< زەبۇر 146 >
ھەمدۇسانا! ئى جېنىم، پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلە! | 1 |
Ⱨǝmdusana! I jenim, Pǝrwǝrdigarni mǝdⱨiyilǝ!
مەن ھايات بولساملا، پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەيمەن؛ ۋۇجۇدۇم بار بولسىلا خۇدايىمغا كۈي ئېيتىمەن. | 2 |
Mǝn ⱨayat bolsamla, Pǝrwǝrdigarni mǝdⱨiyilǝymǝn; Wujudum bar bolsila Hudayimƣa küy eytimǝn.
ئېسىلزادىلەرگىمۇ، ئىنسان بالىسىغىمۇ تايانماڭلار، ئۇلاردا ھېچ مەدەت-نىجاتلىق يوقتۇر. | 3 |
Esilzadilǝrgimu, Insan balisiƣimu tayanmanglar, Ularda ⱨeq mǝdǝt-nijatliⱪ yoⱪtur.
مانا، ئۇنىڭ نەپىسى كېتىدۇ، ئۇ ئۆز تۇپرىقىغا قايتىپ كېتىدۇ؛ شۇ كۈندىلا ئارزۇ-نىيەتلىرى يوقاپ كېتىدۇ. | 4 |
Mana, uning nǝpisi ketidu, U ɵz tupriⱪiƣa ⱪaytip ketidu; Xu kündila arzu-niyǝtliri yoⱪap ketidu.
ياقۇپنىڭ تەڭرىسى مەدەتكارى بولغان ئادەم، پەرۋەردىگار خۇداسىنى ئۆز ئۈمىدى قىلغان ئادەم بەختلىكتۇر! | 5 |
Yaⱪupning Tǝngrisi mǝdǝtkari bolƣan adǝm, Pǝrwǝrdigar Hudasini ɵz ümidi ⱪilƣan adǝm bǝhtliktur!
ئۇ ئاسمانلارنى، زېمىننى، دېڭىزنى ھەم ئۇنىڭدا بار مەۋجۇداتلارنى ياراتقاندۇر؛ ئۇ ھەقىقەت-ساداقەتتە مەڭگۈ تۇرىدۇ؛ | 6 |
U asmanlarni, zeminni, Dengizni ⱨǝm uningda bar mǝwjudatlarni yaratⱪandur; U ⱨǝⱪiⱪǝt-sadaⱪǝttǝ mǝnggü turidu;
ئېزىلگۈچىلەر ئۈچۈن ئۇ ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ ئاچ قالغانلارغا نان بېرىدۇ. پەرۋەردىگار مەھبۇسلارنى ئازاد قىلىدۇ؛ | 7 |
Ezilgüqilǝr üqün U ⱨɵküm süridu; Aq ⱪalƣanlarƣa nan beridu. Pǝrwǝrdigar mǝⱨbuslarni azad ⱪilidu;
پەرۋەردىگار كورلارنىڭ كۆزلىرىنى ئاچىدۇ؛ پەرۋەردىگار ئېگىلىپ قالغانلارنى تۇرغۇزىدۇ؛ پەرۋەردىگار ھەققانىيلارنى سۆيىدۇ. | 8 |
Pǝrwǝrdigar korlarning kɵzlirini aqidu; Pǝrwǝrdigar egilip ⱪalƣanlarni turƣuzidu; Pǝrwǝrdigar ⱨǝⱪⱪaniylarni sɵyidu.
پەرۋەردىگار مۇساپىرلاردىن خەۋەر ئالىدۇ؛ يېتىم-يېسىرلەرنى، تۇل خوتۇننى يۆلەيدۇ؛ بىراق رەزىللەرنىڭ يولىنى ئەگرى-بۈگرى قىلىدۇ. | 9 |
Pǝrwǝrdigar musapirlardin hǝwǝr alidu; Yetim-yesirlǝrni, tul hotunni yɵlǝydu; Biraⱪ rǝzillǝrning yolini ǝgri-bügri ⱪilidu.
پەرۋەردىگار مەڭگۈگە ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ ئى زىئون، سېنىڭ خۇدايىڭ دەۋردىن-دەۋرگىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ! ھەمدۇسانا! | 10 |
Pǝrwǝrdigar mǝnggügǝ ⱨɵküm süridu; I Zion, sening Hudaying dǝwrdin-dǝwrgiqǝ ⱨɵküm süridu! Ⱨǝmdusana!