< زەبۇر 144 >
داۋۇت يازغان كۈي: ــ قوللىرىمغا جەڭ قىلىشنى، بارماقلىرىمغا ئۇرۇشنى ئۆگىتىدىغان، مېنىڭ قورام تېشىم پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن! | 1 |
上主,我的磐石,他應該常受頌讚!他教我的手能鬥,教我的指能戰。
مېنىڭ ئۆزگەرمەس شەپقىتىم ۋە مېنىڭ قورغىنىم، مېنىڭ ئېگىز مۇنارىم ۋە نىجاتكارىم، مېنىڭ قالقىنىم ۋە تايانغىنىم، مەن ئۇنىڭدىن ھىمايە تاپىمەن؛ ئۇ ئۆز خەلقىمنى قول ئاستىمدا بويسۇندۇرغۇچىدۇر! | 2 |
他是我的力量,我的堡壘,他是我的干城,我的救主,我的盾牌及我的避難所,他使萬民都來屈服於我。
ئى پەرۋەردىگار، سەن ئۇنىڭدىن خەۋەر ئالىدىكەنسەن، ئادەم دېگەن زادى نېمە؟ ئۇنىڭ توغرۇلۇق ئويلايدىكەنسەن، ئىنسان بالىسى دېگەن نېمە؟ | 3 |
上主,世人算什麼,您竟眷顧他,人子算什麼您竟懷念他?
ئادەم بولسا بىر نەپەستۇرلا، خالاس؛ ئۇنىڭ كۈنلىرى ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر كۆلەڭگىدۇر، خالاس. | 4 |
世人不過像一口氣,他的歲月如影消逝。
ئى پەرۋەردىگار، ئاسمانلارنى ئېگىلدۈرۈپ چۈشكەيسەن؛ تاغلارغا تېگىپ ئۇلاردىن ئىس-تۈتەك چىقارغايسەن؛ | 5 |
上主,求您將天低垂,親自降凡,您一觸摸群山,群山立即冒煙。
چاقماقلارنى چاققۇزۇپ ئۇلارنى تارقىتىۋەتكەيسەن؛ ئوقلىرىڭنى ئېتىپ ئۇلارنى قىيقاس-سۈرەنگە سالغايسەن؛ | 6 |
求您發出閃電,將敵人驅散,求您把箭射出,使他們混亂。
يۇقىرىدىن قوللىرىڭنى ئۇزىتىپ، مېنى ئازاد قىلغايسەن؛ مېنى ئۇلۇغ سۇلاردىن، ياقا يۇرتتىكىلەرنىڭ چاڭگىلىدىن چىقارغايسەن. | 7 |
求您自高處伸出您的手,救拔我,求您由洪水和外人手中,拯救我!
ئۇلارنىڭ ئاغزى قۇرۇق گەپ سۆزلەيدۇ، ئوڭ قولى ئالدامچى قولدۇر. | 8 |
他們的口舌只說虛言謊語,只是為發假誓而舉起右手。
ئى خۇدا، مەن ساڭا ئاتاپ يېڭى ناخشا ئېيتىمەن؛ ئونتارغا تەڭكەش بولۇپ ساڭا كۈيلەرنى ئېيتىمەن. | 9 |
天主,我要向您高唱新曲,我要彈十絃琴向您詠奏。
سەن پادىشاھلارغا نىجاتلىق-غەلىبە بېغىشلايسەن؛ قۇلۇڭ داۋۇتنى ئەجەللىك قىلىچتىن قۇتۇلدۇرىسەن. | 10 |
是您賜給君王獲得了勝利,是您拯救了您的僕人達味。
مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن، يات يۇرتتىكىلەرنىڭ قولىدىن ئازاد قىلغايسەن؛ ئۇلارنىڭ ئاغزى قۇرۇق گەپ سۆزلەيدۇ، ئوڭ قولى ئالدامچى قولدۇر. | 11 |
求您由凶險的刀劍救拔我,求您由外人的手掌拯救我!他們的口舌只說虛言謊語,只是為發假誓而舉起右手。
شۇنداق قىلىپ ئوغۇللىرىمىز ياشلىقىدا پۇختا يېتىلگەن كۆچەتلەرگە ئوخشايدۇ، قىزلىرىمىز ئوردىچە نەقىشلەنگەن تۈۋرۈكلەردەك بولىدۇ؛ | 12 |
願我們的兒子們,從幼就像茂盛的果樹,願我們的女兒們,像宮殿中雕刻的砥柱!
ئاشلىق ئامبارلىرىمىز تولدۇرۇلۇپ، تۈرلۈك-تۈرلۈك ئوزۇقلار بىلەن تەمىنلەيدىغان، قويلىرىمىز ئوتلاقلىرىمىزدا مىڭلاپ، تۈمەنلەپ قوزىلايدىغان؛ | 13 |
願我們倉廩裡的各種食糧常滿,願我們牧場上的羊群,蕃殖億萬!
كالىلىرىمىز بوغاز بولىدىغان؛ ھېچكىم بېسىپ كىرمەيدىغان، ھېچكىم [جەڭگە] چىقمايدىغان؛ كوچىلىرىمىزدا ھېچ جېدەل-غوۋغا بولمايدىغان؛ | 14 |
願我們的牲畜常滿載重量,城牆沒有缺口也沒有逃亡,我們的街市中也沒有悲傷。
ئەھۋالى شۇنداق بولغان خەلق نېمىدېگەن بەختلىكتۇر! خۇداسى پەرۋەردىگار بولغان خەلق بەختلىكتۇر! | 15 |
身逢這些福樂的百姓,真是有福,認上主為天主的人民,真是有福。