھەم ئۇسسۇل بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛ ئۇنى تارلىق سازلار ھەم نەي بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛ | 4 |
Praise him with timbrel and dance. Praise him with stringed instruments and pipe.
ئۇنى جاراڭلىق چاڭلار ھەم ياڭراق چاڭلار بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛ | 5 |
Praise him with loud cymbals. Praise him with high sounding cymbals.
بارلىق نەپەس ئىگىلىرى ياھنى مەدھىيىلىسۇن! ھەمدۇسانا! | 6 |
Let everything that has breath praise Jehovah. Praise ye Jehovah.