< زەبۇر 147 >
ھەمدۇسانا! ياھنى مەدھىيىلەڭلار! بەرھەق، بۇنداق قىلىش شېرىندۇر؛ خۇدايىمىزنى كۈيلەڭلار! مەدھىيە ئوقۇش ئىنسانغا يارىشىدۇ. | 1 |
Lobpreist den Herrn! Weil er so gut, ist unser Gott des Lobes wert; weil er so liebevoll, des Ruhmes würdig.
پەرۋەردىگار يېرۇسالېمنى بىنا قىلماقتا؛ ئىسرائىلنىڭ سۈرگۈن قىلىنغانلىرىنى ئۇ يىغىپ كېلىدۇ؛ | 2 |
Der Herr erbaut Jerusalem; er sammelt die Zerstreuten Israels.
ئۇ كۆڭلى سۇنۇقلارنى داۋالايدۇ؛ ئۇلارنىڭ يارىلىرىنى تاڭىدۇ. | 3 |
Er heilet die gebrochenen Herzen und lindert ihre Schmerzen
ئۇ يۇلتۇزلارنىڭ سانىنى سانايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە بىر-بىرلەپ ئىسىم قويىدۇ. | 4 |
Der Sterne Zahl hat er bestimmt und ruft sie all mit Namen auf.
ئۇلۇغدۇر رەببىمىز، زور قۇدرەتلىكتۇر؛ ئۇنىڭ چۈشىنىشى چەكسىزدۇر. | 5 |
Ja, unser Herr ist groß, gewaltig, und seine Weisheit unbeschreiblich.
پەرۋەردىگار ياۋاش مۆمىنلەرنى يۆلەپ كۆتۈرىدۇ؛ رەزىللەرنى يەرگىچە تۆۋەن قىلىدۇ. | 6 |
Der Herr hebt die Gebeugten auf; die Frevler aber beugt er in den Staub. -
پەرۋەردىگارغا تەشەككۈرلەر بىلەن ناخشا ئېيتىڭلار؛ كۈيلەرنى چىلتارغا تەڭشەپ ئېيتىڭلار! | 7 |
So dankt dem Herrn in Wechselchören! So singet auf der Zither unserm Gott,
ئۇ ئاسماننى بۇلۇتلار بىلەن قاپلىتىدۇ، زېمىنغا يامغۇرنى بېكىتىدۇ، تاغلاردا ئوت-چۆپلەرنى ئۆستۈرىدۇ؛ | 8 |
ihm, der den Himmel deckt mit Wolken und so der Erde Regen schafft, der Gras auf Bergen sprossen läßt,
ماللارغا ئوزۇق، تاغ قاغىسىنىڭ چۈجىلىرى زارلىغاندا، ئۇلارغا ئوزۇق بېرىدۇ؛ | 9 |
und der dem Wilde Futter gibt, den jungen Raben das, wonach sie rufen!
ئات كۈچىدىن ئۇ زوق ئالمايدۇ؛ ئادەمنىڭ چەبدەس پۇتلىرىنى خۇرسەنلىك دەپ بىلمەيدۇ؛ | 10 |
Er hat nicht Lust an Rosses Stärke; nicht achtet er des Mannes Kraft.
پەرۋەردىگار بەلكى ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلارنى، ئۆزىنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىگە ئۈمىد باغلىغانلارنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىدۇ. | 11 |
Dem Herrn gefallen, die vor ihm sich fürchten, und wer auf seine Gnade harrt. -
پەرۋەردىگارنى ماختاڭلار، ئى يېرۇسالېم؛ خۇدايىڭنى مەدھىيىلە، ئى زىئون. | 12 |
Lobpreis den Herrn, Jerusalem! Lobsinge, Sion, deinem Gott!
چۈنكى ئۇ دەرۋازىلىرىڭنىڭ تاقاقلىرىنى مەھكەم قىلىدۇ؛ سېنىڭدە تۇرۇۋاتقان پەرزەنتلىرىڭگە بەخت-بەرىكەت بەردى. | 13 |
Er festigt deiner Tore Riegel und segnet darin deine Söhne,
ئۇ چەت-چېگرالىرىڭدا ئارام-تىنچلىق يۈرگۈزىدۇ، سېنى بۇغداينىڭ ئېسىلى بىلەن قانائەتلەندۈرىدۇ. | 14 |
und wieder gibt er deinen Grenzen Frieden und sättigt dich mit feinstem Weizen.
ئۇ ئۆز ئەمر-بېشارەتلىرىنى يەر يۈزىگە ئەۋەتىدۇ؛ ئۇنىڭ سۆز-كالامى ئىنتايىن تېز يۈگۈرىدۇ. | 15 |
Zur Erde sendet er sein Wort, und schnell läuft sein Befehl.
ئۇ ئاق قارنى يۇڭدەك بېرىدۇ، قىراۋنى كۈللەردەك تارقىتىدۇ. | 16 |
Wie Wolle gibt er Schnee und streut den Reif wie Asche.
ئۇنىڭ مۇزىنى نان ئۇۋاقلىرىدەك قىلىپ پارچىلىۋېتىدۇ؛ ئۇنىڭ سوغۇقى ئالدىدا كىم تۇرالىسۇن؟ | 17 |
Er wirft sein Eis wie Brocken hin; vor seiner Kälte bleibt das Wasser stehen.
ئۇ سۆزىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ئېرىتىدۇ؛ ئۇنىڭ شامىلىنى چىقىرىپ، سۇلارنى ئاققۇزىدۇ. | 18 |
Dann sendet er sein Wort; er macht sie schmelzen. Er gibt mir leis Befehl, und sie zergehn in Wasser.
ئۇ ئۆز سۆز-كالامىنى ياقۇپقا، بەلگىلىمىلىرىنى ھەم ھۆكۈملىرىنى ئىسرائىلغا ئايان قىلىدۇ؛ | 19 |
Er, der sein Wort läßt Jakob hören, Gesetz und Rechte Israel.
ئۇ باشقا ھېچبىر ئەلگە مۇنداق مۇئامىلە قىلمىغاندۇر؛ ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى بولسا، ئۇلار بىلىپ باققان ئەمەس. ھەمدۇسانا! | 20 |
So hat er keinem Heidenvolk getan, seine Gebote lehrte er sie nicht. Alleluja!