< زەبۇر 140 >
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ رەزىل ئادەمدىن، ئى پەرۋەردىگار، مېنى ئازاد قىلغايسەن؛ زوراۋان كىشىدىن مېنى ساقلىغايسەن. | 1 |
En Psalm Davids, till att föresjunga. Fräls mig, Herre, ifrån onda menniskor; bevara mig för vrångvisa män;
ئۇلار كۆڭلىدە يامانلىقلارنى ئويلىماقتا؛ ئۇلار ھەر كۈنى جەم بولۇشۇپ ئۇرۇش چىقارماقچى. | 2 |
De der ondt tänka i sin hjerta, och dagliga komma örlig åstad.
تىلىنى يىلاننىڭكىدەك ئىتتىك قىلىدۇ؛ كوبرا يىلاننىڭ زەھىرى لەۋلىرى ئاستىدا تۇرىدۇ؛ سېلاھ. | 3 |
De hvässa sina tungo såsom en orm; huggormaförgift är under deras läppar. (Sela)
رەزىل ئادەمنىڭ قوللىرىدىن مېنى ئامان قىلىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ پۇتلىرىمنى پۇتلاشنى قەستلەيدىغان زوراۋان كىشىدىن ساقلىغايسەن. | 4 |
Bevara mig, Herre, för de ogudaktigas hand. Bevara mig för vrångvisa menniskor, de der tänka till att omstöta min gång.
تەكەببۇرلار مەن ئۈچۈن قىلتاق، تانىلارنى يوشۇرۇپ تەييارلىدى؛ يول بويىدا تور يايدى، مەن ئۈچۈن تۇزاقلارنى سالدى؛ سېلاھ. | 5 |
De högfärdige sätta mig snaror, och utsträcka mig rep till nät, och gildra för mig vid vägen. (Sela)
مەن پەرۋەردىگارغا: «سەن مېنىڭ تەڭرىمدۇرسەن» ــ دېدىم؛ يېلىنىشلىرىم ساداسىغا قۇلاق سالغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ | 6 |
Men jag säger till Herran: Du äst min Gud; Herre, förnim mine böns röst.
پەرۋەردىگار رەب نىجاتلىقىمنىڭ كۈچىدۇر؛ سەن جەڭ كۈنىدە بېشىمنى يېپىپ قوغدىغانسەن. | 7 |
Herre, Herre, min starka hjelp; du beskärmar mitt hufvud i stridstidenom.
رەزىل ئادەمنىڭ ئۈمىدىنى ئىجابەت قىلمىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ ئۇلارنىڭ ھىيلىلىرىنى ئاققۇزمىغايسەن؛ بولمىسا ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتۇۋالىدۇ. سېلاھ. | 8 |
Herre, låt icke dem ogudaktiga sitt begär; styrk icke hans onda vilja; de måtte högmodas deraf. (Sela)
مېنى قورشىۋالغانلارنىڭ بولسا، لەۋلىرىدىن چىققان شۇملۇق ئۇلارنىڭ ئۆز بېشىغا چۈشسۇن؛ | 9 |
Det onda, der mine fiender om rådslå, falle uppå deras hufvud.
ئۈستىگە چوغلار ياغدۇرۇلسۇن؛ ئۇلار ئوتقا، قايتىدىن چىقالمىغۇدەك ھاڭلارغا تاشلىۋېتىلسۇن؛ | 10 |
Han skall utskudda öfver dem ljungeld. Han skall med eld slå dem djupt neder i jordena, så att de aldrig mer uppstå skola.
تىلى چېقىمچى ئادەمنىڭ يەر يۈزىدە ئورنى بولمىسۇن؛ بالايىئاپەت زوراۋانلارنى تۈگەشكۈچە ئوۋلايدۇ؛ | 11 |
En ond mun skall ingen lycko hafva på jordene. En vrångvis ond menniska skall förjagad och omstört varda.
مەن بىلىمەنكى، پەرۋەردىگار ئېزىلگەنلەرنىڭ دەۋاسىنى سورايدۇ، يوقسۇلنىڭ ھەققىنى ئېلىپ بېرىدۇ؛ | 12 |
Ty jag vet, att Herren skall uträtta dens eländas sak, och dens fattigas rätt.
بەرھەق، ھەققانىيلار نامىڭغا تەشەككۈر ئېيتىدۇ؛ كۆڭلى دۇرۇسلار ھۇزۇرۇڭدا ياشايدۇ. | 13 |
Och skola de rättfärdige tacka dino Namne, och de fromme skola för ditt ansigte blifva.