< زەبۇر 148 >
ھەمدۇسانا! پەرۋەردىگارنى ئاسمانلاردىن مەدھىيىلەڭلار؛ يۇقىرى جايلاردا ئۇنى مەدھىيىلەڭلار؛ | 1 |
Praise ye Jehovah. Praise ye Jehovah from the heavens: Praise him in the heights.
ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، بارلىق پەرىشتىلىرى؛ ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، بارلىق قوشۇنلىرى! | 2 |
Praise ye him, all his angels: Praise ye him, all his host.
ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، ئى قۇياش ھەم ئاي، ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، ھەممە پارلاق يۇلتۇزلار؛ | 3 |
Praise ye him, sun and moon: Praise him, all ye stars of light.
ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، ئاسمانلارنىڭ ئاسمانلىرى، ئاسماندىن يۇقىرى جايلاشقان سۇلار! | 4 |
Praise him, ye heavens of heavens, And ye waters that are above the heavens.
بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى مەدھىيىلىسۇن؛ چۈنكى ئۇ بۇيرۇغان ھامان، ئۇلار ياراتىلغاندۇر؛ | 5 |
Let them praise the name of Jehovah; For he commanded, and they were created.
ئۇ ئۇلارنى ئەبەدىلئەبەدگىچە تۇرغۇزدى؛ ئۇلار ئۈچۈن ۋاقتى ئۆتمەيدىغان بەلگىلىمىنى بۇيرۇغان. | 6 |
He hath also established them for ever and ever: He hath made a decree which shall not pass away.
پەرۋەردىگارنى زېمىندىن مەدھىيىلەڭلار، دېڭىزدىكى بارلىق ئەجدىھالار، دېڭىزنىڭ بارلىق تەگلىرى؛ | 7 |
Praise Jehovah from the earth, Ye sea-monsters, and all deeps;
ئوت، مۆلدۈز، قار، تۇمان، ئۇنىڭ سۆزىگە ئەمەل قىلىدىغان جۇدۇنلۇق شامال؛ | 8 |
Fire and hail, snow and vapor; Stormy wind, fulfilling his word;
تاغلار ھەم بارلىق دۆڭلەر، مېۋىلىك دەرەخلەر، بارلىق كېدىر دەرەخلىرى، | 9 |
Mountains and all hills; Fruitful trees and all cedars;
ياۋايى ھايۋانلار، بارلىق مال-ۋارانلار، ئۆمىلىگۈچىلەر ھەم ئۇچار-قاناتلار؛ | 10 |
Beasts and all cattle; Creeping things and flying birds;
جاھان پادىشاھلىرى ۋە بارلىق قوۋملار، ئەمىرلەر ھەم يەر يۈزىدىكى بارلىق ھاكىم-سوتچىلار؛ | 11 |
Kings of the earth and all peoples; Princes and all judges of the earth;
ھەم يىگىتلەر ھەم قىزلار، بوۋايلار ۋە ياشلار، ــ | 12 |
Both young men and virgins; Old men and children:
ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى مەدھىيىلىسۇن؛ چۈنكى پەقەتلا ئۇنىڭ نامى ئالىيدۇر؛ ئۇنىڭ ھەيۋىتى يەر ھەم ئاسماندىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. | 13 |
Let them praise the name of Jehovah; For his name alone is exalted; His glory is above the earth and the heavens.
ھەم ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ مۈڭگۈزىنى، يەنى بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ مەدھىيىسىنى ئېگىز كۆتۈرگۈزگەن؛ ئۇلار ئىسرائىل بالىلىرى، ئۆزىگە يېقىن بىر خەلقتۇر! ھەمدۇسانا! | 14 |
And he hath lifted up the horn of his people, The praise of all his saints; Even of the children of Israel, a people near unto him. Praise ye Jehovah.