< زەبۇر 141 >
داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگار، مەن ساڭا نىدا قىلدىم؛ يېنىمغا تېزدىن كەلگەيسەن؛ ساڭا نىدا قىلغىنىمدا ئاۋازىمنى ئاڭلىغايسەن. | 1 |
上主,我呼求您,請求速來救助我;上主,我呼求您,請您聽我的呼號。
دۇئايىمنى ئاڭلىغىنىڭدا، ساڭا سۇنۇلغان خۇشبۇيدەك يېقىملىق بولسۇن، قولۇمنىڭ كۆتۈرۈلۈشى سۇنۇلغان كەچلىك قۇربانلىقتەك قوبۇل بولسۇن. | 2 |
願我向您的祈禱,像馨香上升;願我的手高舉,如同晚祭的高騰。
ئاغزىم ئالدىدا كۆزەتچى تۇرغۇزغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ لەۋلىرىم دەرۋازىسىنى ساقلىغايسەن؛ | 3 |
上主,求您在我的口邊派守衛,求您在我的唇前派警備。
كۆڭلۈمنى ھېچقانداق يامان ئىشقا، قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا شېرىك بولۇپ، رەزىللىك قىلىشقا مايىل قىلمىغايسەن. مېنى ئۇلارنىڭ نېمەتلىرىدىن ھېچ يېگۈزمىگەيسەن! | 4 |
莫讓我的心傾向邪道,免得我再去犯罪作惡;莫讓我與惡人同作壞事,免得我嚐食他們的美味。
ھەققانىي ئادەم مېنى ئۇرسۇن ــ بۇ ماڭا مېھرىبانلىقتۇر؛ ماڭا تەنبىھ بەرسۇن ــ بۇ بولسا، بېشىم رەت قىلمايدىغان، قۇيۇلغان ئېسىل مايدەك بولىدۇ. چۈنكى مېنىڭ دۇئايىم يەنىلا شۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىگە قارشى بولىدۇ. | 5 |
義人責打我,算是我的恩遇,他責斥我,是給我頭的傅油。我的頭也決不會加以抗拒,我仍然為迫害我的人祈求。
ئۇلارنىڭ ھاكىملىرى تىك يارلاردىن تاشلىۋېتىلگەندە، [خەلق] مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلايدۇ؛ چۈنكى بۇ سۆزلەر شېرىندۇر. | 6 |
當他們的首領被拋於巖石時,纔感覺到我的話是如何甘飴。
بىرسى ئوتۇن يارغاندا يەرگە چېچىلغان يېرىندىلاردەك، مانا، ئۇستىخانلىرىمىز تەھتىسارا ئىشىكى ئالدىدا چېچىۋېتىلدى؛ (Sheol ) | 7 |
他們的骨頭被棄置在陰府門旁,像人耕地掘田,將土塊任意拋放。 (Sheol )
بەرھەق، كۆزلىرىم ساڭىلا تىكىلىپ قارايدۇ، پەرۋەردىگار رەببىم؛ ساڭا تايىنىمەن؛ جېنىمنى خاراب قىلىپ تاشلىۋەتمىگەيسەن. | 8 |
上主天主,我的雙目一直仰望你,我信賴你,不要將我的靈魂拋棄。
ئۇلارنىڭ ماڭا سالغان قىلتىقىدىن، قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ تۇزاقلىرىدىن مېنى ساقلىغايسەن؛ | 9 |
求你保護我免陷於他們為我設的網羅,求你使我能夠脫離為非作歹者的圈套。
رەزىللەر ئۆزىنىڭ تورلىرىغا يىقىلسۇن، مەن بولسام ــ ئۆتۈپ كېتىمەن. | 10 |
願惡人一起墮入自設的網羅,而我卻得以安然無恙地脫逃。