< زەبۇر 15 >
داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگار، كىم چېدىرىڭدا تۇرالايدۇ؟ كىم پاك-مۇقەددەس تېغىڭدا ماكانلىشىدۇ؟ | 1 |
Salmo de David. El SEÑOR, ¿quién habitará en tu tabernáculo? ¿Quién residirá en el monte de tu santidad?
كىمكى تامامەن دۇرۇسلۇقتا ماڭسا، ھەققانىيلىقنى يۈرگۈزسە، كۆڭلىدە ھەقىقەتنى سۆزلىسە؛ | 2 |
El que anda en integridad, y obra justicia, y habla verdad en su corazón.
تىلى بىلەن گەپ توشۇمىسا، ئۆز يېقىنىغا يامانلىق قىلمىسا، قوشنىسىنىڭ ئەيىبىنى كولاپ ئاچمىسا، | 3 |
El que no revolvió con su lengua, ni hizo mal a su prójimo, ni levantó vergüenza contra su prójimo.
پەس ئادەمنى كۆزگە ئىلمىسا، پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغانلارنى ھۆرمەتلىسە، ئۆزىگە زىيانلىق بولغان تەقدىردىمۇ ئىچكەن قەسىمىنى ئۆزگەرتمىسە، | 4 |
Aquel a cuyos ojos es menospreciado el vil; mas honra a los que temen al SEÑOR; juró en daño suyo, y no mudó.
پۇلنى خەقلەرگە ئۆسۈمگە بەرمىسە، بىگۇناھلارنىڭ زىيىنىغا پارا ئالمىسا؛ كىمكى مۇشۇلارنى قىلسا، مەڭگۈگە تەۋرەنمەس. | 5 |
Quien su dinero no dio a usura, ni contra el inocente tomó cohecho. El que hace estas cosas, no resbalará para siempre.